مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش دائىرىسى داۋاملىق كېڭەيتىلدى!

ئاپتونوم رايون بىلەن بىڭتۈەن بۇ خىزمەتنى ئىلگىرى سۈردى

2024.04.08 23:51 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكتىكى سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ داۋالىنىش راسچوتىنىڭ قولايلىقلىقىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى «شىنجاڭ ئىچىدە باشقا جاي بولماسلىق، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك ئەنگە ئېلىشنى خالاس قىلىش»نى داۋالاش كاپالىتىدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرگە كىرگۈزۈپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكتىكى سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ بىر-بىرىدە داۋالىنىش ھەققىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىدىكەن.

  بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ بېكىتىلگەن تېببىي دورا ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش دائىرىسى سىجىل كېڭەيتىلدى. ئوخشاش بىر رايوندا ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لەر ياكى بىڭتۈەننىڭ ھەرقايسى شى، شەھەرلىرىدىكى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە بېكىتىلگەن تېببىي دورا ئاپپاراتلىرى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئاغرىقلارنىڭ داۋالىنىشىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ سۇغۇرتىغا قاتناشقانلارنى ئەنگە ئېلىشتىن خالاس قىلىشنى ئەڭ زور چەكتە ئىشقا ئاشۇردى. ھازىرغا قەدەر، ئاپتونوم رايون بىڭتۈەننىڭ بېكىتىلگەن تېببىي دورا ئاپپاراتىدىن 1176نى ئېتىراپ قىلدى، بىڭتۈەن ئاپتونوم رايوننىڭ بېكىتىلگەن تېببىي دورا ئاپپاراتىدىن 1595نى ئېتىراپ قىلدى.

  بىر-بىرىدە داۋالىنىشنى ئەنگە ئالدۇرۇش رەسمىيىتى تەدرىجىي ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. باسقۇچلۇق يولغا قويۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئىشنى ئالدى بىلەن بىر-بىرىدە داۋالىنىشنى ۋاقىتلىق ئەنگە ئالدۇرۇشتىن خالاس قىلىشتىن باشلاپ، بىر-بىرىدە داۋالىنىشنى ۋاقىتلىق ئەنگە ئالدۇرۇشنى ئالدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، شىنجاڭ ئىچىدە ئەنگە ئالدۇرماسلىق، بىۋاسىتە راسچوت قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. ۋاقىتلىق سىرتقا چىقىش ياكى ئالاھىدە ئېھتىياجى بىلەن باشقا جايدا داۋالىنىشتا، ئەنگە ئالدۇرمايلا، سۇغۇرتىغا قاتناشقان جاينىڭ سىياسىتى بويىچە بىۋاسىتە راسچوت قىلىنىدۇ. بىر تۇتاش غەملىگۈچى رايونلار رايونلار ئارا تەمىنات پەرقىنى تەدرىجىي ئازايتىپ، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئۆلكە دەرىجىلىك بىرتۇتاش غەملەشكە ئاساس سالىدۇ.

  داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن چىقىم قىلىش ئۇسۇلى تەدرىجىي بىرلىككە كەلتۈرۈلىدۇ. ئىشنى بىر-بىرىدە داۋالىنىش خىراجىتىنىڭ نامۇۋاپىق ئېشىپ كېتىشىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەشتىن باشلاپ، بىر-بىرىدە داۋالىنىشتىكى دوختۇرخانىدا يېتىش ھەققىنى DRG/ DIP ھەق تۆلەشنى باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش ئالدىن ئويلىشىلىدۇ. غەملىگۈچى رايونلار بىر-بىرىدە داۋالىنىش تۈرىنى سىجىل قېلىپلاشتۇرۇپ، بېجىرىش تەرتىپىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، سانلىق مەلۇماتلارنى مەخسۇس تۈزەش ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئېلېكتىرونلۇق رېتسېپ ئوبوروتىنى قانات يايدۇرۇپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ