مۇھىم خەۋەرلەر

ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشتە جەزمەن تونۇشتىكى ئۈچ خاتالىقتىن ساقلىنىش كېرەك

2024.04.08 23:48 مەنبە: خەلق تورى

  شىنجاڭ شەكىلۋازلىق قىلىپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشكە ئالاقىدار گەۋدىلىك مەسىلە يىپ ئۇچلىرىنى توپلىغاندىن بۇيان، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە بۇنىڭغا يۈكسەك دىققەت قىلدى، كەڭ ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ئالقىشلاپ تەرىپلىدى، كىشىلەرنىڭ يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىشقا بولغان ئىشەنچى تېخىمۇ تولۇپ تاشتى.

  مەسىلە يىپ ئۇچىنى توپلاش، تىپىك دېلولارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش، شەكىلۋازلىققا ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش، بىيۇروكراتلىققا ئوت ئېچىشنىڭ ئۆزى شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجى، ئاساسىي قاتلامنىڭ تەقەززاسى، خەلقنىڭ ئارزۇسى. نۆۋەتتە، ئالدىنقى مەزگىللىك خىزمەتلەر ئاساسىدا، پۇختا قەدەملەر بىلەن ئالدىغا سۈرۈپ، تۈرلۈك شەكىلۋازلىقلارنى ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلاپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ ھاياتىي كۈچى تولۇق قويۇپ بېرىلىدۇ.

  ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشتە بوشىتىلغىنى شەكىلۋازلىقنىڭ چەكلىمىسى، چىڭىتىلغىنى ئەمەلىي ئىشلەپ دادىل زىممىگە ئېلىش ھالىتى. شۇڭا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە يۈكنى يېنىكلىتىش ھەرگىزمۇ مەسئۇلىيەتنى يېنىكلىتىش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يېنىكلىتىش، نەتىجە يارىتىشنى يېنىكلىتىش دېگەنلىك ئەمەس، ئۇنداق بولمايدىكەن، شەكىلۋازلىققا قارشى تۇرۇشتىكى ئەسلىي مەقسەتكە خىلاپ بولىدۇ، ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىغا دەخلى يېتىدۇ، خەلققە بەخت يارىتىشقا تەسىر يەتكۈزىدۇ. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، جەزمەن تونۇشتىكى ئۈچ خاتالىقتىن ساقلىنىش كېرەك.

  ئاساسىي قاتلام خىزمىتىدە «ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىش»كە بولىدۇ دەيدىغان خاتا تونۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.

  «ئۆي سالغاندا ئالدى بىلەن ئۇلنى ياخشى قوپۇرۇش كېرەك»، ئاساسىي قاتلام تۈرلۈك سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» بولۇپ، ئۇنىڭ شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشتىكى مۇھىملىقى ھەققىدە ئارتۇق سۆزلەشنىڭ ھاجىتى يوق، ھەرقايسى بۆلەكلەرنىڭ بايلىق، مۇلازىمەت، باشقۇرۇشنى ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەندۈرۈشى، ئاساسىي قاتلامدا پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە توغرا كېلىدۇ.

  قىسمەن تارماقلارنىڭ شەكىلۋازلىق قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەنلىكى سەۋەبلىك ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغانلىقى تۈپەيلىدىن، گەپ قىلىشقا پېتىنالماي، ئەندىشە قىلىپ، ئېچىشقا تېگىشلىك يىغىننى ئاچماسلىققا، تارقىتىشقا تېگىشلىك ھۆججەتلەرنى تارقاتماسلىققا، تەكشۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تەكشۈرمەسلىككە، ھەيدەكچىلىك قىلىشقا تېگىشلىكلىرىگە ھەيدەكچىلىك قىلماسلىققا، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلماسلىققا بولمايدۇ. ئاساسىي قاتلام خىزمىتىدە كېچىكتۈرۈپ قويۇش، ھەتتا «ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىش» ئۆز ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماسلىقنىڭ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىقنىڭ، ئومۇمىي ۋەزىيەت قارىشى يوقلۇقىنىڭ ئىپادىسى.

  بىز شۇنى چۈشىنىپ يېتىشىمىز كېرەككى، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشتە يېنىكلىتىدىغىنىمىز خەلققە جاپا سېلىپ، مال-مۈلۈككە زىيان يەتكۈزىدىغان «سىياسىي نەتىجە قۇرۇلۇشى»، «ئوبراز قۇرۇلۇشى»، «يۈز-ئابرۇي قۇرۇلۇشى» قىلىش يۈكى، ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بەرمەي «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش»، «بىھۇدە جاپا سېلىش» يۈكى، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، باھالاش زىيادە كۆپ بولۇش، زىيادە تەكرار بولۇش يۈكى بولۇپ، يىغىپ ئېيتقاندا شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق يۈكىدىن ئىبارەت. ھالبۇكى، ئاساسىي قاتلامغا يۈزلىنىپ جەزمەن قانات يايدۇرىدىغان بىر قىسىم خىزمەتلەرنى ئازايتىش ئەمەس بەلكى بەزىدە يەنە كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ، كېچكتۈرگىلى بولمايلا قالماستىن، بەزىدە يەنە سۈرئەتنى تېزلىتىشكە توغرا كېلىدۇ.

  ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشتا «ئارام ئېلىۋېلىش»قا بولىدۇ دەيدىغان خاتا تونۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.

  ئاساسىي قاتلام ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ بىرىنچى سېپى، تۈرلۈك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەر توپلاشقان جاي، ئاممىغا بىۋاسىتە يۈزلىنىش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، زامانىۋى ئىدارە قىلىش ۋەزىپىسى ئىنتايىن ئېغىر. دېھقانلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمىنى كۆپەيتىش، ياشانغانلار كۈتۈنۈش، داۋالىنىش مۇلازىمىتى، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش، زامانىۋى مەدەنىيلىك يېتىلدۈرۈش، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاممىنىڭ مەنپەئەتى، بەخت-سائادىتى، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك.

  ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشتە شەكىلۋازلىقنىڭ مەۋجۇد بولۇش بوشلۇقىنى سىقىپ چىقىرىپ، ئاساسىي قاتلامنى ئوشۇقچە قائىدە-يوسۇن، تۈگىمەس ھۆججەت، ئۈزۈلمەس يىغىن، كۈتۈۋېلىش، ئۇزىتىشلاردىن قۇتۇلدۇرۇپ، ۋاقتى ۋە زېھنىنى كۆپرەك خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىش، ياخشى ئىش قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش مەقسەت قىلىنغان، ھەرگىزمۇ ئاددىيلا ھالدا «يېنىكلىتىپ»لا بولدى قىلىش، خىزمەت ئۆلچىمىنى تۆۋەنلىتىش دېگەنلىك ئەمەس، ھەرگىزمۇ ئارام ئېلىۋېلىشقا، دەم ئېلىۋېلىشقا، بوشىشىپ قېلىشقا بولىدۇ دېگەنلىك ئەمەس.

  ئاساسىي قاتلامغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىر تەرەپتىن ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش تەلىپىنى قەتئىي ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېشى پال-پال، ئىچى غال-غال، ۋاقىتلىق داغدۇغا قوزغايدىغان ئىشلارنى قىلماسلىق، ئىچكى قىسىمدا رىقابەتلىشىپ بىر-بىرىنى خورىتىدىغان ئىشلارنى ۋە تەكرار كۈچ سەرپ قىلىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىق كېرەك؛ يەنە بىر تەرەپتىن يۈكنى يېنىكلىتىشنى پۇرسەت بىلىپ، بىر قىسىم مۇھىم خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىشنى چىڭ تۇتۇپ پىلانلاپ، پۇقرالار كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتۇپ ھەل قىلىپ، يۈكنى يېنىكلىتىش ئارقىلىق قولغا كەلگەن «ۋاقىت ۋە زېھىن»نى ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا سەرپ قىلىپ، باغلاقنى بوشاتقان، يۈكنى يېنىكلەتكەندىن كېيىنكى ئىش ئۈنۈمى ۋە سۈپىتى تۆۋەنلەپ كېتىش، نەتىجە يارىتىشتا بوشاڭلىق قىلىش، قىلىدىغاننى قىلماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەردىن ھەقىقىي ساقلىنىش كېرەك.

  ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى «ئىشنى تاشلاپ» قويسا بولىدۇ دەيدىغان خاتا تونۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.

  ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈشنى نامايان قىلدى، بۇ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ سۇبيېكتىپ پائالىيەتچانلىقىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆز خىزمىتىگە ئاتلىنىشىغا پايدىلىق، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە خىزمەت بىلەن تۇرمۇش ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇق نۇقتىسىنى تېپىپ، ھەربىر كۈنىنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈشىگە پايدىلىق.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە يۈكنى يېنىكلىتىشنى ئىش قىلماسلىقنىڭ باھانىسى ۋە «دەستىكى» قىلىۋېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك، مۇھىم ۋەزىپە ئالدىدا «ئىشنى تاشلاپ قويۇش»، «قاچاق ئەسكەر بولۇش»، تەشكىل ئورۇنلاشتۇرغان خىزمەتلەرگە شەرت قويۇش، باھانە-سەۋەب كۆرسىتىپ رەت قىلىش، رەھبەرلىك ئورۇنلاشتۇرغان ۋەزىپىلەرنىڭ ئېغىرىدىن قېچىپ يېنىكىگە يۈگۈرۈش، قىيىنىدىن باش تارتىپ ئاسىنىنى تاللاش، «ئوڭدا يېتىۋېلىش»، «يېنىچە يېتىۋېلىش»نى تاللاپ، پۈتۈنلەي «ئۆزىنى قويۇۋېتىش»، پۈتۈنلەي ئۆزىنى بېغىشلىماسلىق، ۋەزىيەتكە ئەھمىيەت بەرمەسلىك، ئومۇمنىڭ مەنپەئەتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماسلىق، شەخسىي مەنپەئەتتىن كەچمەسلىك، شەخسىي مەنپەئەتنى كۆزلەپ، ئومۇمنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلىمەسلىك ___ مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى يۈكنى يېنىكلىتىشتىكى خاتا تونۇش بولۇپ، قىلچە يول قويۇشقا بولمايدۇ.

  «يەتتىنچى دەرىجىلىك كىچىك ئەمەلدار» ناملىق تىياتىردا «پۇقراغا ئىگە بولمىغان ئەمەلدارنىڭ ئۆيگە قايتىپ خۇڭشۇ ساتقىنى ياخشى» دەيدىغان بىر جۈملە نادىر سۆز بار. فېئوداللىق دەۋردىكى ئەمەلدارلار مۇشۇنداق قىلغان يەردە، بۈگۈنكى كۈندىكى كادىرلار پۇقرالارنى تېخىمۇ قەلبىگە پۈكۈپ، ئىش قىلىشقا ئىنتىلىپ، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، دادىللىق بىلەن ئېغىر يۈكنى زىممىسىگە ئېلىپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئىشەنچىنى يەردە قويماي، دەسلەپتىكى قەتئىي بولغان ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىغا خىلاپلىق قىلماسلىقى كېرەك. مەيلى «بىر كۈن راھىب بولسا بىر كۈن داڭ چېلىش»تەك ئەپلەپ-سەپلەپ ئىش قىلىش بولسۇن ياكى «نەتىجە قازىنىشقا ئىنتىلمەي، سەۋەنلىك ئۆتكۈزمەسلىككە ئىنتىلىش»تەك پاسسىپلىق بولسۇن، بۇلارنىڭ ئەھمىيىتى بولمايلا قالماستىن، يەنە مەنىسىز. ئىش قىلغاندا، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيىتى بولۇپلا قالماستىن، يەنە قىممىتىنى نامايان قىلىدۇ.

  يۈكنى يېنىكلەتكەن بىلەن مەسئۇلىيەتنى يېنىكلەتمەسلىك، باغلاقنى بوشاتقان بىلەن بوشىشىپ قالماسلىق كېرەك. ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى قىلىدىغاننى قىلماسلىق، ئىشتا سۆرەلمىلىك قىلىش مەسىلىلىرىنى تۈزەش بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلا قول قاتتىق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرغاندىلا، مەسئۇلىيەتنىڭ مەۋھۇملىشىشى، كەمتۈك بولۇپ قېلىشىدىن ساقلانغىلى، «بىر قۇتۇپتىن يەنە بىر قۇتۇپقا ئېغىپ كېتىش»نىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ