مۇھىم خەۋەرلەر

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: مالايسىيا زۇڭلىسىنىڭ غەربنىڭ «جۇڭگودىن قورقۇش كېسىلى»نى تەنقىدلىشى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئەكس ئەتتۈردى

2024.02.28 23:43 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مالايسىيا زۇڭلىسى ئەنۋەرنىڭ يېقىندا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ «جۇڭگودىن قورقۇش كېسىلى» بارلىقىنى تەنقىد قىلغانلىقى توغرىسىدا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ 2-ئاينىڭ 26-كۈنى زۇڭلى ئەنۋەرنىڭ پوزىتسىيەسى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئەكس ئەتتۈردى، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى دۇنيانىڭ پۇرسىتى، دېدى.

  شۇ كۈندىكى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، بەزى مۇخبىرلار سوئال سوراپ، خەۋەرلەرگە قارىغاندا، مالايسىيا زۇڭلىسى ئەنۋەر ئەنگلىيە «پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ «جۇڭگودىن قورقۇش كېسىلى» بارلىقىنى تەنقىد قىلىپ، مالايسىيانىڭ بىتەرەپ ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولۇشتا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى، ئامېرىكىنى دەپ جۇڭگو بىلەن «ئېتىشمايدىغانلىقى»نى تەكىتلىگەن. جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟ دېدى.

  ماۋنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «زۇڭلى ئەنۋەرنىڭ پوزىتسىيەسى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش، تەرەققىياتنى كۆزلەشتە چىڭ تۇرۇشتەك يۈرەك ساداسىنى ئەكس ئەتتۈردى». جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى دۇنيانىڭ پۇرسىتى، ھەرقانداق ئادەمگە تەھدىت بولمايدۇ. جۇڭگو مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش ئاساسىدىكى تىنچلىق دىپلوماتىيە سىياسىتىنى قەتئىي يولغا قويۇپ، لاگېر قارشىلىشىشى پەيدا قىلىشقا، تەرەپ تاللاپ سەپتە تۇرۇشقا قارشى تۇرىدۇ.

  «بىز تىنچ بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى ئاساسىدا ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان دوستانە ھەمكارلىقنى راۋاجلاندۇرۇشتا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، دۇنيانىڭ باراۋەر، تەرتىپلىك كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈش، سىغدۇرۇشچان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىمىز» دېدى ماۋ نىڭ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ