مۇھىم خەۋەرلەر

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى قاراپ چىقتى

ما شىڭرۇي، شۆھرەت زاكىر، ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، شەۋكەت ئىمىن، لى يىفېي قاراپ چىقىشقا قاتناشتى

2024.03.07 15:12 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى قاراپ چىقتى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ما شىڭرۇي، شۆھرەت زاكىر، ئەركىن تۇنىياز، شەۋكەت ئىمىن، لى يىفېي قاراپ چىقىشقا قاتناشتى، زۇمرەت ئوبۇل رىياسەتچىلىك قىلدى.

  گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ۋە يىغىن كاتىبات باشقارمىسىدىكى ئالاقىدار يولداشلار يىغىنغا كېلىپ پىكىرلەرنى ئاڭلىدى.

  ۋەكىل ما شىڭرۇي مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. دوكلاتتا خۇلاسىلەنگەن نەتىجىلەر كىشىنى روھلاندۇرىدۇ، ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشان ئىلمىي، مۇۋاپىق، ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان خىزمەتلەر ئېنىق، كونكرېت بوپتۇ، بۇ، بىزنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئىشەنچىمىز، ئىرادىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتتى. ئۆتكەن بىر يىلدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغۋار نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك ھالدا ئۆزگىرىشكە تاقابىل تۇرۇپ، كىرىزىسنى تۈگىتىپ، قىيىن ئۆتكەلدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا يېڭى ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. باش شۇجى ئۇدا ئىككى يىل شىنجاڭغا كېلىپ، مۇھىم سۆز قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتىگە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ بەردى. پۈتۈن شىنجاڭ يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك ئىشلاردا پۇختا قەدەم تاشلىدى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، «ئىككىنى تىكلەش» بارلىق جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلار ئۈستىدىن غالىب كېلىشتىكى، بارلىق ئېنىقسىزلىققا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئەڭ چوڭ ئېنىقلىق، ئەڭ چوڭ ئىشەنچ، ئەڭ چوڭ كاپالەت. بىز «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجىنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە يېڭى پۇرسەتنى ئىگىلەپ، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ شىنجاڭ تۆھپىسى قوشۇشىمىز كېرەك.

  ۋەكىل شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا نامايان قىلىنغان دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەر ئىلمىي، دەل جايىدا بوپتۇ، تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. ئىنتايىن مۇرەككەپ خەلقئارا مۇھىت ۋە مۈشكۈل، ئېغىر ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئىلگىرىلەپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتا پۇختا قەدەم تاشلىدى. تارىخ ۋە ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، بىز قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدىن بولدى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى. ئۆتكەن بىر يىلدا، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىشەنچى ۋە غەيرىتىنى ئىنتايىن زور دەرىجىدە ئاشۇردى. ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى قاراپ چىقىش ئارقىلىق، ھەم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەم ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يەنە مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، «ئىلگىرىلەش» بۇرغىسىنى ياڭرىتىپ، «ئەمەلىي بولۇش» تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، «قاتتىق بولۇش» رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى نەتىجىلىرى ئارقىلىق، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

  ۋەكىل ئەركىن تۇنىياز مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. بۇلتۇرقى خىزمەتلەرنى ئەسلىگىنىمىزدە، شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇقكى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك بولدى، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى تېز بەرپا قىلىندى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسى كۈچ ۋە ئېنېرگىيە توپلىدى، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ماھىيەتلىك تەلىپى باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈلدى، جۇڭگونىڭ چوڭ دۆلەتلىك تەسىر كۈچى كۈنسايىن نامايان بولدى. ئۆتكەن بىر يىل شىنجاڭغا نىسبەتەن ئىنتايىن پەۋقۇلئاددە، ئىنتايىن ئالاھىدە بىر يىل بولدى، شىنجاڭ تۈرلۈك خىزمەتلەردە نۇرغۇن يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى بۆسۈشنى قولغا كەلتۈردى. بۇ جەرياندا بىز شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇقكى، بىز «ئىككىنى تىكلەش»نى سادىقلىق بىلەن قەتئىي قوغداپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە باش شۇجىنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرسەكلا، يەڭگىلى بولمايدىغان قىيىنچىلىق يوق. بىز تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ھەقىقىي تۈردە باش شۇجىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، غەمخورلۇقىنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا بېكىتىلگەن تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىمىز.

  ۋەكىل زۇمرەت ئوبۇل مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. ئۆتكەن بىر يىلدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دانا رەھبەرلىكىدە، دۆلىتىمىز مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىپ تەرەققىي قىلىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، ئاساسلىق كۆزلىمە نىشاننى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇردى، نەتىجىلەر تەستە قولغا كەلگەن. باش شۇجى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلىپ، شىنجاڭنىڭ «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن»نى چىڭ كۆزلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۇختا تۈرتكە بولۇشىنى مىسلىسىز تارىخىي پۇرسەت بىلەن تەمىنلەپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا تۈرتكە بولۇشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلدى، بۇ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ باش شۇجى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىز ئۈچۈن كۆرسىتىپ بەرگەن داغدام يول ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى. ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا بېكىتىلگەن نىشان - ۋەزىپىلەرنى چۆرىدەپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ پىلانلاپ، يەرلىك نىزام چىقىرىشنىڭ يولغا قويۇش خاراكتېرلىك، تولۇقلاش خاراكتېرلىك، ئىزدىنىش خاراكتېرلىك فۇنكسىيەسىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، قانۇن بويىچە ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىشنى يولغا قويۇپ، ۋەكىللەرنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خەلق رايىنى ئاڭلاپ، خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى توپلاپ، خەلق رايىنى مۇجەسسەملەپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت پۈتۈن ۋەزىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىمىز.

  ۋەكىل لى يىفېي مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى قاراپ چىقىپ، ئۆتكەن بىر يىلدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن پۇختا قەدەم تاشلىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ياخشى ئىجرا قىلغۇچىلاردىن، ھەرىكەتتە كۆرسەتكۈچىلەردىن، ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلەردىن بولۇش»نى باشتىن - ئاخىرغا سىڭدۈرۈپ، جاپاغا چىداپ ئىشلەش، ئەمەلىي ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىشتىكى كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. بۇ دوكلاتنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. باش شۇجىنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى، بىڭتۇەن خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتىكى ئومۇمىي تەلەپنى ئىگىلەپ، يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاچقۇچنى ئىگىلەپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەننىڭ مۇقىملىقنى قوغداش، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ بىڭتۇەن ئەمەلىيىتىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىمىز.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن ۋاڭ كۇيرەن، ئەنۋەر تۇرسۇن، كۇڭ فېيفېي، ئەكرەم مەمتىمىن ئايرىم - ئايرىم سۆز قىلىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى تامامەن قۇۋۋەتلىدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا سىياسىي يۈكسەكلىك يۇقىرى، خىزمەتلەرنى خۇلاسىلەش ئەمەلىي، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى ئىگىلەش دەل جايىدا، پىلانلاش پىكىر يولى ئېنىق بولۇپ، ئىشەنچنى ئاشۇرىدىغان، كىشى قەلبىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان، خەلق قەلبىنى ئىللىتىدىغان ياخشى دوكلات بوپتۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا بېكىتىلگەن نىشان - ۋەزىپىلەرنى چۆرىدەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، ئەۋزەللىك، يوشۇرۇن كۈچىنى سىجىل جارى قىلدۇرۇپ، بوغما ھالەت چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن لى شيەنفا، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، سارقىت ئاقان، ۋاڭ مىڭشەن، مەمتىمىن قادىر، شۆ بىن، جىن جىجېن، باتۇ، دىلشات سايىم، گاۋ جىمىڭ قاراپ چىقىشقا
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ