مۇھىم خەۋەرلەر

شىنجاڭدا 42 تۈرلۈك تەدبىر يولغا قويۇلۇپ، تىپ ۋە تۈرلەر بويىچە يەككە سودا-سانائەتچىلەرگە دەل جايىدا ياردەم بېرىلدى

2024.04.08 23:55 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق 16 تارماق بىلەن بىرلىكتە «يەككە سودا-سانائەتچىلەرگە تىپ ۋە تۈرلەر بويىچە دەل جايىدا يار-يۆلەك بولۇشنى قانات يايدۇرۇپ، يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى تارقىتىپ، 42 تۈرلۈك خاسلاشقان تەدبىر قوللىنىپ، يەككە سودا-سانائەتچىلەرنى تىپ ۋە تۈرلەر بويىچە دەل جايىدا يۆلىدى.

  بۇلتۇر 4-ئايدا، مەملىكەت بويىچە 12 ئۆلكىدە يەككە سودا-سانائەتچىلەرنى تىپ ۋە تۈرلەر بويىچە دەل جايىدا يۆلەش سىياسىتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇلدى. سىناق نۇقتىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ ئالدىن يولغا قويۇپ، ئالدىن سىناق قىلىپ، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتىدە پائال نۇقتىدا سىناق قىلدى ھەم نۇقتىدا سىناق قىلىش تەجرىبىلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ «لايىھە»نى ئېلان قىلدى.

  «لايىھە»دە «ئاۋۋال تىپقا ئايرىش، ئاندىن تۈرگە ئايرىش» پىرىنسىپى بويىچە ئەمەلىي تىجارەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ ھەممىسى تۈرگە ئايرىپ ھۆكۈم قىلىش كۆرسەتكۈچىگە ئاساسەن، «تىرىكچىلىك قىلىش تىپىدىكىلەر»، «ئۆسۈپ يېتىلىش تىپىدىكىلەر»، «تەرەققىيات تىپىدىكىلەر» («قىيىنچىلىقى بارلار» ۋە «پەسىل خاراكتېرلىك تىجارەت قىلىدىغانلار»دىن ئىبارەت ئالاھىدە بەلگە قويۇلغان تىپلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)گە ئايرىلىپ، قاراتمىلىق ھالدا يۆلەش تەدبىرلىرى يولغا قويۇلدى. تىپقا ئايرىش ئاساسىدا، «داڭلىق، خاس، ئەلا، يېڭى» تۆت تۈردىكى يەككە سودا-سانائەتچىلەرنى تاللاش ۋە بېكىتىش قانات يايدۇرۇلۇپ، خاسلىقى روشەن، سەمىمىي، تىجارىتى ياخشى، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى زور بىر تۈركۈم يەككە سودا-سانائەتچىلەر يېتىشتۈرۈلۈپ، ئۇلارنىڭ يېتەكلەش، ئۈلگە كۆرسىتىش رولى جارى قىلدۇرۇلۇپ، ئوخشاش كەسىپ، ئوخشاش تىپتىكى تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىغا مەدەت بېرىلدى.

  «لايىھە» بارلىق يەككە سودا-سانائەتچىلەرنى گەۋدىلىك ھالدا ئومۇميۈزلۈك مەنپەئەتلەندۈرۈش پىرىنسىپىغا قارىتىلغان بولۇپ، ئىجازەت مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، پۇل مۇئامىلە-سۇغۇرتا مەھسۇلاتلىرىنى بېيىتىش، تىجارەت مەيدان-سورۇنلىرى بىلەن تەمىنلەشنى كۆپەيتىش، باج-ھەقنى كېمەيتىش-كەچۈرۈم قىلىشنى يولغا قويۇش، ئىجتىمائىي كاپالەت جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى زورايتىش، كارخانىلارنىڭ تىجارەت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش، ئادىل رىقابەت مۇھىتى يارىتىش، ئىلتىماس-تەلەپلەرنى قايتما ئىنكاس قىلىپ ھەل قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىش، ئىناۋەتتىن ماس قەدەمدە پايدىلىنىشنى كۈچەيتىش، قانۇنچىللىق بويىچە مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىن 10 تۈرلۈك يۆلەش، قوللاش سىياسىتى چىقىرىلدى. تىپقا ئايرىش، تۈرگە ئايرىشقا ئالاقىدار يەككە سودا-سانائەتچىلەرگە 32 تۈرلۈك دەل جايىدا يار-يۆلەك بولۇش سىياسىتى چىقىرىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە تىپقا ئايرىشقا چېتىشلىق يار-يۆلەك بولۇش سىياسىتىدىن 20 تۈر، تۈرگە ئايرىشقا چېتىشلىق يار-يۆلەك بولۇش سىياسىتىدىن 12 تۈر بار.

  «يەككە سودا-سانائەتچىلەرنى تىپقا ئايرىپ، تۈرگە ئايرىپ يېتىشتۈرۈش يىراق كەلگۈسى كۆزلەنگەن تۈزۈم خاراكتېرلىك ئورۇنلاشتۇرۇش، يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ ئومۇمىي تەرەققىيات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى تىزىملاش-ئەنگە ئېلىش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى ۋاڭ شىنجۈن، ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، شىنجاڭ ئىزدىنىش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ تەرەققىياتقا دائىر ئىلتىماس-تەلەپلىرىنى سىجىل ئىز قوغلاپ ئىگىلەپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ پۈتۈن ھاياتلىق دەۋرىيلىكىنى قاپلىغان پەرقلىق، دەل جايىدا بولغان سىياسەت بىلەن تەمىنلەش ۋە مۇلازىمەت قىلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مەدەت بېرىدىغان تېخىمۇ كۆپ بايلىقنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، بىرىكتۈرۈپ، ئالاقىدار يۆلەش سىياسەتلىرىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، تىپقا ئايرىش ئارقىلىق پەرقلىق يۆلەپ، تۈرگە ئايرىش ئارقىلىق ئۈلگە كۆرسىتىش، تۈرتكە بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، «داڭلىق، خاس، ئەلا، يېڭى» بولۇشنى يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىدىغان ئالتۇن خەتلىك داڭلىق ماركىغا ئايلاندۇرۇپ، يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2024-يىل 3-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدا ئەنگە ئېلىنغان يەككە سودا-سانائەتچى 1 مىليون 880 مىڭغا يېتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى تىجارەت سۇبيېكتلىرى ئومۇمىي مىقدارىنىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسمىدىن ئېشىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆلچىكى، جەمئىيەتنى مۇقىملاشتۇرغۇچ، ئورتاق بېيىشتىكى جەڭگىۋار قوشۇن بولۇش مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ