مۇھىم خەۋەرلەر

خۇەيروۋ تەجرىبىخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، جۇڭگو نېفىت-تەبىئىي گاز گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى

خۇەيروۋ تەجرىبىخانىسى شىنجاڭ بازىسىنى ئورتاق قۇرىدۇ

ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز، لى يىفېي كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتناشتى

2024.03.14 22:33 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن كېيىن، خۇەيروۋ تەجرىبىخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، جۇڭگو نېفىت-تەبىئىي گاز گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى بېيجىڭدا خۇەيروۋ تەجرىبىخانىسى شىنجاڭ بازىسىنى ئورتاق قۇرۇش رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شەھەرلىك ھۆكۈمەت پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى يۈ يىڭجيې، خۇەيروۋ تەجرىبىخانىسىنىڭ مۇدىرى تاڭ گۇاڭفۇ، جۇڭگو نېفىت-تەبىئىي گاز گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى دەي خوۋلياڭ، باش دىرېكتورى خوۋ چىجۈن كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  خۇەيروۋ تەجرىبىخانىسى شىنجاڭ بازىسىنىڭ يوپۇقى 2023-يىل 7-ئايدا ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان، بۇ بازا نېفىت-تەبىئىي گاز چارلاش-ئېچىش ۋە خاس ئەۋزەللىكلەرنى ئايلاندۇرۇش تېخنىكا يۆنىلىشىنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ، پەن-تېخنىكىدا ئىستراتېگىيەلىك، ئالدىن كۆرەرلىك، ئۇل خاراكتېرلىك يېڭىلىق ياراتتى. كېلىشىم بويىچە، ئۈچ تەرەپ «ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىش، تەڭ نەپ ئېلىش» پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، تۈزۈلمە-مېخانىزم، سىياسەت مەدىتى، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى، پەن تەتقىقات ۋەزىپىسى قاتارلىق جەھەتلەردە شىنجاڭ بازىسى قۇرۇلۇشىنىڭ يۈرۈشۈشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللايدۇ. ئۈچ تەرەپ شىنجاڭ بازىسىنى ۋاسىتە قىلىپ، خىزمەتلەرنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نۇقتا بىلەن دائىرە بىرلەشتۈرۈلگەن بىرلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، نېفىت-تەبىئىي گاز ساھەسىدىكى دۆلەت ئىستراتېگىيەلىك پەن-تېخنىكا كۈچىنى ئورتاق بەرپا قىلىدۇ.

  چېن ۋېيجۈن كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. قادېن كەبىن، شۆ بىن، قەيسەر ئابدۇكېرىم، خا زېڭيوۋ، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرى، خۇەيروۋ تەجرىبىخانىسى ھەم شىنجاڭ بازىسى، جۇڭگو نېفىت-تەبىئىي گاز گۇرۇھىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ