مۇھىم خەۋەرلەر

ئايروپىلان باشلىقى ۋە مۇئاۋىن ئايروپىلان باشلىقى بىرلا ۋاقىتتا ئۇخلاپ قېلىپ، يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ئۇچۇش يولىدىن چەتنەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ھىندونېزىيە قاتناش مىنىستىرلىقى مەخسۇس تەكشۈرۈش تەكشۈرمەكچى

2024.03.11 14:20 مەنبە: خەلق تورى

  شۇ جاي ۋاقتى 9-مارت، ھىندونېزىيە قاتناش مىنىستىرلىقى ھىندونېزىيە بادى ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ئايروپىلان باشلىقى ۋە مۇئاۋىن ئايروپىلان باشلىقىنىڭ ئۇچۇش جەريانىدا بىرلا ۋاقىتتا قاتتىق ئۇيقۇغا كەتكەنلىكى توغرىسىدا ئاشكارا پىكىر بايان قىلدى. قاتناش مىنىستىرلىقى بادى ئاۋىياتسىيەسىنى قاتتىق ئاگاھلاندۇردى ھەمدە بۇ دېلونى مەخسۇس تەكشۈرمەكچى بولدى.

  ھىندونېزىيە قاتناش مىنىستىرلىقى خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى ئۇچقۇچى ۋە باشقا ئايروپىلان خادىملىرىنىڭ دەم ئېلىش ۋاقتى ۋە سۈپىتىگە دىققەت قىلىشى كېرەك، بۇ ئايروپىلان خادىملىرىنىڭ ئۇچۇش جەريانىدىكى سەزگۈرلۈكىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى ھىندونېزىيەدىكى بارلىق ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ كېچىدە ئۇچۇش ۋە چارچاش جەھەتتىكى خەتىرىنى تەكشۈرىدۇ.

  بادى ئاۋىياتسىيە شىركىتى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئايروپىلان باشلىقى ۋە مۇئاۋىن ئايروپىلان باشلىقى ئۇچۇشتىن توختىتىلدى ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 25-يانۋار، بادى ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ID-6723 نومۇرلۇق نۆۋەتچى ئايروپىلانى شەرقىي جەنۇبتىكى سۇلاۋېسى ئۆلكىسىنىڭ كېندارى شەھىرىدىن پايتەخت جاكارتاغا قاراپ ئۇچقان، ئۇچۇش جەريانىدا ئىككى ئۇچقۇچى بىرلا ۋاقىتتا 28 مىنۇت قاتتىق ئۇيقۇغا كەتكەن. ئايروپىلان ئۇچۇش لىنىيەسىدىن چەتنەپ جەنيۈ ناھىيەسىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىغا خاتا كىرىپ قالغان، ئۇچقۇچى ئويغانغاندىن كېيىن، ئايروپىلان يۆنىلىشىنى قايتا تەڭشەپ مەنزىلگە يېتىپ بارغان.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ