مۇھىم خەۋەرلەر

شىنجاڭ 2024 - يىللىق خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئون ئەمەلىي ئىشنىڭ نىشان - ۋەزىپىسىنى ئېلان قىلدى

2024.03.11 14:22 مەنبە: خەلق تورى

  مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى ئاچقان ئاپتونوم رايوننىڭ 2024 - يىللىق خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئون ئەمەلىي ئىش توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت بۇلتۇرقى نەتىجىلەر ۋە تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەش ئاساسىدا، مادارىغا قاراپ ئىش كۆرۈش، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىشلەش پىرىنسىپى بويىچە، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، كۆپ قېتىم تەتقىق قىلىپ، ئاخىرىدا ئاپتونوم رايوننىڭ 2024 - يىللىق خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئون ئەمەلىي ئىشنى بېكىتكەن، بۇ، بۇ يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەم ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللانغان. يىغىندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى خەلق تۇرمۇشىغا دائىر تۈرلۈك ئەمەلىي ئىشنىڭ نىشان - ۋەزىپىلىرىنى يەنىمۇ تەتقىق قىلىپ بېكىتكەن ھەم «ئاپتونوم رايوننىڭ 2024 - يىللىق خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئون ئەمەلىي ئىشنى يولغا قويۇش خىزمەت لايىھەسى»نى تۈزۈپ چىققان.

  خەلق تۇرمۇشىغا دائىر بۇ ئون ئەمەلىي ئىش تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: «ئۈرۈمچى - سانجى - شىخەنزە» رايونىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىش؛ جەنۇبىي - شىمالىي شىنجاڭدا تەبىئىي گاز ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش بويىچە تۇرۇبا يولىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش؛ شەھەر - يېزىلارنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش؛ قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا پائال يار - يۆلەك بولۇش ۋە ئۇنىڭغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ رەقەم ئارقىلىق ئاممىغا قولايلىق يارىتىش، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش؛ يول قاتناش تىرانسپورت بىخەتەرلىكىنى تۈزەش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش؛ ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۆز، چىش ساغلاملىقى ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش؛ ياشانغانلارنى ئائىلىدە، مەھەللىدە كۈتۈش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇش؛ مېيىپ بالىلارنىڭ ساغلاملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشنى يولغا قويۇش؛ خەلققە مەدەنىيەت، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق نەپ يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش.

  بۇلتۇر، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى جەمئىيەتكە ئېلان قىلغان خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئون ئەمەلىي ئىش بويىچە يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك تاماملىدى، ھەم كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى خەلققە بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. بۇنىڭ ئىچىدە، كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشىدا پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپە مۇددەتتىن تۆت ئاي بۇرۇن تاماملىنىپ، 219 مىڭ 100 ئائىلىدىكى ئاممىنى قاپلىدى؛ «ئۈرۈمچى - سانجى - شىخەنزە» رايونىدىكى سەككىز شەھەر(ناھىيە)نىڭ ھاۋا سۈپىتى ياخشى بولغان كۈن سانى 2022 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 109 كۈن كۆپەيدى، ئېغىر بۇلغانغان كۈن سانى 2022 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 41 كۈن ئازايدى؛ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىپ قەلبلەرنى ئىللىتىش پائالىيىتى، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىدە «بىر توردا بىرتۇتاش بېجىرىش» «بىر ئىشنى بىرلىشىپ بېجىرىش»، «تۆتتە ياخشى يېزا يولى» قۇرۇلۇشى، قىيىنچىلىقى بار، ئېغىر دەرىجىدىكى مېيىپلەرنىڭ ئۆيلىرىنى توسالغۇسىز قىلىپ ئۆزگەرتىش تۈرى قاتارلىقلاردا بىردەك يىللىق نىشان - ۋەزىپە نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇندالدى.

  بۇ يىللىق خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئون ئەمەلىي ئىشنى ياخشى پىلانلاش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بۇلتۇر 10 - ئايدىن باشلاپ، دىققەتنى ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، 2024 - يىللىق خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلارنى توپلاش، تاللاش خىزمىتىنى باشلىدى. خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئون ئەمەلىي ئىشتا ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق ۋە قاپلاش دائىرىسىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئادىللىق، مۇمكىنچىلىك ۋە ۋاقىتچانلىققا تەڭ ئېتىبار بەردى، ئوتتۇرىغا قويۇش جەريانىدا ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىگە تولۇق ھۆرمەت قىلدى ھەم قوبۇل قىلدى، ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى قاتلامدىكى زاتلارنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.

  «بۇ يىللىق خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلاردا ھەم مۇستەھكەملەپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرىدىغان، سىجىل كۈچەيدىغان ئىشلار بار، ھەم بۇلتۇرقى خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلارنى داۋاملاشتۇرۇپ كېڭەيتىدىغان ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرىدىغان ئىشلار بار، يەنە ئاممىنىڭ ئىلتىماس - تەلەپلىرىگە پائال ئىنكاس قايتۇرۇپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى ئىشلارمۇ بار» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپ جوۋ شۈيۇڭ. كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت بۇ يىللىق خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئون ئەمەلىي ئىشقا قارىتا ئىش مۇددىتىنى تەتۈر ساناق بويىچە تىزىپ، نىشان بەلگىلەپ جەڭ قىلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئەمەلىي ئىشنى ياخشى قىلىپ، ياخشى ئىشنى ئەمەلىي قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلققە قانائەتلىنەرلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ