خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چاغاندىن كېيىن، بۇ يىل يەنە چىڭمىڭ بايرىمى، ئەمگەكچىلەر بايرىمى، دۇەنۋۇ بايرىمى، دۆلەت بايرىمى قاتارلىق دەم ئېلىش كۈنلىرى بار. شىنجاڭدا يەنە روزا ھېيت، قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش كۈنلىرى بار.
چىڭمىڭ بايرىمى
4-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 6-كۈنىگىچە جەمئىي ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، 4-ئاينىڭ 7-كۈنى (يەكشەنبە) خىزمەت قىلىنىدۇ.
روزا ھېيت
4-ئاينىڭ 10-كۈنى دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ.
ئەمگەكچىلەر بايرىمى
5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 5-كۈنىگىچە، جەمئىي بەش كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، 4-ئاينىڭ 28-كۈنى (يەكشەنبە)، 5-ئاينىڭ 11-كۈنى (شەنبە) خىزمەت قىلىنىدۇ.
دۇەنۋۇ بايرىمى
6-ئاينىڭ 10-كۈنى دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ.
ھەپتە ئاخىرىغىچە ئۇدا دەم ئېلىنىدۇ.
قۇربان ھېيت
6-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 19-كۈنىگىچە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ.
جۇڭچيۇ بايرىمى
9-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 17-كۈنىگىچە جەمئىي ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، 9-ئاينىڭ 14-كۈنى (شەنبە) خىزمەت قىلىنىدۇ.
دۆلەت بايرىمى
10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە جەمئىي يەتتە كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، 9-ئاينىڭ 29-كۈنى (يەكشەنبە)، 10-ئاينىڭ 12-كۈنى (شەنبە) خىزمەت قىلىنىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى