مۇھىم خەۋەرلەر

شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار دىققەت: ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ 2024-يىللىق ئۇچقۇچى قۇبۇل قىلىشتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن بۇرۇنقى تاللاش 3-ئاينىڭ 22-كۈنى تەكشۈرۈشنى باشلايدۇ

2024.03.14 22:33 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 12-كۈنى، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئۇچقۇچى قوبۇل قىلىش ئىدارىسى لەنجوۋ تاللاش مەركىزىدىن ئىگىلىنىشىچە، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ 2024-يىللىق ئۇچقۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن بۇرۇنقى تاللاپ تەكشۈرۈش خىزمىتى 3-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالدىنقى باسقۇچلۇق تاللاشتا لاياقەتلىك بولغان ھەم ئالدىن مۆلچەرلەنگەن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ئاپتونوم رايون بىر تۇتاش قوبۇل قىلىدىغان بىرىنچى تۈركۈمگە يېتىدىغان ئوقۇغۇچىلار ھاۋا ئارمىيەسى 986-دوختۇرخانىسى (شىمالىي رايون)نىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈش مەركىزى (ئادرېسى: شىئەن شەھىرى بېيلىن رايونى دوستلۇق شەرقىي يولى 269-نومۇر) گە بېرىپ تەكشۈرتۈشى كېرەك.

  ئىگىلىنىشىچە، تاللاپ تەكشۈرۈشنىڭ پۈتۈن جەريانىدا يەككە تۈر بويىچە شاللاش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان، تەكشۈرۈش مەزمۇنى تېببىي تاللاش، پىسخىكىلىق تاللاش ۋە سىياسىي باھالاش سۆھبىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، بارلىق تەكشۈرۈش تۈرلىرىنى تاماملاشقا 2-3 كۈن كېتىدىكەن.

  ئىمتىھاندىن بۇرۇن تاللاشقا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار كىملىكى ياكى نوپۇس دەپتىرى، «ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئۇچقۇچى قوبۇل قىلىش بويىچە كېسەللىك تارىخىنى تەكشۈرۈش ۋە سەمىمىيەت تەكشۈرۈشكە قاتنىشىش ۋەدىنامىسى»، سىياسىي جەھەتتىن باھالاشقا ئالاقىدار بارلىق ماتېرىياللار، نېيترال قەلەم، ئاددىي يۇيۇنۇش بۇيۇملىرى قاتارلىقلارنى ئېلىپ بېرىشى كېرەك، تەكشۈرۈشتە ھەرىكەت قىلىشقا قولايلىق كىيىم-كېچەك ۋە ئاياغلارنى كېيىشى كېرەك.

  ئالاھىدە ئەسكەرتىش: تەكشۈرۈشكە بېرىپ-كېلىش بېلىتى ئاتچوت قىلىنىدۇ، ئارىلىقتا ھېچقانداق ھەق ئېلىنمايدۇ، ياتاق-تاماق ھەقسىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ