مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى، لى چياڭ خۇلاسە سۆزى قىلدى، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى يىغىنغا قاتناشتى

2023.12.13 13:43 مەنبە: خەلق تورى

  12 - ئاينىڭ 11 - كۈنىدىن 12 - كۈنىگىچە، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ياۋ داۋېي فوتوسى

  ■ كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش بىلەن تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش بىلەن يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ھەقىقىي تۈردە ئىقتىسادنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، جەمئىيەت كۆزلىمىسىنى ياخشىلاپ، ئىقتىسادنىڭ قايتا ئۆرلەپ ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ سۈپىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش ۋە مىقدارىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

  خەلق تورىنىڭ 12 - دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى 12 - ئاينىڭ 11 - كۈنىدىن 12 - كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى يىغىنغا قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ مۇھىم سۆزىدە 2023 - يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلىدى، ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى چوڭقۇر تەھلىل قىلدى، 2024 - يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. لى چياڭ خۇلاسە سۆزى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: بۇ يىل پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش باشلانغان يىل، ئۈچ يىل داۋاملاشقان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تىنچ باسقۇچقا ئۆتكەندىن كېيىن، ئىقتىساد ئەسلىگە كېلىپ تەرەققىي قىلغان بىر يىل. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، تاشقى بېسىمغا تاقابىل تۇرۇپ، ئىچكى قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش، قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئىشەنچنى ئۇرغۇتۇش، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشكە كۈچىدى، دۆلىتىمىز ئىقتىسادى قايتا ئۆرلەپ ياخشىلاندى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى. زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدا مۇھىم ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىندى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى، بىخەتەر تەرەققىياتنىڭ ئۇلى مۇستەھكەملەندى، پۇختىلاندى، خەلق تۇرمۇشى كاپالىتى كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك بولدى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشتا پۇختا قەدەم تاشلاندى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئىقتىسادنىڭ قايتا ئۆرلەپ ياخشىلىنىشىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇشتا بەزى قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارنى يېڭىشكە توغرا كېلىدۇ، ئاساسلىقى ئۈنۈملۈك ئېھتىياج يېتەرلىك ئەمەس، قىسمەن كەسىپلەردىكى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچە، جەمئىيەت كۆزلىمىسى بىرقەدەر ئاجىز، خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپى يەنىلا بىرقەدەر كۆپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشتا توسۇق نۇقتىلار مەۋجۇت، تاشقى مۇھىتنىڭ مۇرەككەپلىكى، كەسكىنلىكى، ئېنىقسىزلىقى ئاشتى. كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، بۇ مەسىلىلەرگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇنى ھەل قىلىش كېرەك. ئومۇملاشتۇرۇپ قارىغاندا، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى يۈزلەنگەن پايدىلىق شارائىت پايدىسىز ئامىللاردىن كۈچلۈك، ئىقتىسادنىڭ قايتا ئۆرلەپ ياخشىلىنىش، ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشتەك ئاساسىي يۈزلىنىشى ئۆزگەرمىدى، ئىشەنچ ۋە غەيرەتنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىز دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەتنى ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېڭى دەۋردە ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇردۇق. جەزمەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇشنى يېڭى دەۋردىكى چىڭ قائىدە قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادتا سۈپەتنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش ۋە مىقدارنى مۇۋاپىق كۆپەيتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. جەزمەن تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ئۈنۈملۈك ئېھتىياجنى كۈچەپ كېڭەيتىشكە ماس كۈچەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئادەتتىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازار ۋە كۈچلۈك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئىچكى ئېھتىياجنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئاساسىدا ئورنىتىپ، خەلقئارا ئايلىنىشنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. جەزمەن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە تايىنىپ تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، چوڭقۇر قاتلاملىق ئىسلاھات ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەت ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئازاد قىلىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش ۋە ئاشۇرۇش كېرەك. جەزمەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىك ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى كاپالەتلەندۈرۈپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىك ھەرىكەتچان تەڭپۇڭ بولۇش، بىر - بىرىنى تولۇقلاش كېرەك. جەزمەن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى ئەڭ چوڭ سىياسىي دەپ بىلىپ، پارتىيەنىڭ بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە، ئەڭ كەڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، دىققەتنى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشتىن ئىبارەت بۇ مەركىزىي خىزمەتكە ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانىنى قەدەممۇقەدەم گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش بىلەن تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش بىلەن يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ھەقىقىي تۈردە ئىقتىسادنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، جەمئىيەت كۆزلىمىسىنى ياخشىلاپ، ئىقتىسادنىڭ قايتا ئۆرلەپ ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ سۈپىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش ۋە مىقدارىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: كېلەر يىلى مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئىلگىرىلەش ئارقىلىق مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاۋۋال ئورنىتىپ ئاندىن بىكار قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇشقا پايدىلىق سىياسەتلەرنى كۆپرەك چىقىرىپ، ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش جەھەتتە پائال ئىلگىرىلەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك. ماكرولۇق سىياسەتنى تەتۈر دەۋرىيلىك ۋە دەۋرىيلىك ھالقىپ تەڭشەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى ۋە پۇختا پۇل سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، سىياسەت قورالىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك.

  ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنىڭ سالمىقىنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش كېرەك. مالىيە سىياسىتى بوشلۇقىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، مەبلەغ ئۈنۈمى ۋە سىياسەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. مالىيە چىقىم قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ زور ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىلىرىگە بولغان مالىيە كۈچى كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەخسۇس زايومىنى كاپىتال ئورنىدا ئىشلىتىش دائىرىسىنى مۇۋاپىق كېڭەيتىش كېرەك. قۇرۇلما خاراكتېرلىك باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ياسىمىچىلىق تەرەققىياتىنى نۇقتىلىق قوللاش كېرەك. يۆتكىمە چىقىم مەبلىغىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، مالىيە - ئىقتىساد ئىنتىزامىنى چىڭىتىش كېرەك. مالىيەنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ «ئۈچ كاپالەت» تۆۋەن چېكىنى پۇختا كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. ئادەتتىكى چىقىمنى قاتتىق تىزگىنلەش كېرەك. پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئىقتىسادچىل تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ئادەتلىنىشى كېرەك.

  پۇختا پۇل سىياسىتى جانلىق، مۇۋاپىق بولۇشى، دەل جايىدا، ئۈنۈملۈك بولۇشى كېرەك. يۆتكىلىشچانلىقنىڭ مۇۋاپىق، تولۇق بولۇشىنى ساقلاپ، جەمئىيەتنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمى، پۇل بىلەن تەمىنلەش مىقدارى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ۋە باھا سەۋىيەسىنىڭ كۆزلىمە نىشانى بىلەن ماس كېلىشى كېرەك. پۇل سىياسىتى قورالىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى ۋە قۇرۇلمىسىدىن ئىبارەت قوش ئىقتىدارىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ساقلانما مىقدارنى جانلاندۇرۇپ، ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش، ئومۇمىي مەنپەئەتدار تىپىدىكى كىچىك، مىكرو كارخانىلار، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق جەھەتلەردىكى قوللاش سالمىقىنى زورايتىشقا يېتەكلەش كېرەك. جەمئىيەتنىڭ ئۇنىۋېرسال مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنىڭ مۇقىم بولۇش ئاساسىدا تۆۋەنلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ مۇۋاپىق، تەڭپۇڭ سەۋىيەدىكى ئاساسىي مۇقىملىقىنى ساقلاش كېرەك.

  ماكرولۇق سىياسەت يۈزلىنىشىنىڭ بىردەكلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. مالىيە، پۇل، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كەسىپ، رايون، پەن - تېخنىكا، مۇھىت قوغداش قاتارلىق سىياسەتلەرنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد خاراكتېرىنى ئالمىغان سىياسەتلەرنى ماكرولۇق سىياسەت يۈزلىنىشىنىڭ بىردەكلىكىنى باھالاشقا كىرگۈزۈپ، سىياسەتنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئوخشاش يۆنىلىشتە كۈچەشكە، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىقتىسادىي تەشۋىقات ۋە ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسى پارلاق دېگەن نۇقتىئىنەزەرنى ياڭرىتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: كېلەر يىلى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى چۆرىدەپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاچقۇچنى ئىگىلەپ، ئىقتىساد خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  بىرىنچى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش، بولۇپمۇ ئاغدۇرما خاراكتېرلىك تېخنىكا ۋە ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكا ئارقىلىق يېڭى كەسىپ، يېڭى ئەندىزە، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. يېڭىچە پۈتۈن مەملىكەت تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياسىمىچىلىق نۇقتىلىق كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، سۈپەت تىرىكى ۋە ئۆلچەم يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئېلاستىكلىقى ۋە بىخەتەرلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، رەقەملىك ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىش كېرەك. بىيو ياسىمىچىلىق، سودا ئىشلىرى ئالەم قاتنىشى، تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادى قاتارلىق بىرقانچە ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى بەرپا قىلىپ، كىۋانت، ھاياتلىق ئىلمى قاتارلىق كەلگۈسى كەسىپ يېڭى مۇسابىقە يوللىرىنى ئېچىپ، رەقەملىك، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېخنىكىلار، يېشىل تېخنىكىلارنى كەڭ قوللىنىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك. ئەمەلىي قوللىنىشچان ئۇل تەتقىقات ۋە ئالدىنقى قاتاردىكى تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. ئىگىلىك تىكلەشكە مەبلەغ سېلىش، پاي ھوقۇقىغا مەبلەغ سېلىشنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىلھام بېرىش كېرەك.

  ئىككىنچى، ئىچكى ئېھتىياجنى كۈچەپ كېڭەيتىش كېرەك. يوشۇرۇن ئىقتىدارغا ئىگە ئىستېمالنى قوزغىتىپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىپ، ئىستېمال بىلەن سېلىنما بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ياخشى ئايلىنىشنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئىستېمالنىڭ يۇقۇمدىن كېيىنكى ئەسلىگە كېلىشتىن سىجىل كېڭىيىشكە ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، يېڭىچە ئىستېمالنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، رەقەملىك ئىستېمال، يېشىل ئىستېمال، ساغلام ئىستېمالنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۆي جاھازلىرى، مەدەنىيەت كۆڭۈل ئېچىش ساياھىتى، تەنتەربىيە مۇسابىقىسى، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن تاۋارلار «مودا مەھسۇلاتى» قاتارلىق ئىستېمالنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىلىرىنى پائال يېتىلدۈرۈش كېرەك. ئەنئەنىۋى ئىستېمالنى مۇقىملاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلات قاتارلىق كۆپ مىقدارلىق ئىستېمالنى جانلاندۇرۇش كېرەك. شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، ئوتتۇراھال كىرىملىكلەر توپىنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ئىستېمال مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. تېخنىكا، ئېنېرگىيە سەرپىياتى، بۇلغىما قويۇپ بېرىش قاتارلىقلارغا بولغان ئۆلچەمنى ئۆستۈرۈشنى يېتەكچى قىلىپ، ئۈسكۈنىلەرنى كەڭ كۆلەمدە يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھۆكۈمەت سېلىنمىسىنىڭ تۈرتكە بولۇش، زورايتىش ئۈنۈمىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، يېڭىچە ئۇل ئەسلىھە، ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش، كاربوننى تۆۋەنلىتىشنى نۇقتىلىق قوللاپ، تەرەققىيات يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت بىلەن ئىجتىمائىي كاپىتالىنىڭ ھەمكارلىق يېڭى مېخانىزمىنى يولغا قويۇپ، ئىجتىمائىي كاپىتالىنىڭ يېڭىچە ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق ساھەلەردىكى قۇرۇلۇشلارغا قاتنىشىشىغا مەدەت بېرىش كېرەك.

  ئۈچىنچى، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر زور تەدبىرلەرنى پىلانلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشكە سىجىل كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش كېرەك. «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك» تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتۇش كېرەك. دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يادرولۇق فۇنكسىيەنى كۈچەيتىش، يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بازار ئىجازىتى، مۇھىم ئامىلغا ئېرىشىش، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىش، ھوقۇق - مەنپەئەتنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە بىر تۈركۈم تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە بولۇش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، تۈرلۈك شەكىلدىكى يەرلىك قورۇقچىلىق ۋە بازار ئايرىۋېتىشنى كۈچەپ تۈگىتىش كېرەك. پۈتۈن جەمئىيەتتە ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىش كېرەك. يېڭى بىر نۆۋەتلىك مالىيە - باج تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى پىلانلاپ، پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  تۆتىنچى، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش كېرەك. تاشقى سودىنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈشنى تېزلىتىپ، تاشقى سودا ۋە تاشقى مەبلەغ ئاساسىي ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەپ، ئارىلىق بۇيۇم سودىسى، مۇلازىمەت سودىسى، رەقەملىك سودا، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئېكسپورتىنى كېڭەيتىش كېرەك. تېلېگراف، داۋالاش قاتارلىق مۇلازىمەت كەسىپلىرىنىڭ بازار ئىجازىتىنى كەڭ قويۇۋېتىپ، خەلقئارا يۇقىرى ئۆلچەملىك ئىقتىساد - سودا قائىدىسىگە توغرىلىنىپ، سانلىق مەلۇماتلارنىڭ چېگرا ھالقىپ يۆتكىلىشى، ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىشقا باراۋەر قاتنىشىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل ھەل قىلىپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان بىرىنچى قاتاردىكى تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل بەرپا قىلىپ، «جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىش» ماركىسىنى يارىتىش كېرەك. چەت ئەللىك خادىملارنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ سودا قىلىشى، ئۆگىنىشى، ساياھەت قىلىشىدىكى توسۇق نۇقتىلارنى ھەقىقىي راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشنى قوللاشتىكى سەككىز تۈرلۈك ھەرىكەتنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، چوڭ - چوڭ بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشلار ۋە «ئاددىي ھەم گۈزەل» خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

  بەشىنچى، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەرنىڭ سىجىل، ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش كېرەك. ئۆي - زېمىن، يەرلىكنىڭ قەرزى، ئوتتۇرا، كىچىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى قاتارلىقلاردىكى خەۋپ خەتەرنى تۈگىتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، قانۇنسىز پۇل مۇئامىلە ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىپ، سىستېما خاراكتېرلىك خەۋپ - خەتەر يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاش كېرەك. ئۆي - زېمىن خەۋپ - خەتىرىنى پائال پۇختا تۈگىتىپ، ئوخشاش بولمىغان مۈلۈكچىلىكتىكى ئۆي - زېمىن كارخانىلىرىنىڭ مۇۋاپىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجىغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىپ ۋە ئۇنى قاندۇرۇپ، ئۆي - زېمىن بازىرىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى، «ئادەتتىكى ئەھۋال بىلەن جىددىي ئەھۋالدا تەڭ پايدىلىنىدىغان» ئاممىۋى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، شەھەر ئىچىدىكى كەنتلەرنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق «ئۈچ چوڭ قۇرۇلۇش»نى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىش كېرەك. ئالاقىدار ئۇل خاراكتېرلىك تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆي - زېمىن تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك. يەرلىكنىڭ قەرز خەۋپ - خەتىرىنى تۈگىتىش ۋە مۇقىم تەرەققىي قىلىشىنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاش كېرەك، ئىقتىسادىي چوڭ ئۆلكىلەر مۇھىم ۋەزىپىنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىپ، پۈتۈن مەملىكەت ئىقتىسادىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  ئالتىنچى، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى قەتئىي بوشاشماي ياخشى تۇتۇش كېرەك. يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، «مىڭ، ئونمىڭ قۇرۇلۇشى» تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ، قوللىنىپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش يۈزبەرمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تۆۋەن چەك قىلىپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ كەسىپ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، يېزا - كەنت ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، پەن - تېخنىكا ۋە ئىسلاھاتتىن ئىبارەت ئىككى چاقنى تەڭ قوزغىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئامما ھېس قىلالايدىغان، مەنپەئەتكە ئېرىشەلەيدىغان بىر تۈركۈم ئەمەلىي ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنى ياخشى تۇتۇپ، ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان ئىناق، گۈزەل يېزا - كەنت بەرپا قىلىش كېرەك. ئاشلىق قاتارلىق مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن مۇقىم، بىخەتەر تەمىنلەشنى قىلچە بوشاشتۇرماي ياخشى تۇتۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش رايونلىرىدا ئۆلكىلەر ئارا توغرا يۆنىلىشلىك مەنپەئەت تولۇقلىمىسى مېخانىزمىنى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش بىلەن تولۇقلاشنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. چوڭ يېزا ئىگىلىكى قارىشى، چوڭ يېمەكلىك قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشقان چوڭ كەسىپكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  يەتتىنچى، شەھەر بىلەن يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش بىلەن يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك مۇھىم ئامىللارنىڭ قوش يۆنىلىشلىك يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ناھىيە بازىرىنى مۇھىم ۋاسىتە قىلغان يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، شەھەر بىلەن يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. شەھەرلەرنى يېڭىلاش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، ياشاشقا ماس كېلىدىغان، ئەۋرىشىم، ئاقىل شەھەر بەرپا قىلىش كېرەك. ھەرقايسى جايلارنىڭ سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي گەۋدە فۇنكسىيەلىك ئورنى بويىچە، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا پائال سىڭىشىش ۋە ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. مۇھىم ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەركىزىي رايون قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. دېڭىز - ئوكيان ئىقتىسادىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېڭىز - ئوكيان كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش كېرەك.

  سەككىزىنچى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك. گۈزەل جۇڭگو قۇرۇشتىكى ئالدىن يۈرۈش رايونى بەرپا قىلىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات ئېگىزلىكى بەرپا قىلىش كېرەك. كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى پائال، پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەمىنلەش زەنجىرى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك. كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭىنى سىجىل، چوڭقۇر ياخشى قىلىش كېرەك. ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. كوللېكتىپ ئورمان ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. يېڭىچە ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، بايلىقتىن تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك، ئايلانما، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، ئېنېرگىيە بايلىقىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  توققۇزىنچى، ھەقىقىي تۈردە خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش كېرەك. قۇربىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەش، چامىنىڭ يېتىشىچە ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىنى تولۇق، دەل جايىدا، پۇختا ساقلاش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش يۆنىلىشىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىجتىمائىي كاپالەت تورىنى زىچ، پۇختا توقۇپ، قاتلامغا ئايرىلغان، تۈرگە ئايرىلغان ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش - ياردەم قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. تۇغۇتنى قوللاش سىياسەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، ياشانغانلار ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇپ، نوپۇسنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيەت توغرىسىدىكى ئىلمىي ھۆكۈمىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، بارلىق پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، بارلىق پايدىلىق شارائىتلاردىن پايدىلىنىپ، ئايدىڭلاشتۇرغان ھامان چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، قانچىلىك كۆپ ئىشلىگىلى بولسا شۇنچىلىك كۆپ ئىشلەپ، ئۆز خىزمىتىنىڭ ئېنىقلىقلىقى ئارقىلىق ۋەزىيەت ئۆزگىرىشىدىكى ئېنىقسىزلىققا تىرىشىپ تاقابىل تۇرۇش كېرەك. كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، سۈرئەت بىلەن سۈپەت، ماكرولۇق سانلىق مەلۇمات بىلەن مىكرولۇق تەسىرات، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىگىلەش ۋە ياخشى بىر تەرەپ قىلىشقا دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ قايتا ئۆرلەپ ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش ۋە كۈچەيتىش كېرەك. كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ سىياسەت يۆنىلىشىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، سىياسەتنى يولغا قويۇشتا ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىرىكمە ئۈنۈمىنى زورايتىپ، سىياسەت زاپىسى جەھەتتە ئالدىن پىلانلاشنى ياخشى ئىشلەپ، ئېشىنچا مىقدار قالدۇرۇپ، سىياسەت ئۈنۈمىنى باھالاشتا ئۈنۈملۈك بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئېرىشىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ماكرولۇق سىياسەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى قوللاش ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش كېرەك. خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ شەكلى، ئۇسۇلىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئاساسىي زىددىيەتنى چىڭ تۇتۇپ، بوغما ھالەت چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنىڭ جايىدا، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىش روھىي ھالىتىنى باشتىن - ئاخىر ساقلاپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى قەلبكە پۈكۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، يېتەكلەش خاراكتېرى، تۈرتكىلىك خاراكتېرى كۈچلۈك بولغان خىزمەت تۇتقىسىنى پائال پىلانلاپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۇختا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. كەم - كوتسىز ھالدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، ئاخىرقى ئۈنۈمىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر بەلگىلەش مەقسىتىگە ئۇيغۇن بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تېز ھەرىكەتكە كېلىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، ۋاقىت، ئۆلچەم، ئۈنۈمنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىگىلەش كېرەك. راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي تۈزىتىش كېرەك. ئىش قىلىشتا دادىل بولۇپ، ئىش قىلىشقا ماھىر بولۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، توغرا بولغان ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. باش تېما تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش ھەم ئۇنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: يىل ئاخىرى، يىل بېشىدىكى مۇھىم خەلق تۇرمۇشى تاۋارلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنىڭ ۋاقتىدا، تولۇق تارقىتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى ياخشى قوغداش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق چاقىرىق قىلىندى: پۈتۈن پارتىيە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، يول ئېچىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا دائىر تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىكى ئەمەلىي ھەرىكەت ۋە نەتىجە بىلەن، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشايلى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشتىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار ھەم مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە پىلانى ئايرىم تۈزۈلىدىغان شەھەرلەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئالاقىدار خەلق تەشكىلاتلىرى، مەركەز باشقۇرۇشىدىكى قىسمەن پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ۋە كارخانىلار، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئورگىنىنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ