مۇھىم خەۋەرلەر

ۋاڭ يى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 55-نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا قاتناشتى

2024.02.28 23:42 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى بېيجىڭدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 55-نۆۋەتلىك يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا سىن شەكلىدە قاتناشتى ھەم «ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ، دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرەيلى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.

  ۋاڭ يى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىر، خەلقئارا ۋەزىيەتتە داۋالغۇش كەسكىنلىشىپ، كىرىزىس، توقۇنۇشلار داۋالغۇپ، يەر شارى كىشىلىك ھوقۇقنى ئىدارە قىلىش قىزىل رەقىمى تېخىمۇ ئېغىرلاشتى. خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداشنى كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، ئادەمنىڭ ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ۋە تەخىرسىز ئورۇنغا قويۇش كېرەك. كىشىلىك ھوقۇقنى دەستەك قىلىپ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا قارشى تۇرۇپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى توسۇشقا قارشى تۇرۇش كېرەك. ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات يولىنى ئۆز ئالدىغا تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىش كېرەك. ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سۆزلىشىپ ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك.

  ۋاڭ يى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئاپپاراتى خىزمەتلەرنى ئادىل، ئوبيېكتىپ قانات يايدۇرۇپ، تاللىماسلىق ۋە سىياسىيلاشتۇرماسلىق پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشى كېرەك. كۆپ تەرەپلىك كىشىلىك ھوقۇق ئاپپاراتلىرى گۇرۇھ سىياسىيسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، لاگېرلار قارشىلىشىدىغان جەڭ مەيدانىغا ئەمەس بەلكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئىجادىي ئالاقە ۋە ھەمكارلىق سۇپىسىغا ئايلىنىشى كېرەك.

  ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتى باشتىن-ئاخىر جۇڭگو خەلقىنىڭ بەختىنى كۆزلەش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىشىنى كۆزلەشنى تەۋرەنمەس كۈرەش نىشانى قىلىپ، جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، دەۋر ئېقىمىغا ماسلاشقان، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات يولىنى تېپىپ چىقتى. مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن جۇڭگو يەر شارى كىشىلىك ھوقۇقىنى ئىدارە قىلىشقا پائال قاتنىشىپ، بىر قاتار مۇھىم خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسى، خىتابنامىسى ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولدى. جۇڭگو زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىدىن بارلىق خەلققە تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل نەپ يەتكۈزۈپ، كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ