شى جىنپىڭ ۋىيېتنام تاراتقۇسىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى

​ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە جۇڭگو - ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ زامانىۋىلاشتۇرۇشقا ئاتلىنىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچايلى

2023.12.12 17:46 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  12 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، خانويغا بېرىپ ۋىيېتنامدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋىيېتنام «خەلق گېزىتى»دە «ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە جۇڭگو - ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ زامانىۋىلاشتۇرۇشقا ئاتلىنىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچايلى» دېگەن تېمىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىنىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە جۇڭگو - ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ زامانىۋىلاشتۇرۇشقا ئاتلىنىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچايلى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

  ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى رۇەن فۇجۇڭ ۋە ۋىيېتنامنىڭ دۆلەت رەئىسى ۋۇ ۋېنشاڭنىڭ تەكلىپى بىلەن، مەن پات ئارىدا ۋىيېتنام سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىمەن. بۇ، مېنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى بولغاندىن بۇيان، ۋىيېتنامدىن ئىبارەت بۇ گۈزەل زېمىنغا 3 - قېتىم قەدەم قويۇشۇم، خۇددى ئۇرۇق - تۇغقان ۋە قوشنىلارنى يوقلىغاندەك ناھايىتى ئىللىقلىق ھېس قىلدىم.

  جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام ئىككى دۆلەتنىڭ تاغ - دەريالىرى تۇتاش، مەدەنىيىتى سىڭىشىپ كەتكەن، غايىسى ئوخشاش ھەم تەقدىرداش. ماۋ زېدۇڭ، خۇ جىمىڭ قاتارلىق ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرى ئورتاق غايە - ئېتىقادنى كۆڭلىگە پۈكۈپ ئۆزئارا باردى - كەلدى قىلىپ ۋە چۈشىنىش ھاسىل قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ «يولداش ھەم قېرىنداش» بولۇشتەك جۇڭگو - ۋىيېتنام ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى بەرپا قىلدى. ئۆز دۆلىتىنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە مىللەتنىڭ ئازادلىق ئىشلىرىغا ئىنتىلىش مۇساپىسىدە، بىز ئىتتىپاقلىشىپ بىر مەقسەتتە بولۇپ، بىر - بىرىمىزنى قوللىدۇق. سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا، بىز ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو - ۋىيېتنام دوستلۇقىنىڭ تارىخىي سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈپ چىقتۇق.

  بۇ يىل جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 15 يىللىقى. خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسىدىن ئىبارەت ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت تىنچلىق، خاتىرجەملىكنى ئورتاق قوغداپ، تەرەققىيات، ھەمكارلىق ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، گۈللىنىش، قۇدرەت تېپىشنى ئورتاق يارىتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ داغدام يولىنى تېپىپ چىقتى.

  بىز ئۆزئارا ئىشىنىش ئاساسىدا باردى - كەلدى قىلىشتا چىڭ تۇردۇق. ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر خۇددى تۇغقان يوقلىغاندەك دائىم بېرىش - كېلىش قىلىپ تۇردى. بۇ يىل، مەن باش شۇجى رۇەن فۇجۇڭ بىلەن قويۇق ھەمتۈرتكە بولۇپ، ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىدىن يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئورتاق تۈزۈپ، جۇڭگو - ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىدە يېڭى ئورۇن بېكىتمىسى ئورنىتىشقا، يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويۇشقا تۈرتكە بولدۇق. مەن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇش ياكى يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن دۆلەت رەئىسى ۋۇ ۋېنشاڭ، ھۆكۈمەت زۇڭلىسى فەن مىڭجېڭ، ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ دائىمىي شۇجىسى يولداش جاڭ شىمېي بىلەن كۆرۈشتۈم. ئىككى تەرەپ ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى، ئىككى پارتىيەنىڭ نەزەرىيە مۇھاكىمە يىغىنى، ئىككى دۆلەت گۇڭئەن مىنىستىرلىقلىرىنىڭ ھەمكارلىشىپ جىنايەتكە زەربە بېرىش يىغىنى قاتارلىق مېخانىزم يىغىنلىرىنى ئاچتى. ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى جايلارنىڭ ھەمكارلىقى تېخىمۇ قويۇقلاشتى.

  بىز مەنپەئەت جەھەتتە ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇشتا چىڭ تۇردۇق. جۇڭگو ئۇزاقتىن بۇيان ۋىيېتنامنىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھى، ۋىيېتنام جۇڭگونىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىدىكى ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھى ۋە يەرشارى بويىچە 4 - چوڭ سودا ھەمراھى. جۇڭگو تەرەپنىڭ تەكلىپى بىلەن، ۋىيېتنام رەھبەرلىرى 3 - نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى، 6 - نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى، 7 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − جەنۇبىي ئاسىيا كۆرگەزمىسى، 20 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسىگە قاتناشتى. ۋېيتنامدىن جۇڭگوغا كىرگۈزۈلىدىغان مېۋە - كۆكتات قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى جۇڭگو ئىستېمالچىلىرىنىڭ ناھايىتى ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. جۇڭگو ئېكسپورت قىلغان خام ماتېرىيال ۋە ماشىنا - ئۈسكۈنىلەر ۋىيېتنام ياسىمىچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك مەدەت بەردى. جۇڭگو كارخانىلىرى خانوي يېنىك رېلىسلىق تۆمۈريول 2 - لىنىيەسىنى قۇرۇشنى ئۈستىگە ئالدى، بۇ، ۋىيېتنامدىكى تۇنجى شەھەر يېنىك رېلىسلىق تۆمۈريول تۈرى بولۇپ، جەمئىي 20 مىليون ئادەم قېتىمغا يېقىن يولۇچى توشۇپ، خانوي شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق ياراتتى. جۇڭگو - ۋىيېتنام خەلقئارا نۆۋەتچى پويىزى قاتنىدى، ئاقىل پورتلاردا قۇرۇلۇش باشلىنىپ، قۇرۇقلۇق چېگرا پورتلىرىنىڭ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلۇشى، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇلۇشى تېز ئالغا سىلجىتىلدى. جۇڭگو كارخانىلىرى ۋىيېتنامدا مەملىكەت سىرتىدىكى ئەڭ چوڭ يورۇقلۇق ۋولت كەسىپ توپىنى قۇردى، مەبلەغ سېلىپ قۇرغان يورۇقلۇق ۋولت ۋە شامال ئېنېرگىيەسى ئېلېكتىر ئىستانسىلىرى ۋىيېتنامنىڭ ئېنېرگىيەدە تىپ ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىشىغا پائال تۆھپە قوشتى، خانوي، چىنجۈ قاتارلىق جايلاردا ئەخلەت ئارقىلىق توك چىقىرىدىغان كۆپلىگەن تۈرنى مەبلەغ سېلىپ قۇردى.

  بىز دوستلۇق ئورنىتىش ئاساسىدا يېقىن ئۆتۈشتە چىڭ تۇردۇق. بۇ يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت خادىملىرىنىڭ بېرىش - كېلىشى تېز ئەسلىگە كەلدى، ئالدىنقى ئون ئايدا جۇڭگودىن ۋىيېتنامغا بارغان ساياھەتچى 1 مىليون 300 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى، جۇڭگو - ۋىيېتنام دېتيەن (بەنيۆ) شارقىراتمىسى چېگرا ھالقىغان ساياھەت ھەمكارلىق رايونى سىناق تەرىقىسىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك تىجارەت باشلىدى. جۇڭگو مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭىشى بىلەن ۋىيېتنام ۋەتەن فرونتى مەركىزىي كومىتېتى ھەم چېگرادىكى ئۆلكىلەرنىڭ دوستانە ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى، جۇڭگو - ۋېيتنام چېگرا ئاھالىلىرىنىڭ چوڭ تىپتىكى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى قاتارلىق پائالىيەتلەر جانلىق قانات يايدۇرۇلدى. جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى كىلاسسىك مەشھۇر ئەسەرلىرى ۋىيېتنامدا ھەممىگە تونۇشلۇق بولۇپ كەتتى، جۇڭگونىڭ ھازىرقى زامان كىنو - تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىمۇ ۋىيېتنام خەلق ئاممىسىنىڭ ناھايىتى ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. ۋىيېتنامنىڭ مودا ناخشىلىرى جۇڭگو ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدا ئالقىشلاندى، ۋىيېتناملىق ناخشىچىلارنىڭ جۇڭگونىڭ ئۇنىۋېرسال سەنئەت پىروگراممىلىرىدا جۇڭگولۇق زور بىر تۈركۈم «مەستانە»لىرى بار بولدى. كۈنسېرى قويۇقلىشىۋاتقان ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش خۇددى ئەگرى - بۈگرى ئېقىۋاتقان تارام - تارام ئېقىنلارغا ئوخشاش، جۇڭگو - ۋىيېتنام دوستانە ئالاقىسىنىڭ ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان ئۇزۇن ئېقىنىنى ھاسىل قىلدى.

  بىز سەمىمىي مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇردۇق. ئىككى دۆلەت بىردەك كۆپ تەرەپچىلىك بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، سۆھبەتلىشىش، كېڭىشىش، تىنچ ھەمكارلىشىشتا چىڭ تۇرۇشنى تەكىتلەپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىنى ئاساس قىلغان خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىنى قەتئىي قوغدىدى. ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەر ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە بىر - بىرىنى قوللاپ، خەلقئارا ۋە رايون ھەمكارلىقى مېخانىزمىدا قويۇق ماسلىشىشنى ساقلىدى. ۋىيېتنام تەرەپ يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى دوستلار گۇرۇپپىسىغا پائال قاتنىشىپ، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى قوللىدى، جۇڭگونىڭ «ئومۇميۈزلۈك ۋە تەرەققىي قىلغان تىنچ ئوكيان ھالقىغان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى»گە ئەزا بولۇشىنى قوللىدى.

  بۇ يىل مېنىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى ۋە يېقىن ئۆتۈش، سەمىمىي بولۇش، نەپ يەتكۈزۈش، سىغدۇرۇشچان بولۇشتىن ئىبارەت ئەتراپ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىمنىڭ 10 يىللىقى. ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتا، ئالدى بىلەن ئىشنى ئاسىيادىن باشلاش كېرەك. جۇڭگودا ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان «بىزنىڭ ئاسىيادا، دەرەخلەرنىڭ يىلتىزى تۇتاش؛ بىزنىڭ ئاسىيادا، بۇلۇتلارمۇ قول تۇتۇشقان» دېگەن ناخشا بار، بۇ، جۇڭگو خەلق ئاممىسىنىڭ قەلبىدىكى سەمىمىي بولغان ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. ئاسىيا بىزنىڭ ئورتاق ماكانىمىز، ئەتراپىمىزدىكىلەر كۆچۈپ كەتمەيدىغان قوشنىلار، قوشنىلارنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرگىنىمىز ئۆزىمىزگە ياردەم قىلغىنىمىز. ئۇرۇق - تۇغقانلار ئېجىل ئۆتۈشى، قوشنا - قولۇملار ئىناق ئۆتۈشى كېرەك. جۇڭگو ئۆزىنىڭ تەرەققىياتىنى ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتى بىلەن تېخىمۇ زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشنى خالايدۇ. ۋىيېتنام بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدا «يولداش ھەم قېرىنداش»لاردەك چوڭقۇر دوستلۇق بار. جۇڭگو پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتى جۇڭگو - ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى باشتىن - ئاخىر جۇڭگونىڭ ئەتراپ دىپلوماتىيەسىدىكى ئالدىنقى يۆنىلىش دەپ قارايدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇق ئەسلىي مەقسىتىنى ئۇنتۇماي، ئورتاق غايە، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قول تۇتۇشۇپ سوتسىيالىزم يولىدا ياخشى مېڭىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇشىنى چىن قەلبىدىن ئۈمىد قىلىدۇ.

  − ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى ساقلاپ، جۇڭگو - ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنىڭ سىياسىي ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىسىنى داۋاملىق ساقلاپ، جۇڭگو - ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت بۇ پاراخوتنىڭ دولقۇن يېرىپ پۇختا ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ قارشى تەرەپنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان سوتسىيالىزم يولىدا ياخشى مېڭىشىنى قەتئىي قوللاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىشنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئورتاق ئەمەلدە كۆرسىتىشى كېرەك. سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيەت تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تاشقى خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  − ئۆزئارا تولۇقلاش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو - ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ھەمكارلىق ئاساسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. جۇڭگو ھازىر يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش ئارقىلىق يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇۋاتىدۇ، ۋىيېتنامنىڭ ئىقتىسادى مۇقىم ئېشىشنى ساقلىدى، ئىككى تەرەپ جۇغراپىيەلىك ئورنى يېقىن بولۇش، كەسىپ ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى بىلەن «ئىككى كارىدور، بىر چەمبىرەك» ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى، يېشىل ئېنېرگىيە، ئاچقۇچلۇق قېزىلما بايلىق قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، دۆلەت تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ كۆپ نەپ يەتكۈزۈشى كېرەك.

  − دوستانە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنىڭ خەلق رايى ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. يىراقتىكى تۇغقاندىن يېقىندىكى قوشنا ئەلا. جۇڭگو - ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ يىلتىزى خەلقتە، تومۇرى خەلقتە، كۈچى خەلقتە. بىز دوستانە ھەمكارلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - ۋىيېتنام مەركەز تاراتقۇلىرى، ئاقىللار ئامبىرى، مەدەنىيەت - ساياھەت، نەشر ئاپپاراتلىرى، رادىيو - كىنو - تېلېۋىزىيە قاتارلىق تارماقلارنىڭ نىشانلىق ئالماشتۇرۇش مېخانىزمى ئۈنۈم ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو تىل - يېزىقى مائارىپى، كەسپىي مائارىپ، تەنتەربىيە، سەھىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - ۋىيېتنام خەلق مۇنبىرى، ياشلار دوستانە كۆرۈشۈشى قاتارلىق بىر قاتار داڭلىق ماركا پائالىيەتلىرىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرى، بولۇپمۇ ياش بىر ئەۋلادنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە ھېسسىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. ئىككى دۆلەت بىۋاسىتە ئۇچىدىغان تېخىمۇ كۆپ نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى كۆپەيتىشى كېرەك، جۇڭگو تېخىمۇ كۆپ جۇڭگولۇق ساياھەتچىنىڭ ۋىيېتنامغا بېرىپ سەيلە - ساياھەت قىلىپ، ۋىيېتنامنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزگىچە جەلپ قىلىش كۈچىنى ھېس قىلىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

  − ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق باشقۇرۇپ - تىزگىنلەپ، جۇڭگو - ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ئورتاق تونۇش ئاساسىنى كېڭەيتىش كېرەك. ئىككى تەرەپ ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دېڭىزدىكى ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق باشقۇرۇپ - تىزگىنلەپ، ئىككى تەرەپ قوبۇل قىلالايدىغان ھەل قىلىش چارىسى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك بەخت - سائادىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەمكارلىقنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ئۆز تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى تاشقى مۇھىت يارىتىشى، رايون ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك.

  ھازىر، دۇنيادا 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى يەنىلا تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، زومىگەرلىك، بىر تەرەپچىلىك، قورۇقچىلىق بىر ئاز باش كۆتۈرۈپ قالدى، رايون تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى بىرقەدەر چوڭ مۇقىمسىزلىق ۋە ئېنىقسىزلىققا دۇچ كەلمەكتە. ئاسىيا ئۇزاق مەدەنىيلىك تارىخىي ئاساسىدا تۇرۇپ، تەرەققىي قىلىش ۋە گۈللىنىشنىڭ مۇھىم ئۆتكىلىنى كۈتۈۋالماقتا. ئاسىيادىكى يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەر داۋاملىق تۈردە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى ئاساسىي موتور بولماقتا.

  تارىخ شۇنى قايتا - قايتا ئىسپاتلىدىكى، بىر دۆلەت، بىر رايون گۈللىنىش ئۈچۈن، جەزمەن تارىخنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش لوگىكىسى بويىچە ئالغا ئىلگىرىلىشى، دەۋرنىڭ تەرەققىيات ئېقىمىدا تەرەققىي قىلىشى كېرەك. ئاسىيا رايونىنىڭ كەلگۈسى ئاسىيا خەلقىنىڭ ئۆز قولىدا. 10 يىلدىن بۇيان، ئاسىيا خەلقى شۇنى بارغانسېرى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىكى: يېقىن ئۆتۈش، سەمىمىي بولۇش، نەپ يەتكۈزۈش، سىغدۇرۇشچان بولۇش ئىدىيەسىنى ئورتاق ئەمەلدە كۆرسىتىپ، تىنچ ئۆتۈش، ھەمكارلىشىش، سىغدۇرۇشچان بولۇش، يۇغۇرۇلۇشتىن ئىبارەت ئاسىيا قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرغاندىلا، ئاندىن ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىق، تەرەققىيات، ئالغا ئىلگىرىلەش ئېقىمىغا سىڭىپ كىرگىلى بولىدۇ؛ ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق كېڭىشىپ، ئورتاق بەرپا قىلىپ ۋە ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىنى بارغانسېرى چوڭ ئېچىۋەتكەندىلا، ئاندىن رايون ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاسىيا خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت - سائادەت ئېلىپ كەلگىلى بولىدۇ؛ ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا پائال تۈرتكە بولۇپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىغا سىڭدۈرگەندىلا، ئاندىن تىنچ، خاتىرجەم، گۈللەنگەن، گۈزەل، دوستانە بىللە ئۆتىدىغان ئاسىيادىن ئىبارەت ماكاننى ئورتاق بەرپا قىلغىلى بولىدۇ.

  بارچە مەۋجۇدات ئۆزىنىڭ ئاساسىنى ساقلاپ قالغاندىلا، مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ، ھەممە ئىشتا قانۇنىيەتكە ئەمەل قىلغاندىلا، مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ. دۇنيادا مەيلى قانداق ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو جاھاندىكى توغرا يولدا مېڭىشتا چىڭ تۇرىدۇ. جۇڭگو جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتماقتا، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىدۇ. جۇڭگو ئەتراپ دىپلوماتىيەسى سىياسىتىنىڭ ئىزچىللىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاپ، قوشنىلار بىلەن ياخشى ئۆتۈش، قوشنىلارنى ھەمراھ قىلىش ۋە ئىناق قوشنىدارچىلىق، تىنچ قوشنىدارچىلىق، باي قوشنىدارچىلىق فاڭجېنىدا چىڭ تۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە يېقىن ئۆتۈش، سەمىمىي بولۇش، نەپ يەتكۈزۈش، سىغدۇرۇشچان بولۇش ئىدىيەسىنى يېڭى ئىچكى خاس مەزمۇنغا ئىگە قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئەتراپتىكىلەرگە تېخىمۇ كۆپ نەپ يەتكۈزۈپ، ئاسىيانىڭ زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىگە ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، ۋىيېتنامنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاسىيا دۆلەتلىرىنى يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  ئىشىنىمەنكى، جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشى تېخىمۇ كۆپ دۆلەتنى ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش ئۇلۇغ ئىشىغا ئاتلىنىشقا جەلپ قىلىپ، ئاسىيانىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى ۋە ئىناق قوشنىلاردىن بولۇپ دوستانە ئۆتۈشىنى تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ كۈچ بىلەن تەمىنلەيدۇ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ