مۇھىم خەۋەرلەر

شىنجاڭدىكى ھەقىقىي ئەھۋالنىڭ دەرۋازىسى باشتىن-ئاخىر ئوچۇق!

2024.04.08 23:55 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرىدىكى تېخىمۇ كۆپ ھەر ساھە زاتلىرىنى شىنجاڭغا كېلىپ زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىمىز!»

  شىنجاڭ دۆلىتىمىزنىڭ قۇرۇقلۇق كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئۆلكە دەرىجىلىك مەمۇرىي رايونى، دۆلىتىمىزنىڭ بۆلگۈنچىلىككە، تېررورلۇققا، سىڭىپ كىرىشكە قارشى تۇرۇشتىكى ئالدىنقى سەپ بازىسى، ھەربىر ھەرىكىتى جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئامېرىكا، غەربتىكى بەزى كۈچلەر دەل مۇشۇ نۇقتىنى نىشانلاپ، «شىنجاڭ قارتى»نى ئارقا-ئارقىدىن ئويناپ، ئاق-قارىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىپ، مىللەت، دىن، كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق ساھەلەردە شىنجاڭغا ئائىت يالغان-ياۋىداق سەپسەتىلەرنى خالىغانچە تارقاتتى، قايتا-قايتا كۆپتۈردى.

  بۇ يىل چاغان ئۆتۈپ ئۇزاق ئۆتمەي، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى ميۇنخېن خەۋپسىزلىك يىغىنىغا قاتناشقاندا «بىر قىسىم سىياسىي كۈچلەر خەلقئارادا شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن پىتنە-ئىغۋالارنى تارقىتىپ، نۇرغۇن ساختا ئۇچۇرلارنى ئويدۇرۇپ چىقاردى»، «ئۇلارنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار يالغان-ياۋىداق سۆزلەرنى توقۇشتىكى مەقسىتى شىنجاڭنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشىگە توسقۇنلۇق قىلىش» دەپ كۆرسەتتى.

  ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرىدىكى ئاددىي خەلقنىڭ شىنجاڭغا قارىتا شەكىللەنگەن خاتا، بۇرمىلانغان، ئۆلۈك تەسىراتقا بولغان تونۇشىنى قانداق يوقىتىش كېرەك؟ قانداق قىلغاندا ئامېرىكا ۋە غەربتىكى بەزى كۈچلەر ئويدۇرۇپ چىقارغان يالغانچىلىقنى ئۆزلۈكىدىن بەربات قىلغىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا پۈتۈن دۇنيادا يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلىگىلى بولىدۇ؟

  مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا. ئىشىكنى ئېچىپ، كۆكسى-قارنىنى كەڭ تۇتۇپ، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىدىكى ھەر ساھە زاتلىرىنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ نەق مەيداندا مېڭىپ، كۆرۈپ، پاراڭلىشىپ تۇرۇشىنى قارشى ئېلىش قەلبنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى ئارازلىقنى تۈگىتىش، خاتا چۈشەنچىنى تۈگىتىش، تونۇشنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم يولى.

  ئەمەلىيەتتە، بۇ ئىككى يىلدا ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىدىكى بەزى زاتلار شىنجاڭغا كېلىپ زىيارەت قىلدى. مەسىلەن، شىۋېتسارىيەنىڭ مۇستەقىل تاراتقۇسى «يېڭى شىمال» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى ناتالى بېنالى، فىرانسىيە يازغۇچىسى ماكسىم ۋىۋاس قاتارلىقلار شىنجاڭدىكى دىنىي سورۇن، زاۋۇت، مەكتەپ، كۆرگەزمە سارىيى، بازار، كېۋەزلىك، چوڭ-كىچىك كوچىلار، ھەتتا ئادەتتىكى ئائىلىلەر قاتارلىق جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، «بارلىق ئىشلارنىڭ غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ دېگىنى بىلەن تۈپتىن ئوخشىمايدىغانلىقى»نى بايقىدى.

  دەل شىنجاڭدا نەق مەيداننى زىيارەت قىلىش جەريانىدا، ئامېرىكا، غەرب دۆلەتلىرىدىكى زاتلار ھۆكۈمەت ھۆججىتى، ماگىزىن ۋىۋىسكىسىنىڭ ھەممىسىدە قوش تىل قوللىنىلغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل-مەدەنىيىتى قوغدالغانلىقىنى، ۋارىسلىق قىلىنغانلىقىنى، ئاتالمىش «ئىرقىي يوقىتىش» سەپسەتىسىنىڭ شۇنچىلىك بىمەنە، كۈلكىلىك ئىكەنلىكىنى بايقىدى.

  دەل شىنجاڭدا نەق مەيداننى زىيارەت قىلىش جەريانىدا، ئامېرىكا، غەرب دۆلەتلىرىدىكى زاتلار شىنجاڭدا پاختىنىڭ كۆلەملەشتۈرۈپ، ماشىنىلاشتۇرۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىلىش مەنزىرىسىنى، چوڭ-چوڭ پاختا ئېتىزلىرىدا ئادەمنىڭ سايىسىنىمۇ كۆرگىلى بولمايدىغانلىقىنى، ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» سەپسەتىسىنىڭ پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغانلىقىنى كۆردى.

  شىنجاڭ ماڭغان يول تۈز، قىلغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئوچۇق-يورۇق، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ھەممىگە ئايان، كۆرگىلى بولمايدىغان، دېگىلى بولمايدىغان ئىش يوق.

  دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر مەيلى شەرقتىن ياكى غەربتىن كەلسۇن، مەيلى ھۆكۈمەت ئەمەلدارى، تاراتقۇ مۇخبىرى ياكى ئادەتتىكى ئوقۇغۇچى، سودىگەر بولسۇن، پەقەت دۈشمەنلىك قىلمىسا، يامان نىيەتتە بولمىسىلا، شىنجاڭدىكى 25 مىليون ھەر مىللەت خەلق ئۇلارنىڭ كېلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ.

  شىنجاڭنىڭ دەرۋازىسى باشتىن-ئاخىر ئوچۇق، ھەقىقىي ئەھۋالنىڭ دەرۋازىسى باشتىن-ئاخىر ئوچۇق. دۇنيانىڭ ھەرقايسى بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ بازارغا بېرىپ، يېزىغا بېرىپ، زاۋۇتقا بېرىپ، سېخقا بېرىپ، مەنزىرە رايونى، مەنزىرە نۇقتىلىرىغا بېرىپ، دېھقانلارنىڭ ھويلىسىغا كىرىپ، شىنجاڭلىقلارنىڭ تۇرمۇشىنى كۆرۈپ، شىنجاڭلىقلارنىڭ ساداسىنى ئاڭلاپ، يالغانچىلىق قوشۇلمىغان ھەقىقىي گۈزەل شىنجاڭنى بىۋاسىتە ھېس قىلىشىنى قارشى ئالىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ