مۇھىم خەۋەرلەر

2023-يىللىق جۇڭگو ئالتۇن توپ مۇكاپاتى ئېلان قىلىندى

غۇلجىلىق يىگىت ئالتۇن بالا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

2024.02.28 23:45 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن كېيىن، 2023-يىللىق جۇڭگو ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمى شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلدى. ۋۇ لېي بىلەن جاڭ لىنيەن ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا، غۇلجا شەھىرىدىن كەلگەن بەھرام ئابدۇۋەلى 2023-يىللىق جۇڭگو ئالتۇن بالا مۇكاپاتى (21 ياشتىن تۆۋەنلەر)غا ئېرىشتى. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، بۇ مۇكاپاتقا ئۇدا ئىككى يىل شىنجاڭ ماھىرلىرى ئېرىشتى.

  2023-يىللىق جۇڭگو ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنى باھالاش پائالىيىتىدە، شىنجاڭلىق تۆت توپچى نامزاتلار قاتارىغا كىرگەن ھەمدە ھەممىسى ئالدىنقى ئۈچنىڭ ئىچىگە كىرگەن. بۇنىڭ ئىچىدە بەھرام بىلەن قەشقەر ۋىلايىتىدىن كەلگەن مۇتەللىپ ئىمىنقارى ئالتۇن بالا مۇكاپاتى (21 ياشتىن تۆۋەنلەر) نامزاتلار تىزىملىكىگە كىرگەن، ئوخشاشلا غۇلجا شەھىرىدىن كەلگەن شاھزات غوجائەخمەت ئالتۇن بالا مۇكاپاتى (17 ياشتىن تۆۋەنلەر) نامزاتلىقىغا تاللانغان، قاراماي شەھىرىدىن كەلگەن پەخىر تۇداخۇن ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنىڭ (بەش كىشىلىك) نامزاتلىقىغا تاللانغان.

  گەرچە ئەڭ ئاخىرىدا پەقەت بەھراملا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن تۆت ئادەم ئالدىنقى ئۈچنىڭ ئىچىگە كىرىپ، يەنىلا شىنجاڭ پۇتبول تارىخىدىكى ئەڭ قالتىس بىر كۆرۈنۈشنى ياراتتى.

  2023-يىلىنىڭ بېشىدا، قەشقەر شەھىرىدىن كەلگەن ئەفېرىدىن ئەسقەر 2022-يىللىق جۇڭگو ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنى باھالاش پائالىيىتىدە ئالتۇن بالا مۇكاپاتى (21 ياشتىن تۆۋەنلەر)غا ئېرىشتى. ئۇ ۋە بەھرام، مۇتەللىپ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى دۆلەت ياشلار كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق توپچىلىرى بولۇپ، دۆلەت ئولىمپىك كوماندىسىغا تاللاندى.

  بەھرامنىڭ بوي ئېگىزلىكى 1.88 مېتىر، قارشىلىشىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، بەدەن ئىقتىدارى قالتىس، يەنە كېلىپ ناھايىتى ئىنچىكە تېخنىكىسى بار. ئۇ غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان، بالىلىق دەۋرىدە ئاتا-ئانىسى بۇرۇنلا ئالەمدىن ئۆتكەن، ئۇ ئاكىسى ۋە بوۋىسى بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرگەن. ئاكا-ئۇكا ئىككىيلەن پۇتبولغا بەك قىزىقاتتى، 15 ياشقا كىرگەن يىلى بەھرام ئىچكى موڭغۇلدىكى بىر پۇتبول كۇلۇبىنىڭ كۆزىگە چېلىققان. ئىككى يىلدىن كېيىن، مەملىكەت بويىچە بەش مەيدان مۇسابىقىدە توققۇز توپ كىرگۈزگەن بەھرام شەندۇڭ تەيشەن پۇتبول كۇلۇبىغا ئالماشقان.

  2022-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە، جىنەن شىڭجوۋ پۇتبول كۇلۇبىغا ئىجارىگە بېرىلگەن مەزگىلدە، بەھرام كوماندا بىلەن بىللە جۇڭگو B دەرىجىلىك بىرلەشمە مۇسابىقىدە چېمپىيون بولغان. 2023-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە، ئۇ جۇڭگو A دەرىجىلىكلەر كوماندىسى سىچۈەن جيۇنيۇ كوماندىسىغا ئىجارىگە بېرىلگەن، ئاخىرقى باسقۇچتا سىچۈەن جيۇنيۇ كوماندىسى ئۇدا توققۇز قېتىم غەلىبە قىلىپ، جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرىلار بىرلەشمىسىگە ئۆستۈرۈلۈپ، بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى جۇڭگو A دەرىجىلىكلەر چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن، بۇنىڭ ئىچىدە بەھرام 16 قېتىم مەيدانغا چىقىپ، بەش توپ كىرگۈزۈپ، بىر قېتىم ياردەمچى ھۇجۇمغا ئۆتكەن بولۇپ، توپ كوماندىسىنىڭ جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرىلار بىرلەشمىسىگە ئۆستۈرۈلۈشىدىكى مۇھىم تۆھپىكار بولۇپ قالغان. بۇ مۇسابىقە پەسلىدە، سىچۈەن جيۇنيۇنىڭ نامى شېنجېن شىنپېڭچېڭغا ئۆزگەرتىلدى، بەھرام 4 مىليون يۈەن يۆتكىلىش ھەققى بىلەن شېنجېن شىنپېڭچېڭغا قوشۇلدى.

  بەھرام «بۇ قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، تەيشەن كوماندىسىدا ئاسىيا بىرلەشمە مۇسابىقىسى چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە ئاتلانغان سەرگۈزەشتەمدىن ئىنتايىن مىننەتدارمەن، ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە جۇڭگو ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىمۇ نۇرغۇن چېنىقىشقا ئېرىشىپ، سەۋىيەمنى ئۆستۈردۈم. تەيشەن كوماندىسىغا يەنىلا ئالاھىدە مېھرىم بار، كەلگۈسىدە پۇرسەت بولسا، يەنىلا تەيشەن كوماندىسىغا قايتىپ كېلىپ كۈچ چىقىرىشنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ