خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 17-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى 2712-نومۇرلۇق قارار ماقۇللاپ، پۈتكۈل غەزە رايونىدا جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك بويىچە ۋاقتىنچە توختىتىش، ئىنسانپەرۋەرلىك كارىدورى قۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلدى. بۇ 10-ئاينىڭ 7-كۈنى پەلەستىن-ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك توقۇنۇش پارتلىغاندىن بۇيان خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تۇنجى قېتىم ئالاقىدار قارارنى ماقۇللىشى.
قاراردا مۇنۇلار مۇراجەت قىلىندى: ئىنسانپەرۋەرلىك ئىجازىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن پۈتكۈل غەزە رايونىدا «يېتەرلىك ئۇزۇن مۇددەتلىك» ئىنسانپەرۋەرلىك بويىچە ۋاقىتلىق توختىتىش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك كارىدورى قۇرۇشنى جىددىي يولغا قويۇش كېرەك؛ غەزە رايونىنى ئىچىملىك سۇ، توك، يېقىلغۇ، يېمەكلىك، داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاساسىي ماددىي ئەشيا ۋە مۇلازىمەت بىلەن تېخىمۇ قولايلىق تەمىنلەش كېرەك؛ يادرولۇق ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ ۋەيران بولغان ئۆيلەردىن يوقاپ كەتكەن بالىلار ۋە يارىلانغان بالىلارنى ھەمدە ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغۇچىلارنى ئىزدەش ۋە داۋالاشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جىددىي قۇتقۇزۇش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
قاراردا ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ خەلقئارا قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتلەرگە ئەمەل قىلىشى، پۇقرالارنى، بولۇپمۇ بالىلارنى قوغداش توغرىسىدىكى ماددىلارغا ئەمەل قىلىشى تەلەپ قىلىندى. قاراردا پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (خاماس) ۋە باشقا تەشكىلاتلار تۇتۇپ تۇرغان كىشىلەرنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشكە دەۋەت قىلىندى. قاراردا ھەر قايسى تەرەپلەر غەزە پۇقرالىرىنى ياشاشتىكى ئاساسىي مۇلازىمەت ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىدىن مەھرۇم قىلىشتىن ساقلىنىشقا دەۋەت قىلىندى.
بۇ قارارنى مالتا تەييارلىغان بولۇپ، خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا 15 ئەزانىڭ ئىچىدىكى 12 ئەزانىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، رۇسىيە ئاۋاز بېرىشتىن ۋاز كەچتى. خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارار لايىھەسىنى ئاۋازغا قويۇشتىن بۇرۇن رۇسىيە قارار لايىھەسىگە ئاغزاكى تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دەرھال ئۇزاققىچە داۋاملىشىدىغان ئىنسانپەرۋەرلىك بويىچە ئۇرۇشنى توختىتىپ، دۈشمەنلىشىش ھەرىكىتىنى توختىتىشنى مۇراجىئەت قىلدى. رۇسىيەنىڭ تۈزىتىش لايىھەسى يېتەرلىك ئاۋازغا ئېرىشەلمىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ