مۇھىم خەۋەرلەر

شىنجاڭدا ھەر يىلى ئاز دېگەندە بىر قېتىم 65 ياشتىن يۇقىرىلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرىنى خالىسانە كۆرۈش قانات يايدۇرۇلىدۇ

2024.03.14 22:35 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 14-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 12-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل، ئاپتونوم رايوندا ياشانغانلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقى ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش، ئاممىۋى پاراۋانلىق ۋە كەسپىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش پائالىيىتىنى نۇقتىلىق قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ياشانغانلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقى ساغلاملىقى ئەھۋالىنى ياخشىلاپ، ساغلام قېرىلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىكەن.

  ئېغىز بوشلۇقى ساغلاملىقى پۈتۈن بەدەن ساغلاملىقىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولۇپ، چايناش، تاۋۇش چىقىرىش قاتارلىق فىزىيولوگىيەلىك ئىقتىدارلارغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن، يەنە مېڭە سەكتىسى، يۈرەك كېسىلى، دىيابېت كېسىلى، ھەزىم سىستېمىسى كېسەللىكلىرى قاتارلىقلار بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك. «ئاپتونوم رايوننىڭ ياشانغانلار ئېغىز بوشلۇقى ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكىتى خىزمەت لايىھەسى»نىڭ ئالاقىدار تەلىپىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايون داۋالاش بىلەن كۈتۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈش ئاپپاراتلىرى، مەھەللە قاتارلىق ئورۇنلار ياكى تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، ياشانغانلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقى ساغلاملىقى ئاساسىي تېما قىلىنغان پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات لېكسىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، ياشانغانلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقى ساغلاملىقى بىلىملىرىنى يەنىمۇ ئومۇملاشتۇرۇپ، ياشانغانلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقى ساغلاملىقى ساپاسىنى تەدرىجىي ئۆستۈرىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەملىكەتلىك چىش ئاسراش كۈنى، مەملىكەتلىك ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش ئېيى، ياشانغانلار ساغلاملىقى تەشۋىقات ھەپتىلىكى قاتارلىق پائالىيەتلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، ياشانغانلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقى ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، 65 ياشتىن ئاشقانلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقىنى ھەقسىز تەكشۈرۈپ، داۋالاش پىلانى تۈزىدۇ. جايلارنىڭ ئىجتىمائىي ئاپپاراتلار ياكى ئاممىۋى پاراۋانلىق تۈرلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ياشانغانلار چىش قاتارى كەمتۈكلۈكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ داۋالاش قاتارلىق ئاممىۋى پاراۋانلىق تۈرلىرىنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ؛ مۇۋاپىق تېخنىكا كېڭەيتىش، ئېغىز بوشلۇقى مەخسۇس بۆلۈمى ئىتتىپاقىنى ئاساس قىلىپ، ياشانغانلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقى ساغلاملىقى كەسپىي سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى جايلاردىكى سەھىيە-ساغلاملىق تارماقلىرىدىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆز رايونىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ياشانغانلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقى ساغلاملىقىنى باشقۇرۇش خىزمىتى ئەندىزىسى ۋە خىزمەتلەرنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىشنى تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، ئاممىۋى پاراۋانلىق ئاپپاراتلىرى، مېھىر-شەپقەت كارخانىلىرىنى ياشانغانلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقى ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكىتىگە پائال قاتنىشىشقا كەڭ سەپەرۋەر قىلىپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرىدىغان، ئائىلىلەر پائال قاتنىشىدىغان ياخشى ئىجتىمائىي كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈپ، ياشانغانلارنىڭ ساغلاملىق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ