مۇھىم خەۋەرلەر

كىيىم لايىھەلىگۈچى ئېليارجان: ئەتلەسنىڭ دۇنياغا يۈزلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن

2024.04.15 14:12 مەنبە: خەلق تورى

  ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا كىيىم لايىھەلەشنى ئۆگەنگەن ئېليارجان ئەركىن بىر قېتىملىق تاسادىپىي پۇرسەتتە ئەتلەس بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ قىزىقىشى بارغانسېرى كۈچىيىپ، ئۆگەنگەن كەسپىدىن پايدىلىنىپ قايتىدىن لايىھەلەشنى سىناپ كۆرۈپ، ئەنئەنىۋى ئەتلەسنى خەلقئارالىشىشقا ۋە مودىغا يۈزلەندۈردى. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئۇ لايىھەلىگەن ئەتلەس كىيىم-كېچەكلەر بېيجىڭ گۇگۇڭ سارىيىدا تۇنجى مەيدان كۆرگەزمە قىلىندى، تىرىشچانلىقنىڭ نەتىجىسى نامايان قىلىنىشى بىلەنلا كىشىلەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىدى، بۇ ھەم ئۇنىڭ مىللىي مەدەنىيەت ئامىللىرىنى زامانىۋى مودا ئېقىمغا بىرلەشتۈرگەن كىيىم لايىھەلەش ئىدىيەسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى.

  ئەتلەس شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە قول ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇمى، يىپەك رەختنىڭ رەڭگى چىرايلىق، سىزىقلىرى ئوچۇق، دەرەخ يوپۇرمىقى، پەي، بۇغداي باشىقى قاتارلىق نەقىشلىرى بار، ئەنئەنىۋى ئەتلەس زەپە، تۇخۇمەك گۈلى، ياڭاق پوستى قاتارلىق تەبىئىي بوياقلاردىن ياسىلىدۇ. 2008 – يىلى ئەتلەس توقۇش ۋە بوياش ھۈنىرى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.

  ئېليارجان كۈندىلىك خىزمىتىدە، ئىشخانىسىدا چېرتىيوژ سىزغاندىن باشقا، كۆپ قىسىم ۋاقتىنى رەخت تاللاشقا سەرپ قىلىدۇ، رەخت ئەتلەسنىڭ جېنى، كىيگۈچىلەرنىڭ راھەتلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان بىۋاسىتە ئامىل، دېدى ئۇ.

  ھازىر ئېليارجاننىڭ ئىشخانىسىدا 10 ئىشچى بار، ئۇلار ئېليارجاندىن لايىھىلەش تەپەككۇرى، لايىھەلەش ئىدىيەسىنى ئۆگىنىدۇ، ئۇ ئۆزىمۇ دائىم ئەسەرلىرىنى ئېلىپ كىيىم-كېچەكلەرنى كۆرگەزمە قىلىش نەق مەيدانلىرىدا نامايان قىلدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ