مۇھىم خەۋەرلەر

دۆلەت ئولىمپىك پۇتبول كوماندىسى U23 ئاسىيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىغا قاتنىشىدىغان ماھىرلارنى ئېلان قىلدى

شىنجاڭلىق تۆت يىگىت تاللاندى

2024.04.09 00:00 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئاينىڭ 5-كۈنى كەچتە، جۇڭگو دۆلەت ئولىمپىك پۇتبول كوماندىسى U23 ئاسىيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ 23 كىشىلىك سەپ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، شىنجاڭدىن بەھرام ئابدۇۋەلى، ئەفىرىدىن ئەسقەر، ئابلاخان خالىق، مۇتەللىپ ئىمىنقارى تاللاندى.

  بۇ نۆۋەتلىك U23 ئەرلەر ئاسىيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى 4-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 3-كۈنىگىچە قاتاردا ئۆتكۈزۈلىدۇ، جۇڭگو دۆلەت ئولىمپىك كوماندىسى ياپونىيە، كورىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن بىرلىكتە B گۇرۇپپىغا بۆلۈندى. بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىگە جەمئىي 16 كوماندا قاتنىشىدىغان بولۇپ، بىرىنچىلىكتىن ئۈچىنچىلىككىچە ئېرىشكەن كوماندىلار 2024-يىللىق پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە بىۋاسىتە قاتنىشىدۇ، 4-بولغان كوماندا ئافرىقا رايونىدىكى كوماندا بىلەن قوشۇمچە مۇسابىقە ئويناپ، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان بىر ساننى تالىشىدۇ.

  ئەفىرىدىن، مۇتەللىپ، ئابلاخان ئۈچى شىنجاڭنىڭ قەشقەر شەھىرىدىن بولۇپ، ئۈچەيلەن كىچىكىدىن بىللە توپ ئوينىغان. بەھرام غۇلجا شەھىرىدىن بولۇپ، بۇ يىلنىڭ بېشىدا 2023-يىللىق جۇڭگو ئالتۇن ئۆسمۈر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇلتۇر يىل بېشىدا، ئەفىرىدىنمۇ 2022-يىللىق جۇڭگو ئالتۇن ئۆسمۈر مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، مۇتەللىپنىڭ 2023-يىللىق جۇڭگو ئالتۇن ئۆسمۈر مۇكاپاتىنى باھالاشتىكى نەتىجىسى بەھرامدىن سەل تۆۋەن بولدى.

  بۇ مۇسابىقە پەسلىدە، دۆلەت ئولىمپىك كوماندىسىنىڭ بۇ تۆت توپچىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا چېڭدۇ رۇڭچېڭ، ۋۇخەن سەنجېن ۋە شېنجېن شىنپېڭچېڭ قاتارلىق ئۈچ جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول كوماندىسى ئۈچۈن كۈچ چىقاردى. بۇ قېتىمقى U23 ئاسىيا لوڭقىسى ئۇلارغا نىسبەتەن تېپىلغۇسىز پۇرسەت بولغۇسى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ