دىڭ شۆشياڭ شياڭگاڭ، ئاۋمېن رايونىدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى بىلەن دۆلەت ئىشلىرىنى بىرلىكتە كېڭەشتى

2024.03.07 15:09 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ 3-ئاينىڭ 6-كۈنى، شياڭگاڭ، ئاۋمېن رايونىدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشتى. دىڭ شۆشياڭ ئەزالارنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆتكەن بىر يىلدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئېلىمىز تەرەققىياتتا يېڭى، زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. مەركەزنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى، ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننىڭ باش مەمۇرى ۋە ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلىپ، يېڭى كەيپىيات نامايان قىلىندى. مەركەز «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»، «شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش»، «ئاۋمېننى ئاۋمېنلىقلار ئىدارە قىلىش»، يۈكسەك ئاپتونومىيە فاڭجېنىدا باشتىن ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغدىدى. دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش توسۇقىنى مۇستەھكەملەپ، شياڭگاڭنىڭ نېگىزلىك قانۇننىڭ 23-ماددىسىغا دائىر قانۇن چىقىرىشنى تېزدىن تاماملىشىنى قوللاپ، ئاۋمېننىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش تۈزۈم مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ،«بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» ئەمەلىيىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئەزالارنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش، شياڭگاڭنى، ئاۋمېننى سۆيۈش بايرىقى ئاستىدا ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى بىرلىكتە يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ