مۇھىم خەۋەرلەر

ۋەكىل-ئەزالار ساداسى

ۋەكىل گاۋ جىمىڭ: «ھۆكۈمەت بىلەن تەپتىش بىرلەشمە ھەرىكىتى»نى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا تېخىمۇ ياخشى كۈچ قوشىمىز

2024.03.11 23:50 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى قاراپ چىققاندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى گاۋ جىمىڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى ۋە دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ شىنجاڭدىكى كونكرېت ئىپادىسى. تەپتىش ئورگانلىرى شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر مەزمۇنى ۋە ئىستراتېگىيەسىنى پۇختا ئىگىلەپ، شىنجاڭدىكى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن نازارەتچىلىكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى، كۈچەش نۇقتىسى ۋە بىرىكىش نۇقتىسىنى سىستېمىلىق پىلانلاپ، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈشنى نازارەت قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، قانۇنچىل شىنجاڭ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

  2024-يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان-ۋەزىپىلەرنى يولغا قويۇشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىل. گاۋ جىمىڭ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تەپتىش ئورگانلىرى سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش بىلەن قانۇنچىللىققا ئەھمىيەت بېرىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت تەلىپىنى ئىز قوغلاپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى قانۇن نازارەتچىلىكىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەۋقەنى تەپتىش فۇنكسىيەسىگە قويۇپ، تىرىشىپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىشنى تېخىمۇ ئەلا قانۇن يۈرگۈزۈش كاپالىتىگە ئىگە قىلىمىز.

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تەپتىش ئورگانلىرى قانۇنچىللىق كۈچىدىن تولۇق پايدىلىنىپ مۇقىملىقنى قوغداپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياخشى ئىدارە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى قوغدايدۇ. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، دەۋا مەنبەسىنى تۈزەش ئارقىلىق جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا پائال مۇلازىمەت قىلىپ، قانۇنچىل تىجارەت-سودا مۇھىتىنى كۈچەپ ئەلالاشتۇرۇپ، دېلوغا چېتىشلىق كارخانىلارنىڭ بەلگىلىمىگە ئۇيغۇنلىشىش ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «تەپتىش قىلىش ئارقىلىق كارخانىنى قوغداش» مەخسۇس ھەرىكىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش، كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. قانۇن نازارەتچىلىكىنىڭ تۈپ مەسئۇلىيىتىنى چىڭ تۇتۇپ، مەۋقەنى «تۆت چوڭ تەپتىش» ئاساسىي ئەندىزىسىگە قويۇپ، بىر گەۋدىلەشكەن ۋەزىپە ئادا قىلىش، ئۇنىۋېرسال ۋەزىپە ئادا قىلىش، ئاكتىپ ۋەزىپە ئادا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك، ئۈنۈملۈك بولۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇن نازارەتچىلىكى مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»نىڭ تەپتىش قىلىش ئەمەلىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «تەپتىش قىلىپ خەلق تۇرمۇشىنى قوغداش» مەخسۇس ھەرىكىتىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئامما ھېس قىلالايدىغان، نەپكە ئېرىشىدىغان خەلق ئۈچۈن تەپتىش قىلىش خىزمىتىنى ئەمەلىي ئىشلەپ، ئاڭلىق ھالدا خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي تەپتىش قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ