مۇھىم خەۋەرلەر

نېسى قالدۇرۇلغان ئىش ھەققى 15 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن!

شىنجاڭدا يەتتە چوڭ ئەمگەك كاپالىتى بويىچە قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ئېلان قىلىندى

2024.03.14 22:30 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ئەمگەك كاپالىتىگە دائىر چوڭ-چوڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى جازالاشنى كۈچەيتىش، ئىجتىمائىي ئاممىۋى پىكىر نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىش، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئەمگەك كاپالىتىگە دائىر قانۇن-نىزام ۋە قائىدىلەرگە رىئايە قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەمگەك كاپالىتىگە دائىر چوڭ-چوڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشنى يولغا قويۇش چارىسى»گە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى شىنجاڭنىڭ 2024-يىللىق 2-تۈركۈمدىكى ئەمگەك كاپالىتىگە دائىر چوڭ-چوڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلدى، جەمئىي نېسى قالدۇرۇلغان مائاش 15 مىليون يۈەندىن ئاشتى، كونكرېت ئەھۋال تۆۋەندىكىچە:


  شىنجاڭدىكى 2024-يىلى 2-تۈركۈمدىكى زور ئەمگەك كاپالىتى بويىچە قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار

  1. ئورۇن نامى: شىنجاڭ چاڭشەن بىناكارلىق قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى

  قانۇنىي ۋەكىلى ياكى مەسئۇلى: ئابلىكىم ئېزىز

  ئاساسلىق قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش پاكىتى: «دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش نىزامى»دىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلماي، قۇرۇلۇشنى پۈتۈن ھۆددىگە ئالغان ئورۇننىڭ نېسى قالغان ئىش ھەققىنى تۆلەش سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئادا قىلىشنى رەت قىلغان.

  تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى: 2024-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى، خوتەن شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى شىنجاڭ يۈخاڭ بىناكارلىق ئەمگەك-مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتى ئۈستىگە ئالغان گاۋتەي شوۋفۇ قۇرۇلۇش تۈرىدە 292 ئادەمنىڭ 6 مىليون 596 مىڭ 700 يۈەن مائاشىنى نېسى قالدۇرۇش دېلوسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغاندا، مائاشنى نېسى قالدۇرۇش سەۋەبىنىڭ شىنجاڭ چاڭشەن بىناكارلىق-قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى «دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ مائاشىنى بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش نىزامى»دىكى بەلگىلىمە بويىچە دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ مائاش مەخسۇس ئىسچوتى ئارقىلىق مائاشنى ئايمۇئاي تولۇق تارقاتمىغانلىقىنى بايقىدى. دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، قانۇن بويىچە شۇ ئورۇنغا «ئەمگەك كاپالىتى رېۋىزىيەسى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىش بۇيرۇقى» چۈشۈرگەن بولسىمۇ، سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەن.

  2. ئورۇن نامى: شىنجاڭ يۈخاڭ بىناكارلىق ئەمگەك مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتى

  قانۇنىي ۋەكىلى ياكى مەسئۇلى: ليۇ شى

  ئاساسلىق قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش پاكىتى: لى فامىلىلىك قاتارلىق 292 كىشىنىڭ 6 مىليون 596 مىڭ 700 يۈەن مائاشىنى نېسى قالدۇرۇپ، ئادا قىلىشنى رەت قىلغان.

  تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى: 2023-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى، خوتەن شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى لى فامىلىلىك قاتارلىق كىشىلەرنىڭ شىنجاڭ يۈخاڭ بىناكارلىق ئەمگەك-مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتى بۆلۈپ ھۆددە ئالغان گاۋتەي شوۋفۇ قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ ئۇلارنىڭ مائاشىنى نېسى قالدۇرغانلىقىنى ئىنكاس قىلغانلىقىنى تاپشۇرۇۋالدى. دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ ئورۇن لى فامىلىلىك قاتارلىق 292 كىشىنىڭ 6 مىليون 596 مىڭ 700 يۈەن مائاشىنى نېسى قالدۇرغان. 12-ئاينىڭ 20-كۈنى خوتەن شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى قانۇن بويىچە بۇ ئورۇنغا «ئەمگەك كاپالىتى رېۋىزىيەسى بويىچە سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىش بۇيرۇقى» چۈشۈرگەن بولسىمۇ، سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەن.

  3. ئورۇن نامى: شىنجاڭ تۇنخې سۇۋالغۇ چەكلىك شىركىتى

  قانۇنىي ۋەكىلى ياكى مەسئۇلى: سۈن پىڭ

  ۋېي فامىلىلىك قاتارلىق 33 كىشىنىڭ 1 مىليون 2400 يۈەن مائاشىنى نېسى قالدۇرۇپ، ئادا قىلىشنى رەت قىلغان.

  تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى: 2024-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى، لوپ ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى ۋېي فامىلىلىك قاتارلىقلارنىڭ شىنجاڭ تۇنخې سۇۋالغۇ چەكلىك شىركىتى قۇرۇشنى ئۈستىگە ئالغان لوپ ناھىيەسى ئانارلىق ئولتۇراق رايونى قۇرۇلۇشى تۈرىنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرغانلىقى توغرىسىدىكى ئەرزىنى تاپشۇرۇۋالدى. دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ ئورۇننىڭ ۋېي فامىلىلىك قاتارلىق 33 كىشىنىڭ 1 مىليون 2400 يۈەن مائاشىنى نېسى قالدۇرغانلىقى ئېنىقلاندى. 1-ئاينىڭ 30-كۈنى بۇ ئورۇنغا «ئەمگەك كاپالىتى رېۋىزىيەسى بويىچە سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىش بۇيرۇقى» چۈشۈرگەن بولسىمۇ، سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەن.

  4. ئورۇن نامى: شىنجاڭ چېنتيەن بىناكارلىق قۇرۇلۇشى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى

  قانۇنىي ۋەكىلى ياكى مەسئۇلى: چېن شياۋدۇڭ

  ئاساسلىق قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش پاكىتى: زاڭ فامىلىلىك قاتارلىق 21 كىشىنىڭ 220 مىڭ يۈەن مائاشىنى نېسى قالدۇرۇپ، ئادا قىلىشنى رەت قىلغان.

  تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى: 2024-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى، جىمىسار ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى زاڭ فامىلىلىك قاتارلىقلارنىڭ شىنجاڭ چېنتيەن بىناكارلىق قۇرۇلۇشى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئۈستىگە ئالغان جىمىسار ناھىيەسى جىنبياۋ قوراللىق يالاپ توشۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشخانا بىناسى قۇرۇلۇشى تۈرىنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرغانلىقى توغرىسىدىكى ئەرزىنى تاپشۇرۇۋالدى. دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ ئورۇن زاڭ فامىلىلىك قاتارلىق 21 كىشىنىڭ 220 مىڭ يۈەن مائاشىنى نېسى قالدۇرغانلىقى ئېنىقلاندى. 1-ئاينىڭ 26-كۈنى بۇ ئورۇنغا «ئەمگەك كاپالىتى رېۋىزىيەسى بويىچە سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىش بۇيرۇقى» چۈشۈرگەن بولسىمۇ، سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەن.

  5. ئورۇن نامى: ئۈرۈمچى شەھىرى خۇڭرۈن خاۋرۇي تيېتا چەكلىك شىركىتى

  قانۇنىي ۋەكىلى ياكى مەسئۇلى: شى بىن

  ئاساسلىق قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش پاكىتى: دا فامىلىلىك قاتارلىق ئالتە كىشىنىڭ 240 مىڭ يۈەن مائاشىنى نېسى قالدۇرغان، ئادا قىلىشنى رەت قىلغان.

  تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى: 2024-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى، جىمىسار ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى دا فامىلىلىك قاتارلىقلارنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى خۇڭرۈن خاۋرۇي تيېتا چەكلىك شىركىتى ئۈستىگە ئالغان جۇڭگو ئېنېرگىيە تېجەش مۇھىت گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ جىمسار 120 مېگاۋاتلىق چارۋىچىلىق رايونىدا فوتوۋولتلۇق بىر-بىرىنى تولۇقلايدىغان توك تارقىتىش تۈرىنىڭ ئۆگزىسى، جۇڭگو ئېنېرگىيە تېجەش مۇھىت گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ جىمىسار ناھىيەسىنىڭ 100 مېگاۋاتلىق فوتوۋولتلۇق توك تارقىتىش تۈرى-تەييار مەھسۇلات ئامبىرى تۈرىنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرغانلىقى توغرىسىدىكى ئەرزىنى تاپشۇرۇۋالدى. دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ ئورۇن دا فامىلىلىك قاتارلىق ئالتە كىشىنىڭ 240 مىڭ يۈەن مائاشىنى نېسى قالدۇرغانلىقى ئېنىقلاندى. 2-ئاينىڭ 3-كۈنى بۇ ئورۇنغا «ئەمگەك كاپالىتى رېۋىزىيەسى بويىچە سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىش بۇيرۇقى» چۈشۈرگەن بولسىمۇ، سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەن.

  6. ئورۇن نامى: ئاقسۇ جىيەن بېتون قۇرۇلۇشى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى

  قانۇنىي ۋەكىلى ياكى مەسئۇلى: يىن چاڭجۈن

  ئاساسلىق قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش پاكىتى: جاڭ فامىلىلىك قاتارلىق بەش كىشىنىڭ 380 مىڭ 700 يۈەن مائاشىنى نېسى قالدۇرۇپ، ئادا قىلىشنى رەت قىلغان.

  تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى: 2024-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى جاڭ فامىلىلىك قاتارلىق بەش كىشىنىڭ ئاقسۇ جىيەن بېتون قۇرۇلۇشى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرغانلىقى توغرىسىدىكى ئەرزىنى تاپشۇرۇۋالدى. دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ ئورۇننىڭ جاڭ فامىلىلىك قاتارلىق بەش كىشىنىڭ 380 مىڭ 700 يۈەن مائاشىنى نېسى قالدۇرغانلىقى ئېنىقلانغان. 2024-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى، قانۇن بويىچە بۇ شىركەتكە «ئەمگەك كاپالىتى رېۋىزىيەسى بويىچە سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىش بۇيرۇقى» چۈشۈرگەن بولسىمۇ، سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەن.

  7. ئورۇن نامى: شىنجاڭ تيانشان خۇڭيې بىناكارلىق قۇراشتۇرۇش چەكلىك شىركىتى بايىنغولىن شۆبە شىركىتى

  قانۇنىي ۋەكىلى ياكى مەسئۇلى: جاۋ لى

  ئاساسلىق قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش پاكىتى: ئەمگەك كاپالىتى مەمۇرىي تارمىقىنىڭ رېۋىزىيە قىلىشىغا كۈچسىز قارشىلىق كۆرسەتكەن، توسقۇنلۇق قىلغان.

  تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى: 2023-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى، لى فامىلىلىك دۆلەتنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش يىپ ئۇچىنى ئىنكاس قىلىش سۇپىسىدا شىنجاڭ تيانشان خۇڭيې بىناكارلىق-قۇراشتۇرۇش چەكلىك شىركىتى بايىنغولىن شۆبە شىركىتى ئۈستىگە ئالغان شېنجېن ئېنېرگىيە كورلا ھىدروگېن سۈزۈش زاپاس ساقلاش، قوشۇپ ئىشلىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرىنىڭ ئۆزى قاتارلىق ئالتە كىشىنىڭ 554 مىڭ 900 يۈەن ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرغانلىقىنى ئىنكاس قىلغان. كورلا شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى شۇ كۈنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرگەن، 2024-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى، قانۇن بويىچە مەزكۇر ئورۇنغا «ئەمگەك كاپالىتى رېۋىزىيەسى بويىچە سۈرۈشتۈرۈش ئۇقتۇرۇشى» چۈشۈرگەن، سۈرۈك ئۆتسىمۇ ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىمىگەن. 1-ئاينىڭ 15-كۈنى قانۇن بويىچە بۇ ئورۇنغا «ئەمگەك كاپالىتى رېۋىزىيەسى بويىچە سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىش بۇيرۇقى» چۈشۈرگەن بولسىمۇ، سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەن.




  ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى يەنە شىنجاڭنىڭ 2024-يىللىق 2-تۈركۈمدىكى دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ مائاشىنى نېسى قالدۇرغان لەۋزىدە تۇرمىغانلارنى بىرلىشىپ جازالاش ئوبيېكتلىرىنىڭ تىزىملىكىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلدى، بۇ، ئالتە شىركەتكە چېتىلىدىغان بولۇپ، كونكرېت ئەھۋاللار تۆۋەندىكىچە:

  شىنجاڭنىڭ 2024-يىللىق 2-تۈركۈمدىكى دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرغان لەۋزىدە تۇرمىغانلارنى بىرلىشىپ جازالاش ئوبيېكتى ئىسىملىكى

  1. كارخانا نامى: خېبېي جىخۇيخې بىناكارلىق ئەمگەك-مۇلازىمەت بۆلۈنمە ھۆددە چەكلىك شىركىتى

  تىزىملىككە كىرگۈزۈش سەۋەبى: 26 ئەمگەكچىنىڭ 293 مىڭ 632.92 يۈەن ئەمگەك ھەققىنى نېسى قالدۇرغان.

  2. كارخانا نامى: خۇنەن رېنخوۋ قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى تۇرپان شەھەرلىك شۆبە شىركىتى

  تىزىملىككە كىرگۈزۈش سەۋەبى: 52 ئەمگەكچىنىڭ 602 مىڭ 904 يۈەن ئەمگەك ھەققىنى نېسى قالدۇرغان.

  3. كارخانا نامى: گوچېڭ ۋېييې (بېيجىڭ) قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى

  تىزىملىككە كىرگۈزۈش سەۋەبى: 51 ئەمگەكچىنىڭ 875 مىڭ يۈەن ئەمگەك ھەققىنى نېسى قالدۇرغان.

  4. كارخانا نامى: جۇڭچۇاڭ جىيې قۇرۇلۇش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى (ئىلگىرى ئىشلەتكەن نامى: پىڭدىڭشەن شەھىرى دۇڭخۇي بىناكارلىق-قۇراشتۇرۇش چەكلىك شىركىتى)

  تىزىملىككە كىرگۈزۈش سەۋەبى: 16 ئەمگەكچىنىڭ 129 مىڭ 800 يۈەن ئەمگەك ھەققىنى نېسى قالدۇرغان.

  5. كارخانا نامى: شىنجاڭ لېيې مېھمانساراي باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتى

  تىزىملىككە كىرگۈزۈش سەۋەبى: 60 ئەمگەكچىنىڭ 1 مىليون 56 مىڭ 541 يۈەن ئەمگەك ھەققىنى نېسى قالدۇرغان.

  6. كارخانا نامى: ئىلى ئەيۋاڭ ئەمگەك كۈچى چىقىرىش چەكلىك شىركىتى قورغاس ناھىيەلىك شۆبە شىركىتى

  تىزىملىككە كىرگۈزۈش سەۋەبى: 23 ئەمگەكچىنىڭ 412 مىڭ 400 يۈەن ئەمگەك ھەققىنى نېسى قالدۇرغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ