مۇھىم خەۋەرلەر

بۇ يىل شىنجاڭ-شىزاڭ تۆمۈر يولىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرى چىڭ تۇتۇپ ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ

2024.03.07 23:56 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 6-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 5-كۈنى، «2023-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2024-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلان لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلات»تىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل شىنجاڭ-شىزاڭ تۆمۈريول تۈرىنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك خىزمىتى چىڭ تۇتۇپ ئىلگىرى سۈرۈلىدىكەن.

  شىنجاڭ-شىزاڭ تۆمۈريولىنى ئالاقىدار لايىھەلەش ئورۇنلىرىدىن ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە شىنجاڭ-شىزاڭ تۆمۈريولىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئۆلچەش خىزمىتى تاماملانغان بولۇپ، تۈرنىڭ قالغان ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمىتى جىددىي ئىلگىرى سۈرۈلۈۋېتىپتۇ.

  دۆلەت شىزاڭغا بارىدىغان شىنجاڭ-شىزاڭ تۆمۈريولى، چىڭخەي-شىزاڭ تۆمۈريولى، گەنسۇ-شىزاڭ تۆمۈريولى، سىچۈەن-شىزاڭ تۆمۈريولى ۋە يۈننەن-شىزاڭ تۆمۈريولى قاتارلىق بەش تۆمۈريولنى پىلانلىدى. ھازىر چىڭخەي-شىزاڭ تۆمۈر يولىدا قاتناش باشلاندى، سىچۈەن-شىزاڭ تۆمۈر يولىدا 2020-يىلى قۇرۇلۇش باشلانغاندىن بۇيان، قۇرۇلۇش جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا.

  شىنجاڭ-شىزاڭ تۆمۈر يولى خوتەن-رىكازې تۆمۈر يولى ۋە لاسا-رىكازې تۆمۈر يولىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇ شىنجاڭ بىلەن شىزاڭنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم قاتناش يولى بولۇپ، شىمالدا شىنجاڭ خوتەن شەھىرىدىن باشلىنىپ، جەنۇبتا شىزاڭنىڭ رىكازې شەھىرى ۋە لاسا شەھىرىگىچە بارىدۇ. 2022-يىل 1-ئاينىڭ 18-كۈنى، گوۋۇيۈەن ئېلان قىلغان «<14-بەش يىل>لىق زامانىۋى ئۇنىۋېرسال قاتناش-تىرانسپورت سىستېمىسى تەرەققىيات يىرىك پىلانى»دا، شىنجاڭ-شىزاڭ تۆمۈريولىنىڭ خوتەن-رىكازې بۆلىكىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمىتىنى تېز ئالغا سىلجىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شۇ يىلى، يەنى 2022-يىل 5-ئاينىڭ 31-كۈنى، دۆلەت تۆمۈريول ماددىي ئەشيا چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ-شىزاڭ تۆمۈريولىنىڭ خوتەن-رىكازې بۆلىكىنى تەكشۈرۈش-لايىھەلەشكە خېرىدار چاقىرىش ئېلانى چىقاردى.

  شىنجاڭ-شىزاڭ تۆمۈريولىنىڭ پۈتۈشى شىنجاڭ بىلەن شىزاڭنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم قاتناش تۈگۈنى، جۇڭگونىڭ غەربىي شىمال ۋە غەربىي جەنۇب رايونىدىكى تۆمۈريول غول لىنىيەسىگە ئايلىنىپ، شىنجاڭ بىلەن شىزاڭنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت، ساياھەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالاقىسىنى كۈچەيتىشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.

  شىنجاڭ-شىزاڭ تۆمۈريولىدىن باشقا، شىنجاڭدا بۇ يىل يەنە غۇلجا-ئاقسۇ تۆمۈريولى، جىڭ-غۇلجا-قورغاس تۆمۈريولىنىڭ 2-لىنىيەسىنى كۆپەيتىپ قۇرۇش، پىچان-دۇنخۇاڭ تۆمۈريولى، كۇچا-شايار-ئارال تۆمۈريولى، كۆكتوقاي-تايكەچكەن تۆمۈريولى قاتارلىق تۈرلەرنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭ ئىچى ۋە شىنجاڭغا كىرىپ-چىقىش تۆمۈريولىنىڭ قاتناش ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ