مۇھىم خەۋەرلەر

باي ناھىيەسىدە 5.4 بال يەر تەۋرىدى

ھازىرچە تالاپەت ۋە مال-مۈلۈك زىيان دوكلاتى تاپشۇرۇۋېلىنمىدى

2024.04.08 23:59 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئاينىڭ 7-كۈنى 16دىن 46 مىنۇت ئۆتكەندە، باي ناھىيەسىدە 5.4 بال يەر تەۋرىدى، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 17 كىلومېتىر كېلىدۇ، تەۋرەش مەركىزى شىمالىي كەڭلىك 41.94 گىرادۇس، شەرقىي مېردىيان 82.14 گرادۇس، باي ناھىيەسىنىڭ ناھىيە بازىرىغا تەخمىنەن 27.4 كىلومېتىر، ئاقسۇنىڭ شەھەر رايونىغا تەخمىنەن 177.9 كىلومېتىر كېلىدۇ. دەسلەپكى ئېنىقلاشقا ئاساسەن، تەۋرەش مەركىزى چۆللۈككە جايلاشقان.

  يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، دەرھال ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاپەت ئەھۋالىنى تېزلىكتە ئېنىقلاپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بويىچە جىددىي تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  ھازىرچە تالاپەت ۋە مال-مۈلۈك زىيان دوكلاتى تاپشۇرۇۋېلىنمىدى، شۇ جاينىڭ خەۋەرلىشىش، توك تەمىنلەش، قاتناش ئەھۋالى نورمال.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ