مۇھىم خەۋەرلەر

شىنجاڭلىق ئۇچقۇر ئادەم ئەلىشىر يەنە بىر قېتىم مەملىكەتلىك رېكورتنى بۇزۇپ، «جۇڭگو ئەرلەرنىڭ 400 مېتىرغا يۈگۈرۈش تۈرىدىكى سەركە» بولۇپ قالدى

2024.04.08 23:52 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 31-كۈنى، ئۈچ كۈن داۋاملاشقان 2024-يىللىق مەملىكەتلىك زال ئىچى يېنىك ئاتلېتىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى تيەنجىندە ئاخىرلاشتى. شىنجاڭلىق 17 ياشلىق ماھىر ئەلىشىر ئۆمەر يەنە بىر قېتىم چېمپىيونلىققا ئېرىشىتى ھەمدە 45 سېكۇنت 79 دەقىقىلىك نەتىجە بىلەن ئۆزىنىڭ مۇشۇ ئايدا ئەمدىلا ياراتقان مەملىكەتلىك زال ئىچى ئەرلەرنىڭ 400 مېتىرغا يۈگۈرۈش رېكورتىنى يېڭىلىدى.

  ئەلىشىر 2022-يىل يازدا شىنجاڭ تەنتەربىيە كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىگە كىرگەن، ئارقىدىن شىنجاڭ تەنتەربىيە ئىدارىسى تەنتەربىيە مەشىق 1-چوڭ ئەترىتىگە كىرىپ كەسپىي مەشىق قىلغان.

  2023-يىل 5-ئاينىڭ 22-كۈنى، مەملىكەتلىك U18 يېنىك ئاتلېتىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە، يېرىم يىل كەسپىي مەشىق بىلەن شۇغۇللانغان ئەلىشىر 21 سېكۇنت 8 دەقىقىلىك نەتىجە بىلەن شىنجاڭ ئەرلەر 200 مېتىرغا يۈگۈرۈش رېكورتىنى ياراتقان. 11-ئاينىڭ 2-كۈنى، مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار (ياشلار) تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، ئۇ 45 سېكۇنت 71 دەقىقە نەتىجە بىلەن ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىپ، خەلقئارا دەرىجىلىك سەۋىيەگە يەتكەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە مەملىكەتلىك ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەرلەر 400 مېتىرغا يۈگۈرۈش رېكورتى ۋە شىنجاڭ بويىچە ئەرلەرنىڭ 400 مېتىرغا يۈگۈرۈش رېكورتىنى يېڭىلىغان. بۇ يىل 3-ئاينىڭ 13-كۈنى، مەملىكەتلىك زال ئىچى يېنىك ئاتلېتىكا مۇكاپاتلىق مۇسابىقىسى نەنجىڭ بېكىتى مۇسابىقىسىدە، زۇكامداپ قالغان ئەلىشىر 46 سېكۇنت 4 دەقىقە نەتىجە بىلەن چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى ھەمدە مەملىكەت بويىچە ئەرلەرنىڭ زال ئىچى 400 مېتىرغا يۈگۈرۈش رېكورتىنى بۇزدى.

  ئەلىشىرنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۆسۈپ يېتىلىشى پۈتكۈل جۇڭگو يېنىك ئاتلېتىكا چەمبىرىكىنى ھاياجانغا سالدى، ئەمدىلا مەملىكەتلىك رېكورتنى بۇزغان ئەلىشىر «جۇڭگو ئەرلەرنىڭ 400 مېتىر ئارلىققا يۈگۈرۈشتىكى بىرىنچى سەركىسى» دەپ تەرىپلەندى.

  بۇ قېتىمقى مەملىكەتلىك زال ئىچى يېنىك ئاتلېتىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىكى دىنا نۇرلان ئاياللار ئېگىزگە سەكرەش مۇسابىقىسىدە 1.75 مېتىرلىق نەتىجە بىلەن 6-بولدى؛ ئەرلەر چۆيۈن توپ تۈرىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىن چېن جيەن بىلەن ياڭ كاڭ ئايرىم-ئايرىم 6- ۋە 8-لىككە ئېرىشتى؛ ئەرلەرنىڭ 60 مېتىرغا يۈگۈرۈش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، ئەلقۇت ئىسھاق 6 سېكۇنت 70 دەقىقىلىك نەتىجە بىلەن بەشىنچى بولدى، بۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭ تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم بۇ تۈرلەردە ئالدىنقى ئالتىنىڭ ئىچىگە كىرىشى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ