دىڭ شۆشياڭ 2024-يىللىق جۇڭگۇەنسۈن مۇنبىرىنىڭ يىللىق يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

2024.04.26 15:10 مەنبە: خەلق تورى

  2024-يىللىق جۇڭگۇەنسۈن مۇنبىرىنىڭ يىللىق يىغىنى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  دىڭ شۆشياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئىچكى تەلىپى ۋە مۇھىم كۈچەش نۇقتىسى، جەزمەن يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەش كېرەك. جۇڭگو يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى كەسىپ، يېڭى ئەندىزە، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى گەۋدىلىك يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى. بىز يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن-تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تىرىكى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىچە پۈتۈن دۆلەتنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىش تۈزۈلمىسىنى تېز تاكامۇللاشتۇرۇپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن-تېخنىكا كۈچىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۇل تەتقىقات ۋە پەن-تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكا، ئاغدۇرما تېخنىكىلارنى تەتقىق قىلىپ يارىتىش ۋە قوللىنىشقا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ پەن-تېخنىكا تىرىكىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلايمىز. جۇڭگۇەنسۈن يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن ـ تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئالغا سىلجىتىش ۋە بېيجىڭ خەلقئارا پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇشتا مۇھىم بۇرچنى زىممىسىگە ئالغان، ئالدىن يولغا قويۇش، ئالدىن سىناق قىلىش ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان پەن ـ تېخنىكا باغچە رايونى قۇرۇشنى تېزلىتىشى كېرەك.

  دىڭ شۆشياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە، «ئوچۇق، ئادىل، ھەققانىي، كەمسىتمەيدىغان» خەلقئارا پەن-تېخنىكا ھەمكارلىق ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، قول تۇتۇشۇپ دۇنيا پەن-تېخنىكا ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ. بىرىنچى، ئېچىۋېتىلگەن، يېڭىلىق يارىتىدىغان ئېكولوگىيەنى ئورتاق بەرپا قىلىش كېرەك. ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان دۇنيا پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقى يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، بىلىم، تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق يېڭىلىق يارىتىش ئامىللىرىنىڭ يۆتكىلىشىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان توسۇقلارنى بۇزۇپ تاشلاپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر ۋە تۈرلۈك پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرىنىڭ خەلقئارا ھەمكارلىققا باراۋەر قاتنىشىشىنى قوللاش كېرەك. ئىككىنچى، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئورتاق يېتىلدۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىدىن ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈش، ئۆزئارا بەھرىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، ھاياتلىق ئىلمى، يېشىل ئېنېرگىيە، ئىلغار ياسىمىچىلىق قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، رەقەملىك ئىقتىساد بويىچە خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر ۋە كەلگۈسى كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈشى، راۋاجلاندۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئۈچىنچى، مۇھىم، زور پەن-تېخنىكا قىيىن مەسىلىلىرىنى ئورتاق ھەل قىلىش كېرەك. كىلىمات ئۆزگىرىشى، مۇھىت قوغداش، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى، ئاشلىق بىخەتەرلىكى قاتارلىق دۇنياۋى خىرىسلارنى چۆرىدەپ، چوڭقۇر ھەمكارلىشىش ۋە بىرلىشىپ پەن تەتقىقات ئېلىپ بېرىشنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا زور ئىلىم-پەن پىلانى ۋە زور پەن قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى دۆلەت پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ئۇللۇق ئالدىنقى قاتاردىكى ئىلىم-پەن مەسىلىلىرىنى بىرلىكتە ھەل قىلىشىنى قوللاش كېرەك.

  ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن، دىڭ شۆشياڭ جۇڭگۇەنسۈن كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ دائىملىق كۆرگەزمىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، پەن ـ تېخنىكا خادىملىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى يىن لى ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

  2024-يىللىق جۇڭگۇەنسۈن مۇنبىرى يىللىق يىغىنىنىڭ باش تېمىسى «يېڭىلىق يارىتىش: تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا قۇرۇش». دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى پەن-تېخنىكا خادىملىرى، كارخانا مەسئۇللىرى، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتارلىقلاردىن بولۇپ تەخمىنەن 1000 كىشى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ