مۇھىم خەۋەرلەر

ئامېرىكا قىرغىنچىلىققا «يېشىل چىراغ ياقتى»، غەزە تېخىمۇ خەتەرلىك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى

2024.02.28 23:38 مەنبە: خەلق تورى

  ئامېرىكا يېقىندا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ غەزە توقۇنۇشى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى يەنە بىر قېتىم رەت قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئۈچۈن ئۇرۇش توختىتىشنى دەرھال ئەمەلگە ئاشۇرۇش تەلىپىنى رەت قىلدى. بۇ بۇلتۇر 10-ئايدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى پارتلىغاندىن بۇيان ئامېرىكىنىڭ تۆتىنچى قېتىم غەزەدە ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسىدە رەت قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىسرائىلىيەنىڭ غەزە رايونىدىكى ھەربىي ھەرىكىتىدە 30 مىڭغا يېقىن ئادەم ئۆلدى، 70 مىڭغا يېقىن ئادەم يارىلاندى.

  نۆۋەتتە غەزە رايونىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئەھۋالى داۋاملىق يامانلىشىۋاتىدۇ، ئۇرۇش توختىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش باش تارتىپ بولمايدىغان ئەخلاق مەجبۇرىيىتى، ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك قانۇنىي مەسئۇلىيەت، شۇنداقلا «ب د ت نىزامنامىسى»نىڭ سىياسىي تەلىپىنى ئادا قىلىشتۇر. ئامېرىكا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دەرھال ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلىشتەك مۇتلەق ساداسىغا پىسەنت قىلماي، داۋاملىق قىرغىنچىلىق قىلىش ئۈچۈن «يېشىل چىراغ يېقىپ»، غەزە ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ خەتەرلىك ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى.

  «ئامېرىكا پىلانلىغان يەنە بىر قاراڭغۇ سەھىپە»

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى يېقىندا ئالجىرىيەنىڭ ئەرەب دۆلەتلىرىگە ۋاكالىتەن ئوتتۇرىغا قويغان غەزەدە ئىنسانپەرۋەرلىك ئۈچۈن ئۇرۇش توختىتىشنى دەرھال ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلىش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى ئاۋازغا قويدى، ئامېرىكا ئۆزى يالغۇز رەت قىلغاچقا، قارار لايىھەسى ماقۇللانمىدى.

  بۇ قارار لايىھەسىدە غەزەدە دەرھال ئۇرۇش توختىتىش، بارلىق تۇتقۇنلارنى دەرھال قويۇپ بېرىش، ئىنسانپەرۋەرلىك ماددىي ئەشيالىرىنىڭ كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلىش، مەجبۇرىي كۆچۈرۈشكە قارشى تۇرۇش تەلەپ قىلىندى، بۇ ھەم ۋەزىيەتنىڭ جىددىي ئېھتىياجى ھەم ئىنسانپەرۋەرلىكنىڭ ئەڭ ئەقەللىي تەلىپى. ئاۋاز بېرىش نەتىجىسى شۇنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بەردىكى، غەزەدە ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسىدە خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە مۇتلەق ئورتاق تونۇش يوق ئەمەس، بەلكى ئامېرىكا رەت قىلىش ھوقۇقىنى ئىشلىتىپ خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئورتاق تونۇشىنى بوغۇپ قويدى. ئاۋازغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئالجىرىيەنىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ئەمار بەندجامە «ۋىجدانىڭلارغا قاراپ بېقىڭلار، تارىخ سىلەرگە قانداق باھا بېرەر؟» دېدى.

  ئامېرىكىنىڭ رەت قىلىش ھەرىكىتى ئىتتىپاقداشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ نارازىلىقى ۋە تەنقىدىنى قوزغىدى.

  فرانسىيە، مالتا، سلوۋېنىيە، نورۋېگىيە قاتارلىق نۇرغۇن ياۋروپا دۆلەتلىرىمۇ ئامېرىكىنى بەس-بەستە تەنقىد قىلىپ، «غەزە پۇقرالىرىنى ئۆلتۈرۈشنى توختىتىش»نى كۈچلۈك مۇراجىئەت قىلدى.

  ئامېرىكا «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» تور بېكىتىنىڭ ماقالىسىدە، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسى ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيەنى داۋاملىق كۈچلۈك قوللاش جەھەتتىكى يېتىم ھالىتىنى گەۋدىلەندۈردى، دەپ كۆرسىتىلدى.

  ئىسرائىلىيەنىڭ مۇستەھكەم ئىتتىپاقدىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئامېرىكا ئۇزاق مۇددەت ئىسرائىلىيەگە يان باستى، شۇنداقلا ئىسرائىلىيەنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ھەربىي ياردەم بەرگۈچى دۆلىتى بولۇپ كەلدى. بۇ نۆۋەتلىك غەزە توقۇنۇشىدا، ئامېرىكا بىر تەرەپتىن تۈرلۈك سورۇنلاردا «پۇقرالارنى قوغدايدىغانلىقى»نى جاكارلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئىسرائىلىيەگە قورال-ياراغ، ئوق-دورا يەتكۈزۈپ بەردى، يەنە ب د ت نىڭ غەزەدە ئۇرۇش توختىتىشقا تۈرتكە بولۇش تىرىشچانلىقىغا كۆپ قېتىم توسقۇنلۇق قىلدى. يېقىندا ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئومۇمىي سوممىسى 95 مىليارد 300 مىليون دوللار بولغان جىددىي خامچوت قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى، بۇنىڭ ئىچىدە تەخمىنەن 14 مىليارد دوللار ئىسرائىلىيەگە ياردەم بېرىشكە ئىشلىتىلىدۇ.

  «غەزە ھالاكەت بەلبېغى بولۇپ قالدى»

  توك ئۈزۈلۈپ قالدى، گېنېراتور توختاپ قالدى، بەزى بىمارلار ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتتى... بۇ ئىسرائىلىيەنىڭ يېقىندا خانيۇنىستىكى ناسىر دوختۇرخانىسىغا ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن كۆرۈلگەن قالايمىقانچىلىق. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەزە رايونىدىكى ھەربىي ھەرىكىتى شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، ھازىر ئۇرۇش ئوتى ئەڭ جەنۇبتىكى شەھەر رەفاغىچە تۇتاشتى.

  ئەنگلىيە «مۇھاپىزەت گېزىتى» تور بېكىتىنىڭ ماقالىسىدە غەزە پۇقرالىرىنىڭ قورقۇنچى ۋە يار-يۆلەكسىزلىكى مۇنداق تەسۋىرلەندى: غەزە بەلبېغىنىڭ كەڭ كۆلەمدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى ۋە داۋاملاشقان ئۇرۇش پۇقرالارنىڭ كېلىش ئالدىدا تۇرغان ھۇجۇمدىن قانداق قېچىپ قۇتۇلۇشىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  پەلەستىننىڭ غەزە رايونىدىكى سەھىيە تارماقلىرىنىڭ 2-ئاينىڭ 21-كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۆتكەن 24 سائەتتە غەزە رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىدا جەمئىي 118 ئادەم ئۆلگەن، 163 ئادەم يارىلانغان. بۇ نۆۋەتلىك پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى پارتلىغاندىن بۇيان، ئىسرائىلىيەنىڭ غەزە رايونىدىكى ھەربىي ھەرىكىتىدە 29 مىڭ 300 ئادەم ئۆلدى، 69 مىڭ ئادەم يارىلاندى. ئىسرائىلىيەنىڭ جاكارلىشىچە، بۇ قېتىمقى توقۇنۇشتا ھازىرغىچە ئىسرائىلىيەدىن تەخمىنەن 1200 ئادەم ئۆلگەن، كۆپ قىسمى پۇقرا بولۇپ، 200 دىن ئارتۇق ئادەم تۇتقۇن قىلىنغان.

  «غەزە ھالاكەت بەلبېغى بولۇپ قالدى» دېدى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى تېدروس 2-ئاينىڭ 21-كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ساغلاملىق ئەھۋالى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسى داۋاملىق يامانلىشىۋاتىدۇ. «كىشىلەر يېمەكلىك ۋە سۇغا ئېرىشەلمەيۋاتىدۇ، ھەتتا مېڭىشقا ئامالسىز قالغان، پەرۋىشكە ئېرىشەلمىگەن چاغدا، بىز قانداق دۇنيادا ياشاۋاتىمىز؟»

  ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنىڭ توشۇلۇشى ئېغىر چەكلىمىگە ئۇچرىغاچقا، غەزە رايونىنىڭ شىمالىي قىسىمىدا ئاشلىق كەمچىل بولۇش ئەھۋالى خەتەرلىك ھالەتكە چۈشۈپ قالدى. ب د ت نىڭ يېقىن شەرقتىكى پەلەستىن مۇساپىرلىرىنى قۇتقۇزۇش ۋە قۇرۇلۇش باشقارمىسى (يېقىن شەرقتىكى قۇتقۇزۇش قۇرۇلۇشى باشقارمىسى) 2-ئاينىڭ 21-كۈنى ئېلان قىلغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 2-ئاينىڭ 12-كۈنىگىچە غەزە رايونىنىڭ شىمالىي قىسمىغا قىلىنغان ياردەمنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ئىسرائىلىيەنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغان. پەلەستىن قىزىل يېڭى ئاي جەمئىيىتىمۇ غەزە رايونىنىڭ شىمالىدىكى 400 مىڭ ئادەمنىڭ ئاچارچىلىق تەھدىتىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

  مالتانىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ۋانىسا فرېس مۇنداق دېدى: غەزە رايونىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە يامانلىشىپ كەتكەن ئىنسانپەرۋەرلىك ئەھۋالى ۋە ئاچارچىلىق تەھدىتى كىشىنى ئىنتايىن بىئارام قىلىدۇ، جىددىي ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. دۆلەت چېگراسى يوق دوختۇرلار تەشكىلاتى ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ياردەمگە ئەڭ ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە ياردەم بېرىشنىڭ بىردىنبىر يولى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ