مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى «ب د ت چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى» تۈزۈشكەن دۆلەتلەر يىغىنىغا قاتناشتى

2023.12.14 00:43 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ب د ت چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى» 10-نۆۋەتلىك ئەھدىنامە تۈزۈشكەن دۆلەتلەر يىغىنى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى ئامېرىكىنىڭ ئاتلانتا شەھىرىدە ئېچىلدى. جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شيې فېڭ جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلىپ جۇڭگونىڭ مەيدانىنى شەرھلىدى.

  شيې فېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتى باشتىن-ئاخىر بايرىقى روشەن ھالدا چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ چىن ھىمايىسىگە ۋە كەڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇپ، چەكلەنگەن رايون بولماسلىق، تولۇق قاپلاش، قىلچە يول قويماسلىق، چىرىكلىشىشكە جۈرئەت قىلماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە مۇتلەق غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى ھەم ئومۇميۈزلۈك مۇستەھكەملىدى. جۇڭگو تۈزۈم ئەۋزەللىكى، قانۇنچىللىق ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش يولىنى تېپىپ چىقىپ، ئىنسانىيەتنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ تارىخىي يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى.

  شيې فېڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ يىل «ب د ت چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى» ئىمزالانغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى. جۇڭگو «ب د ت چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى»نى ئەڭ بۇرۇن ئىمزالىغان ۋە تەستىقلىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن «ب د ت چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى»دىكى مەجبۇرىيىتىنى باشتىن-ئاخىر سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خەلقئارا قائىدىسىنى تۈزۈشكە ئومۇميۈزلۈك قاتنىشىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش تەشەببۇسىنى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويۇپ، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، دۇنيانى ئىدارە قىلىشنىڭ ئاكتىپ قاتناشقۇچىسى ۋە مۇھىم تۆھپىكارىغا ئايلاندى. جۇڭگو دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى باراۋەر بولۇش ۋە ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، ئادىللىق، ھەققانىيلىق، پەرققە ھۆرمەت قىلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش، ۋەدىسىدە تۇرۇش ئاساسىدىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇشقا كۈچ چىقىرىپ، ئايرىم دۆلەتلەرنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ «قولىنى ھەممە تەرەپكە سوزۇپ تەۋەلىك باشقۇرۇش»نى قالايمىقان ئىشلىتىشىگە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. بىز ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتىكى تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يەر شارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىق نەتىجىلىرىدىن ھەربىر دۆلەتكە تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈشنى خالايمىز.

  «ب د ت چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى» چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ساھەسىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق، ئەڭ تەسىر كۈچىگە ئىگە خەلقئارا قانۇن ھۆججىتى، بۇ نۆۋەتلىك يىغىن بەش كۈن داۋاملىشىدۇ، كېلىشىمنى ئىجرا قىلىشقا قاراپ چىقىش، مۈلۈكنى قايتۇرۇۋېلىش، خەلقئارا ھەمكارلىق، تېخنىكا ياردىمى، چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ساھەسىدىكى مۇھىم قارالمىلار مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ