مۇھىم خەۋەرلەر

شىنجاڭ قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى قانۇن چىقىرىپ قوغدايدۇ، 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ

2024.04.15 14:13 مەنبە: خەلق تورى

  يېقىندا شىنجاڭ قاراپ چىقىپ ماقۇللىغان «قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى قوغداش نىزامى» 1-ماي يولغا قويۇلىدۇ، بۇ قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى قوغداش، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنىڭ پۈتۈنلەي يېڭى، قانۇن ئىدارە قىلىش باسقۇچىغا قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  قەشقەر قەدىمىي شەھىرى جۇڭگو شىنجاڭنىڭ غەربىگە جايلاشقان بولۇپ، دۇنيا بويىچە ھازىرغىچە ساقلانغان كۆلىمى ئەڭ چوڭ يەرلىك ئىمارەتلەر توپىنىڭ بىرى، ئۇنىڭغا چوڭقۇر مەدەنىيەت مىراسلىرى يۈكلەنگەن. بۇ يەر ئىلگىرى قەدىمىي يىپەك يولىدىكى مۇھىم سودا شەھىرى بولۇپ، ھەر خىل مەدەنىيەتنى بىرىكتۈرۈپ، مول تارىخىي ئىزنالار ۋە ئۆزگىچە رايون مەدەنىيىتىنى قالدۇرغان.

  2015- يىلى قەشقەر قەدىمىي شەھىرىگە دۆلەت A5 دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى دەپ رەسمىي ۋېۋىسكا ئېسىلغان بولۇپ، شىنجاڭدىكى A5 دەرىجىلىك تارىخىي مەدەنىيەت مەنزىرە رايونى ھېسابلىنىدۇ. 2024ـ يىلى چاغاندا، مەركىزىي رادىيو ـ تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ ئەجدىھا يىلىدىكى چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىنىڭ شىنجاڭ شۆبە مەيدانى قەشقەر شەھىرىنىڭ قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ