شى جىنپىڭ چۇڭچىڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

​ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ چۇڭچىڭ سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز پۈتۈپ چىقىش كېرەك

​سەي چى تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى

2024.04.25 08:59 مەنبە: خەلق تورى

  4 - ئاينىڭ 22 - كۈنىدىن 24 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ چۇڭچىڭدا تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: 4 - ئاينىڭ 22 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ چۇڭچىڭ خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى باغچە رايونىدىكى چۇڭچىڭ تۆمۈريول يۈك ساندۇقى مەركىزى ۋوگزالىدا، يۈك ئاپتوموبىل شوپۇرلىرى، پويىز شوپۇرلىرى، قاچىلاش - چۈشۈرۈش ئىشچىلىرى، مەيدان - ۋوگزال باشقۇرۇش خادىملىرى قاتارلىقلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرماقتا.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ يې فوتوسى

  4 - ئاينىڭ 22 - كۈنىدىن 24 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ چۇڭچىڭدا تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: 4 - ئاينىڭ 22 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ جيۇلۇڭپو رايونىنىڭ شيېجياۋەن كوچا باشقارمىسى مىنجۇسۈن مەھەللىسىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، مەھەللە ئاھالىلىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرماقتا.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا چۇڭچىڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: چۇڭچىڭ يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پارتىيەنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىگە ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۈكلىگەن بۇرچقا توغرىلىنىپ، سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكى، كېيىن تەرەققىي قىلىش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردە غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تىرەك نۇقتىسىنى، ئىچكى قۇرۇقلۇقنى ئېچىۋېتىش ئۇنىۋېرسال تۈگۈنىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، «ئۈچ رولى»نى جارى قىلدۇرۇش جەھەتتە تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى نامايان قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ چۇڭچىڭ سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز پۈتۈپ چىقىشى كېرەك.

  4 - ئاينىڭ 22 - كۈنىدىن 24 - كۈنىگىچە، شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى يۈەن جياجۈن ۋە شەھەر باشلىقى خۇ خېڭخۇانىڭ ھەمراھلىقىدا، ئەشيا ئوبوروت باغچە رايونى، شەھەر مەھەللىلىرى، رەقەملەشكەن شەھەر يۈرۈشتۈرۈش ۋە ئىدارە قىلىش مەركىزى قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

  4 - ئاينىڭ 22 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ ئاۋۋال چۇڭچىڭ خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى باغچە رايونىدا تەكشۈرۈشتە بولدى. ئۇ غەربىي قىسىم قۇرۇقلۇق - دېڭىز يېڭى يولى چۇڭچىڭ سۇسىز پورت تىجارەت ئورۇنلاشتۇرۇش مەركىزىگە كېلىپ، يېڭى يول قۇرۇلۇشى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئەشيا ئوبوروتى ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ «تومۇرى». غەربىي قىسىم قۇرۇقلۇق - دېڭىز يېڭى يولىنى بەرپا قىلىش «قۇرۇقلۇق، دېڭىز ئىچكى - تاشقى جەھەتتە ھەمتۈرتكە بولىدىغان، شەرق بىلەن غەرب قوش يۆنىلىشتە ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان» سىرتقا ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئالاقىدار تەرەپلەر بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، بۇ بەلگە خاراكتېرلىك تۈرنى ياخشى قۇرۇپ، ياخشى يۈرۈشتۈرۈپ، غەربىي قىسىم ۋە ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونلىرىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئەشيا ئوبوروتى باغچە رايونى ئىلغار تېخنىكىنى پائال قوللىنىپ، بىرلەشمە تىرانسپورت ئەندىزىسىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، ئىلمىي باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، زامانىۋى ئەشيا ئوبوروت سىستېمىسى بەرپا قىلىشتا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

  ئارقىدىن شى جىنپىڭ چۇڭچىڭ تۆمۈريول يۈك ساندۇقى مەركىزىي ۋوگزالىغا كېلىپ، يۈك يىغىش - تارقىتىش، تىرانسپورت يولى، تىجارەت تەننەرخى ۋە ئۈنۈمى قاتارلىقلار توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرى، پويىز شوپۇرلىرى، قاچىلاش - چۈشۈرۈش ئىشچىلىرى، مەيدان - ۋوگزال باشقۇرۇش خادىملىرى قاتارلىقلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ خىزمەت سىجىللىقى، ئەمگەك مۇھاپىزىتى، بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدىكى دەم ئېلىش ۋە كىرىم ئەھۋالىنى سورىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: كۆپچىلىك ئەشيا ئوبوروتى بىرىنچى سېپىدە، شۇنداقلا سىرتقا ئېچىۋېتىش بىرىنچى سېپىدە خىزمەت قىلىسىلەر، سىلەرنىڭ جاپالىق ئەمگىكىڭلار ئارقىلىق نۇرغۇن تاۋارلار تاغ - دەريالاردىن ھالقىپ، دۇنياغا يۈزلەندى، سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلار ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك. غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇش، غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەشيا ئوبوروتى ئىنتايىن مۇھىم، كۆپچىلىك داۋاملىق تىرىشىپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىپ، يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇڭلار.

  شى جىنپىڭ يەنە چۇڭچىڭنىڭ چېڭدۇ - چۇڭچىڭ رايونى قوش شەھەر ئىقتىساد چەمبىرىكى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى، چۇڭچىڭنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە كەسىپ تەرەققىيات نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: چېڭدۇ - چۇڭچىڭ رايونى قوش شەھەر ئىقتىساد چەمبىرىكى بەرپا قىلىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر. چۇڭچىڭ، سىچۇەن ئىككى جاي زىچ ھەمكارلىشىپ، تەرەققىيات ئىقتىدار دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى غەربىي قىسىم «قوش شەھەر خاتىرىسى»نى ئورتاق ياخشى ئېيتىشى كېرەك. تۈۋرۈك كەسىپلەر يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى ئاساسىي بازا. چۇڭچىڭنىڭ ياسىمىچىلىق كەسپى ئۆزىگە خاس قۇرۇلما ئالاھىدىلىكىگە، مۇناسىپ ئەۋزەللىككە ئىگە، چۇڭچىڭنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت بۇ «ھالقىلىق تۇتقا»نى چىڭ تۇتۇپ، ئەۋزەللىكلەرنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ھازىرقى خىزمەتلەرنى تۇتۇپ، كەلگۈسىنى كۆزلەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا جاسارەت بىلەن تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  جيۇلۇڭپو رايونى شيېجياۋەن كوچا باشقارمىسىنىڭ مىنجۇسۈن مەھەللىسى كونا ئولتۇراق رايون بولۇپ، 2022 - يىلىنىڭ بېشىدا يېڭىلاش، ئۆزگەرتىش تۈرىنى باشلىغان ھەم مەملىكەت بويىچە ئالاقىدار سىناق نۇقتىسى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. شى جىنپىڭ بۇ يەرگە كېلىپ، ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىش ۋە خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. ئۇ يەنە مەھەللە ئاشخانىسىغا كىرىپ، غىزالىنىۋاتقان ئامما بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، مەھەللە ئاشخانىسىنى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش شەھەرنى يېڭىلاشتىكى بىر مۇھىم نۇقتا، شۇنداقلا بىر تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، ھەم تارىخىي ئەسلىمىلەر ۋە ئۆزگىچە قىياپەتنى ساقلاپ قېلىش، ھەم ئاھالىلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك. بۇ جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەپ ۋە كېڭەيتىپ، كەڭ مەھەللە ئاھالىلىرىگە تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈش كېرەك. شەھەرنى ئىدارە قىلىشتىكى نۇرغۇن خىزمەتلەر ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىدىن ئىبارەت بۇ جەڭگىۋار قورغان ۋە مەھەللىدىن ئىبارەت بۇ سۇپىغا تايىنىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ، شەھەر مەھەللىلىرىنىڭ مەسئۇلىيەت ئىش تۈرلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، بايلىقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، تورلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق تىرەك بولۇشنى كۈچەيتىپ، مەھەللىلەرنىڭ تۈجۈپىلىك ئىدارە قىلىش، دەل جايىدا مۇلازىمەت قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  ئايرىلىدىغان چاغدا، مەھەللە ئاھالىلىرى بەس - بەستە چۆرىدىشىپ كېلىپ باش شۇجىنى ئۇزىتىپ قويدى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا خەلق تۇرمۇشى ھەممىدىن مۇھىم. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق خىزمىتى پۇقرالارنىڭ تېخىمۇ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى مەقسەت قىلىدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ مالىيە كۈچى، ماددىي كۈچ ئاجرىتىپ، ھەر يىلى خەلق تۇرمۇشىغا دائىر بىر قىسىم ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  4 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ چۇڭچىڭ شەھەرلىك رەقەملەشكەن شەھەرنى يۈرۈشتۈرۈش ۋە ئىدارە قىلىش مەركىزىدە تەكشۈرۈشتە بولۇپ، شۇ جاينىڭ شەھەرنى رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ شەھەرنى ئىدارە قىلىش يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى، سىستېمىنى ئەمەلىي قوللىنىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىشنى كۆردى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا بولۇشقا تېگىشلىك مەزمۇن. رەقەم ئارقىلىق كۈچ قوشۇشنى كۈچەيتىش، شەھەرنى ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسى ۋە تور سىستېمىسىنى ئىلمىي پىلانلاپ قۇرۇپ، بىرلەشمە قوماندانلىق قىلىش ۋە ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىجرا قىلىش كۈچىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك. شەھەرنى ئىدارە قىلىش ھەرقايسى تەرەپلەرگە چېتىلىدۇ، باش ئورۇندا تۇرىدىغىنى «دائىم غېمىدە بولۇش» مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، لايىھەنى ياخشى قىلىپ، دەل جايىدا باشقۇرۇپ، تىزگىنلەپ، تېز ئىنكاس قايتۇرۇپ، تۈرلۈك ئەھۋاللارنى ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىپ، شەھەرنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. سىلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، يېڭى تەجرىبىلەرنى توپلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  4 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ، چۇڭچىڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: چۇڭچىڭنىڭ ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ ئاساسى بىرقەدەر ياخشى، پەن - مائارىپ ئىختىساسلىقلار بايلىقى مول، ئىلغار ياسىمىچىلىق كەسپىنى تايانچ قىلغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىش كېرەك. ياسىمىچىلىق كەسپىدە زور تېخنىكا ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئۈسكۈنىلەرنى كەڭ كۆلەمدە يېڭىلاش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، خەلقئارا ئىلغار سەۋىيە ۋە رىقابەت كۈچىگە ئىگە ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى پائال يېتىلدۈرۈش كېرەك. زور پەن - تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزە، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى پائال يېتىلدۈرۈپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. چېڭدۇ - چۇڭچىڭ رايونى قوش شەھەر ئىقتىساد چەمبىرىكى قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئېشىش قۇتۇپى ۋە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسى بولۇش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. يېشىل تەرەققىياتقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، گۈزەل چۇڭچىڭ قۇرۇپ چىقىپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى مۇھىم ئېكولوگىيە توسۇقىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: چۇڭچىڭ دادىل باشلامچى بولۇشتەك جاسارىتى بىلەن، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشى كېرەك. «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر قولدا دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يادرولۇق رىقابەت كۈچى كۈچلۈك بىر تۈركۈم دۆلەت كارخانىلىرىنى يېتىلدۈرۈشنى تۇتۇشى، بىر قولدا پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تۈرلۈك تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشنى تۇتۇشى كېرەك. مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىغا پائال سىڭىشىپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىپ ۋە مۇلازىمەت قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى، غەربىي قىسىم قۇرۇقلۇق - دېڭىز يېڭى يولىنىڭ ھەمتۈرتكىلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. يۇقىرى ئۆلچەملىك خەلقئارا ئىقتىساد - سودا قائىدىسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇدۇللىشىپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان تىجارەت - سودا مۇھىتى بەرپا قىلىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: چۇڭچىڭ دۆلىتىمىزدىكى تەۋەلىك كۆلىمى ۋە نوپۇس كۆلىمى ئەڭ چوڭ شەھەر، خەلقنىڭ شەھىرى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئەمەلدە كۆرسىتىپ، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ شەھەرنى زامانىۋى ئىدارە قىلىش يېڭى يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىشى كېرەك. ئاقىل شەھەر قۇرۇلۇشى قەدىمىنى تېزلىتىپ، شەھەرنى يۈرۈشتۈرۈش ۋە ئىدارە قىلىش ئەقلىي ئىقتىدار مەركىزىي تۈگۈنى بەرپا قىلىپ، «چوڭ ھەر تەرەپلىمە، بىر گەۋدىلەشكەن» شەھەرنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، شەھەرنى ئىدارە قىلىشنى تېخىمۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق، تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ دەل جايىدا قىلىشى كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كونا ئۆرپ - ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. ئېلاستىك شەھەر قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: چۇڭچىڭدا چوڭ شەھەر، چوڭ يېزا، چوڭ تاغلىق رايون، چوڭ ئامبار رايونى بىر گەۋدە قىلىنغان بولۇپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ناھىيە (رايون) بازىرىنى مۇھىم ۋاسىتە قىلغان يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، شەھەرلەردىكى سودا - سانائەت كاپىتالى ۋە پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلارنى يېزىلارغا يۈزلىنىشكە تەرتىپلىك يېتەكلەپ، قانۇن بويىچە قېلىپلاشتۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشىگە ياردەم بېرىش كېرەك. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى پۇختا، ئەمەلىي تۇتۇپ، تاغنى بويلاپ ئېكولوگىيەلىك خاس يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. «مىڭ، ئونمىڭ قۇرۇلۇشى» تەجرىبىلىرىنى ياخشى ئۆگىنىپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇپ، دىققەتنى ھازىرقى باسقۇچتىكى دېھقانلار ئاممىسىنىڭ ئېھتىياجى كۈچلۈك بولغان، تۇتقىلى بولىدىغان، نەچچە يىل تۇتسىلا نەتىجە ھاسىل قىلغىلى بولىدىغان نۇقتىلىق ئەمەلىي ئىشلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تۇتقان ئىشنى نەتىجىلىك تاماملاپ، دېھقانلار ئاممىسىغا ھېس قىلدۇرۇش ۋە ئۇلارنى مەنپەئەتكە ئېرىشتۈرۈش، ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش يۈزبەرمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: قىلچە بوشاشماي پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلارنىڭ سىياسىي ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، خىزمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، پائال ئالغا ئىلگىرىلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش كېرەك. شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشى ئۈچۈن ياخشى شارائىت يارىتىش كېرەك. پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئىنتىزام، قائىدىنى ھەقىقىي تۈردە سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىغا ئايلاندۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك. ئىزچىل تۈردە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ ۋە ئۇنى جازالاپ، چىرىكلىك پەيدا بولىدىغان تۇپراق ۋە شارائىتنى ئۈزلۈكسىز يوقىتىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى.

  لى گەنجيې، خې لىفېڭ ھەم مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ