«شى جىنپىڭ ياقتۇرغان ئۆرنەكلەر»نىڭ 2 - بۆلۈمى (ۋىيېتنام تىلى نۇسخىسى) ۋىيېتنامدا كۆرسىتىلىشكە باشلىدى

2023.12.13 08:21 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پات ئارىدا ۋىيېتنامدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش پەيتىدە، جۇڭگو مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ئىشلىگەن «شى جىنپىڭ ياقتۇرغان ئۆرنەكلەر»نىڭ 2 - بۆلۈمى (ۋىيېتنام تىلى نۇسخىسى) 12 - ئاينىڭ 11 - كۈنىدىن باشلاپ ۋىيېتنامدا كۆرسىتىلدى.

  «شى جىنپىڭ ياقتۇرغان ئۆرنەكلەر»دە، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزلىرى، ماقالىلىرى، سۆھبەتلىرىدە نەقىل كەلتۈرۈلگەن جۇڭگونىڭ قەدىمكى كىتابلىرى ۋە كىلاسسىك ئەسەرلىرىدىكى ھېكمەتلىك جۈملىلەر كۆڭۈل قويۇپ تاللىنىپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مول، چوڭقۇر مەدەنىيەت ئاساسى ۋە خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتەك، دۆلەتنى، دۇنيانى قەلبىگە پۈكۈشتەك چوڭقۇر مۇھەببىتى جانلىق نامايان قىلىنغان، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ ئۆزگىچە مەنىۋى بەلگىسى، يېڭى دەۋر ئىچكى خاس مەزمۇنى تاۋلاپ ئىزاھلانغان.

  «شى جىنپىڭ ياقتۇرغان ئۆرنەكلەر»نىڭ 2 - بۆلۈمى (ۋىيېتنام تىلى نۇسخىسى) 12 - ئاينىڭ 11 - كۈنىدىن باشلاپ ۋىيېتنام رەقەملىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا كۆرسىتىلدى ھەم ئۇنىڭ يېڭى تاراتقۇ سۇپىسى VTC Nowدا ماس قەدەمدە تورغا چىقىرىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ