مۇھىم خەۋەرلەر

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزالىرى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالىدىن دوكلاتنى قاراپ چىقتى

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشىمىز

2024.03.07 15:13 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزالىرى ھەرقايسى ساھە گۇرۇپپىلىرى بويىچە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالىدىن دوكلاتنى قاراپ چىقتى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن گۇرۇپپىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.

  ئەزا نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق دېدى: دوكلات يۈكسەكلىكى يۇقىرى، كۈچەش نۇقتىسى ئەمەلىي، جاسارەتنى ئۇرغۇتىدىغان، كىشى قەلبىنى مۇجەسسەملەيدىغان، بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان دوكلات بوپتۇ، تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. ئۆتكەن بىر يىلدا، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بايراق روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشنى جان تومۇر سۈپىتىدە باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈش، سىياسىي ئۆگىنىشنى كۈچەيتىش، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈشنى ئاساسىي ماھارەت سۈپىتىدە باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈش، تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، تەرتىپلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى مۇھىم تۇتقا سۈپىتىدە باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈش، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇشنى تارىخىي بۇرچ سۈپىتىدە باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈش، تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىشقا ئىنتىلىش، يۇقىرى پەللىگە ئىنتىلىشنى نىشان - تەلەپ سۈپىتىدە باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغدىدى، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇردى. بىز شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىش، قەلبنى مۇجەسسەملەپ روھنى تاۋلاشنى كۈچەيتىپ، خىزمەت ئاساسىي لىنىيەسىنى مەھكەم ئىگىلەپ قوش يۆنىلىشلىك كۈچەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مۇلازىمەت قىلىش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا يېڭى تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

  «دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتىدا يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تىلغا ئېلىندى، بۇ، كىشىنى چوڭقۇر ئىلھاملاندۇرىدۇ.» ئەزا مۇختەبەر ئابدۇل مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرى تېز تەرەققىي قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ داۋالىنىشىغا تېخىمۇ كۆپ قولايلىق ياراتتى، ھەر مىللەت خەلق پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدى. بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق تىرىشىپ، داۋالاش مۇلازىمىتى، ساغلاملىق تەشۋىق - تەربىيەسى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، دىققەتنى ئىلغار تېببىي ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە كىرگۈزۈش، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاساسىي قاتلام يېزا داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش مۇھىتىنى ياخشىلاش قاتارلىقلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ ئىجابىي پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ سەھىيە - ساغلاملىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمەن.

  ئەزا گۇەن فاڭفاڭ مۇنداق دېدى: دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئەمەلىيەت جەريانىدا يارىتىلغان جانلىق تەجرىبىلەر، خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇسى، ئىلتىماس - تەلەپلىرى، سىياسەتنى يولغا قويۇشتىكى قىيىن نۇقتا، توسۇق نۇقتىلارنى ئىگىلەش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. «بۇلتۇر مەن چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ دۈييىچى نىيلۇ يېزىسى دۈييىچى نىيلۇ كەنتىدە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە قاتنىشىپ، يۇرتداشلار بىلەن تېخىمۇ يېقىنلىشىپ، ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىش، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بېرىش قابىلىيىتىمنى ئاشۇردۇم.» ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: بۇنىڭدىن كېيىن «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش» ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، چوڭ ئىشلارنى كۆزدە تۇتۇپ، كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ تۇتۇش قىلىپ، خەلق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە پائال جاۋاب قايتۇرۇپ، جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىنى ئىنكاس قىلىپ، ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، كەڭ ئاممىغا خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئۆزىگە ناھايىتى يېقىن ئىكەنلىكىنى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ يېنىدىلا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرىمەن.

  «دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتىدا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق مول نەتىجىلىك خىزمەتلىرى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەندى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېڭى بىر يىللىق خىزمەت ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈلدى، دوكلاتتا سىياسىي يۈكسەكلىك يۇقىرى، خىزمەت ئەمەلىي، چوڭقۇر، خەلقچىللىق ھېسسىيات ھارارەتكە ئىگە.» ئەزا مېڭ چىڭسەي مۇنداق دېدى: دوكلاتتىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۆتكەن بىر يىلدا، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش سىياسىي يۆنىلىشنى مەھكەم ئىگىلەش، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈش، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش قابىلىيىتىنى كۈچەيتىش، تۈزۈم ئاساسىنى پۇختىلاش قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن مول نەتىجىلىك خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. بۇنىڭدىن كېيىن ئۆگىنىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، سىياسەتنى ئىگىلەش ئىقتىدارىم، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىقتىدارىم، ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش ئىقتىدارىم، ھەمكارلىشىپ بىللە ئىشلەش ئىقتىدارىمنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، پائال تۈردە ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىپ، چارە - تەدبىر كۆرسىتىپ، سىياسىي كېڭەش ئەزاسىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلىمەن.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزالىرىدىن ليۇ ۋەنلۇڭ، ئېلزات ئەخمەتجان، قادىلبېك قامزا، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز، ليۇ جيەنمىڭ، خالمۇرات ئابدۇراخمان قاتارلىقلار ھەرقايسى گۇرۇپپىلاردا ئايرىم - ئايرىم قاراپ چىقىشقا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ