مۇھىم خەۋەرلەر

ئەلىشىر ئاسىيا ياشلار يېنىك ئاتلېتىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ چىمپيونى بولدى

2024.04.26 23:05 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 26-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ ۋاقتى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 23دىن 12مىنۇت ئۆتكەندە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دۇبەي ساقچى كۇلۇبى تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن 2024-يىللىق ئاسىيا ياشلار يېنىك ئاتلېتىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە، جۇڭگونىڭ شىنجاڭ ئاقسۇدىن كەلگەن ئەلىشىر ئۆمەر مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن ئەرلەرنىڭ 400 مېتىرغا قىسقا مۇساپىلىق يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى بولدى.

  كەسپىي مەشىق بىلەن شۇغۇللانغىلى ئىككى يىلمۇ بولمىغان ئەلىشىر يەنە بىر ئايدىن كېيىن ئاندىن 18 ياشقا كىرىدىغان بولۇپ، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان تالانتقا ئىگە. ئىلمىي مەشىق قىلىش ۋە تىرىشىپ ئىنتىزامچان بولۇش ئارقىلىق ئۇنىڭ نەتىجىسى تېز ئۆستى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئەلىشىر ئىككى قېتىم مەملىكەت بويىچە ئەرلەرنىڭ 400 مېتىرغا قىسقا مۇساپىلىق يۈگۈرۈش رېكورتىنى يېڭىلاپ، «جۇڭگو يېنىك ئاتلېتىكا ساھەسىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى يېڭى چولپان» دەپ ئاتالغان بولۇپ، ھەر ساھەدىكىلەر ئۇنىڭدىن زور ئۈمىد كۈتكەن ئىدى. دۇبەيدىكى مۇسابىقىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئۇ يەنە دۆلەت ئىچىدە ئىككى بېكەت مەملىكەتلىك يېنىك ئاتلېتىكا مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ