مۇھىم خەۋەرلەر

ئۈرۈمچىدىكى دوستلار دىققەت: كونا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى تاشلىۋېتىشكە ئالدىرىماڭ، كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى باشلاندى

2024.03.11 14:10 مەنبە: خەلق تورى

  3-ئاينىڭ 9-كۈنى 2024-يىللىق شىنجاڭ 2-نۆۋەتلىك ئەتىيازلىق يېشىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ئائىلە بېزەكچىلىكى بايرىمى رەسمىي باشلاندى

  پائالىيەت مەزگىلىدە، ھەرقايسى داڭلىق ماركىلىق ئېلېكتىر سايمانلىرى سودىگەرلىرى 25 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ئىستېمال تولۇقلىمىسى ۋە كونىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇش تولۇقلىمىسى بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئۆي جاھازلىرى، ئائىلە بېزەكچىلىكى كارخانىلىرى يەنە ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلات، ئەلا مۇلازىمەت، باھادا ئېتىبار بېرىشنى مەركەزلىك يولغا قويۇپ، ئۆي جاھازلىرى ئىستېمالىدىكى يوشۇرۇن كۈچنى چوڭقۇر قېزىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، بىخەتەر، ئېنېرگىيە تېجەيدىغان، ساغلام ئايلىنىدىغان، كۆپ مەنبەلىك، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئىستېمال ئېھتىياجىنى ئومۇميۈزلۈك قاندۇرىدۇ.

  «پائالىيەت ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 50 تىن ئارتۇق دۇكاننى قاپلىدى» دېدى شىنجاڭ «بىزنىڭ ئائىلە» ئېلېكتىر سايمانلىرىنى باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى دېڭ يەن، ئۇ تونۇشتۇرۇپ يەنە مۇنداق دېدى: ئىستېمالچىلار 2024-يىلى ئىمزالىغان ئائىلە بېزەكچىلىكى توختامىغا ئاساسەن، بىزنىڭ ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىدىن ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 5000 يۈەن تولۇقلىمىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ؛ پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئېلېكتىر سايمانلىرى دۇكىنىدا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى سېتىۋالىدىغان ئىستېمالچىلار يەنە 200 يۈەن قىممىتىدىكى 3000 دانە ماي قاچىلاش بېلىتىگە ئېرىشەلەيدۇ؛ ئابۇنىچىلار كونا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرالايدۇ، بەلگىلەنگەن تىپتىكى مەھسۇلاتنى سېتىۋالسا %13 تولۇقلىمىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىنىڭ 2-دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىسى جاڭ يۈمىن مۇنداق دېدى: بۇ يىل سودا تارماقلىرى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرى، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىلىرى، جەمئىيەتلىرى، سودا كارخانىلىرى ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرىنىڭ ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش بايلىقىنى مۇجەسسەملەپ، پۈتۈن يىللىق، تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە داۋاملىشىدىغان ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇپ، ئىستېمال بازىرىنىڭ سىجىل جانلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ