ۋاڭ خۇنىڭ ئاز سانلىق مىللەت ساھەسىدىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى بىلەن دۆلەت ئىشلىرىنى بىرلىكتە كېڭەشتى

2024.03.07 15:10 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيوروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ 3-ئاينىڭ 6-كۈنى ئاز سانلىق مىللەت ساھەسىدىكى ئەزالارنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشتى. ۋاڭ خۇنىڭ ئەزالارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى دەۋردە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى تۈپ جەھەتتىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلغانلىقىدىن بولدى. «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇشنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى ۋە مىللەتلەر رايونىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسىنى پۇختا ئىگىلەپ، ۋەزىپە ـ مەسئۇلىيەتنى پائال تولۇق ئادا قىلىپ، چوڭقۇر كېڭىشىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش، يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن چارە-تەدبىر كۆرسىتىش، كۈچ چىقىرىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ