خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ئاينىڭ 11-كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى تەكلىپكە بىنائەن ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئابدۇللاھىيان بىلەن تېلېفونلاشتى.
ئابدۇللاھىيان جۇڭگونىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بولغان مەزگىلدە غەزەدە ئىنسانپەرۋەرلىك ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا يۈكسەك ئاپىرىن ئوقۇدى، جۇڭگونىڭ ئىران بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ يارىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىگە رەھمەت ئېيتتى، ئىراننىڭ جۇڭگو بىلەن ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىران-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ۋاڭ يى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ئىران بىلەن بۇ يىل رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن رەئىسىنىڭ ئىككى قېتىملىق ئۇچرىشىشىدا ھاسىل قىلىنغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، خەلقئارا ۋە كۆپ تەرەپلىك سورۇنلاردا ماسلىشىپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئىككى دۆلەت ۋە كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ھەققانىي ھوقۇق-مەنپەئەتى ھەم خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداپ، جۇڭگو-ئىران مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو ئىران بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مۇناسىۋەتنى داۋاملىق ياخشىلاپ، رايون دۆلەتلىرى ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي ئۆز قولىدا تۇتۇشىنى قوللايدۇ.
ئىككى تەرەپ غەزە ۋەزىيىتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. ئابدۇللاھىيان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىران ئاياللار ۋە بالىلارنى ئۆلتۈرۈشكە قارشى تۇرىدۇ، دەرھال غەزەدە ئۇرۇش توختىتىپ، ئىنسانپەرۋەرلىك يولى ئېچىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ب د ت پەلەستىن مەسىلىسىنى كەلگۈسىدە ھەل قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىشى كېرەك. ئىران رايون دۆلەتلىرى بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، رايون بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشنى خالايدۇ. ئىران جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان يەر شارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىنى قوللايدۇ، جۇڭگونىڭ غەزە ۋەزىيىتىنى پەسەيتىش، پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشقا تېخىمۇ پائال كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
ۋاڭ يى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى مەسىلىسىدە، جۇڭگونىڭ مەيدانىنى تېزدىن ئۇرۇش توختىتىش، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش، «ئىككى دۆلەت لايىھەسى»نى ئەسلىگە كەلتۈرۈش دەپ يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. جۇڭگونىڭ مەيدانى ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن بىردەك، ئىسلام دۆلەتلىرى ۋە خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن يۈكسەك ئورتاق تونۇشقا ئىگە. ھەرقايسى دۆلەتلەر بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۈچلۈك ئاۋاز چىقىرىپ، تېخىمۇ بىردەك مەيدان شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو پەلەستىننىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىگە چېتىلىدىغان ھەرقانداق ئورۇنلاشتۇرۇش پەلەستىن خەلقىنىڭ ئارزۇسىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ، پەلەستىن خەلقىنىڭ دۆلەت قۇرۇش ھوقۇقى ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىپ، «پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئىگىدارلىقى، پەلەستىنلىكلەرنىڭ يېتەكچىلىكى، پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئىدارە قىلىشى»نى نامايان قىلىشى كېرەك، دەپ قارايدۇ. جۇڭگو ئەرەب دۆلەتلىرى ۋە ئىسلام دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئالاقە، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، «ئىككى دۆلەت لايىھەسى»گە قايتىش ئۈچۈن تەدرىجىي شارائىت يارىتىپ، پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىش ئۈچۈن داۋاملىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى خالايدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى