مۇھىم خەۋەرلەر

شىنجاڭدىكى گۇڭئەن ئورگانلىرى توردىكى پىتنە-ئىغۋالارغا زەربە بېرىش ۋە ئۇنى تۈزەشكە دائىر سەككىز تىپىك دېلو مىسالىنى ئېلان قىلدى

2024.04.08 23:52 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تور مۇھىتىنى ئۈنۈملۈك ساپلاشتۇرۇپ، توردىكى پىتنە-ئىغۋالارغا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش ئۈچۈن، شىنجاڭ گۇڭئەن ئورگانلىرى توردىكى پىتنە-ئىغۋالارغا زەربە بېرىش، تۈزەش مەخسۇس ھەرىكىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، توردا پىتنە-ئىغۋا ئويدۇرۇپ چىقارغان، تارقاتقان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، ئوچۇق، تەرتىپلىك تور بوشلۇقىنى ھەقىقىي قوغدىدى. 3-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق گۇڭئەن نازارىتى يېقىنقى مەزگىلىدە رازۋېدكا قىلىپ بېجىرگەن سەككىز تىپىك دېلونى ئېلان قىلدى.

  1. شيا فامىلىلىك «ئون تۆت ياشلىق قىز بىنادىن سەكرەپ ئۆلۈۋالدى» دېگەن پىتنە-ئىغۋانى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ ئېلان قىلدى

  يېقىندا، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى تور ئەھلى شيا فامىلىلىك توردا «مەلۇم ئوتتۇرا مەكتەپتىكى 14 ياشلىق قىز ئۆگىنىش بېسىمى بەك ئېغىر بولغانلىقتىن بىنادىن سەكرەپ ئۆلۈۋالدى، ئۆلۈشتىن بۇرۇن ۋەسىيەتنامە قالدۇردى!» دېگەن پىتنە-ئىغۋا ئۇچۇرىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ ئېلان قىلىپ، ناچار ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلدى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق گۇڭئەن ئورگىنى قانۇن بويىچە ئۇنىڭغا مەمۇرىي جازا بەردى.

  2. چى فامىلىلىك «مەلۇم جايدا قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ يولنىڭ ئېتىۋېتىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى» دېگەن پىتنە-ئىغۋانى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ ئېلان قىلدى

  يېقىندا، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى تور ئەھلى چى فامىلىلىك توردا «مەلۇم جايدا ئادەم سوقۇلۇپ ئۆلۈپ كەتتى، يول ئېتىۋېتىلدى» دېگەن پىتنە-ئىغۋا ئۇچۇرىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ ئېلاپ قىلىپ، ناچار ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلدى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق گۇڭئەن ئورگىنى قانۇن بويىچە ئۇنىڭغا مەمۇرىي جازا بەردى.

  3. جيا X «يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش بىر ئائىلىدىكى ئىككى جاننىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى» دېگەن پىتنە-ئىغۋانى ئېلان قىلدى

  يېقىندا، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى تور ئەھلى جيا X توردا «بۇرچىن ناھىيەسىدىكى ئۈچ ئائىلە كىشىلىرى كوچىدىكى ئاشخانىدا خوگو يەپ زەھەرلەندى، بىر ئائىلىدىكى ئىككى جان ئۆلۈپ كەتتى» دېگەن پىتنە-ئىغۋا ئۇچۇرىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ ئېلان قىلىپ، ناچار ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلدى، ئالتاي ۋىلايەتلىك گۇڭئەن ئورگىنى قانۇن بويىچە ئۇنىڭغا مەمۇرىي جازا بەردى.

  4. جاڭ فامىلىلىك «ناچار ھاۋارايىنىڭ تەسىرىدە زەنجىرسىمان قاتناش ۋەقەسى يۈز بەردى» دېگەن پىتنە-ئىغۋانى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ ئېلان قىلدى

  يېقىندا، تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى تور ئەھلى جاڭ فامىلىلىك توردا «ناچار ھاۋارايىنىڭ تەسىرىدە زەنجىرسىمان قاتناش ۋەقەسى يۈز بەردى» دېگەن پىتنە-ئىغۋا ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىپ، ناچار ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلدى، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك گۇڭئەن ئورگىنى قانۇن بويىچە ئۇنىڭغا مەمۇرىي جازا بەردى.

  5. ئا X «بىرى دەرياغا سەكرەپ ئۆلۈۋالدى» دېگەن پىتنە-ئىغۋانى ئېلان قىلدى

  يېقىندا، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى تور ئەھلى ئا X دەلىللەنمىگەن ئەھۋالدا توردا «بىرى دەرياغا سەكرەپ ئۆلۈۋالدى» دېگەن پىتنە-ئىغۋا ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىپ، ناچار ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلدى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق گۇڭئەن ئورگىنى ئۇنىڭغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بەردى.

  6. مياۋ فامىلىلىك «مەلۇم جايدا ئاشلىقتىن ياخشى ھوسۇل چىقمىغانلىقتىن ئاچارچىلىق يۈز بېرىدۇ» دېگەن پىتنە-ئىغۋانى ئېلان قىلدى

  يېقىندا، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى تور ئەھلى مياۋ فامىلىلىك تور سۇپىسىدا «مەلۇم جايدا ئاشلىقتىن ياخشى ھوسۇل چىقمىغانلىقتىن ئاچارچىلىق يۈز بېرىدۇ» دېگەن پىتنە-ئىغۋا ئۇچۇرىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ ئېلان قىلىپ، ناچار ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلدى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق گۇڭئەن ئورگىنى ئۇنىڭغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بەردى.

  7. لى فامىلىلىك «مەلۇم ماركىلىق ئىچىملىك-يېمەكلىك تەركىبىدە زىيانلىق ماددىلار بار» دېگەن پىتنە-ئىغۋانى ئېلان قىلدى

  يېقىندا، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى تور ئەھلى لى فامىلىلىك تور سۇپىسىدا «مەلۇم ماركىلىق ئىچىملىك-يېمەكلىك تەركىبىدە زىيانلىق ماددىلار بار، چوڭ مېڭىنى پالەچ قىلىپ، راك پەيدا قىلىدۇ» دېگەن پىتنە-ئىغۋا ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىپ، ناچار ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلدى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق گۇڭئەن ئورگىنى ئۇنىڭغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بەردى.

  8. تۇ X «قۇرامىغا يەتمىگەن بىر قىز دادىسىنىڭ باسقۇنچىلىقىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئېسىلىپ ئۆلۈۋالدى» دېگەن پىتنە-ئىغۋانى ئېلان قىلدى

  يېقىندا، خوتەن ۋىلايىتىدىكى تور ئەھلى تۇ X تور سۇپىسىدا «بىزنىڭ بۇ يەردە 11 ياشلىق بىر قىز ئۆز دادىسىنىڭ كۆپ قېتىملىق باسقۇنچىلىقىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئېسىلىپ ئۆلۈۋالدى» دېگەن پىتنە-ئىغۋا ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىپ، ناچار ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلدى، خوتەن ۋىلايەتلىك گۇڭئەن ئورگىنى ئۇنىڭغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ