مۇھىم خەۋەرلەر

شىنجاڭ مالىيەسى 17 مىليارد 220 مىليون يۈەن جىپسىلاشتۇرۇش مەبلىغى چۈشۈردى، شىنجاڭنىڭ ئاشلىق، پاختا، مېۋە، چارۋىچىلىق كەسىپلىرى توپى قۇرۇلۇشىغا نۇقتىلىق مەدەت بېرىلىدۇ

2024.02.28 23:40 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى پۈتۈن شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)، 93 ناھىيە (شەھەر، رايون)غا 17 مىليارد 220 مىليون يۈەن جىپسىلاشتۇرۇش مەبلىغى چۈشۈرۈپ، جايلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشىنى قوللاش، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى جىپسىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشقا ئىشلەتتى.

  بۇ قېتىم چۈشۈرۈلگەن جىپسىلاشتۇرۇش مەبلىغى مەركەز مەبلىغىدىن 13 مىليارد 460 مىليون يۈەن، ئاپتونوم رايون مەبلىغىدىن 3 مىليارد 760 مىليون يۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 15 مىليارد 310 مىليون يۈەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرى ۋە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ۋەزىپىسىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشكە ئىشلىتىلىدۇ، 960 مىليون يۈەن ئىش تېپىپ بېرىش يولى بىلەن قۇتقۇزۇش ۋەزىپىسىگە ئىشلىتىلىدۇ، 890 مىليون يۈەن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات ۋەزىپىسىگە ئىشلىتىلىدۇ، 50 مىليون يۈەن تەرەققىي تاپمىغان دۆلەت ئىلكىدىكى دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق مەيدانلىرىنى مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈش ۋەزىپىسىگە ئىشلىتىلىدۇ، 10 مىليون يۈەن تەرەققىي تاپمىغان دۆلەت ئىلكىدىكى ئورمانچىلىق مەيدانلىرىنى مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈش ۋەزىپىسىگە ئىشلىتىلىدۇ.

  جىپسىلاشتۇرۇش مەبلىغى بىرلەشمە يېزا ئىگىلىكى، دېھقانلارنى يېتەكلەش، دېھقانلارنى بېيىتىش كەسىپ تەرەققىياتىنى ئالدىن قوللاپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغان باشقا ئالاقىدار ساھەلەرنىڭ تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ قوللاپ، زۆرۈر ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى قوللاشقا تەڭ ئېتىبار بېرىپ قوللاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان نوپۇس ۋە كۆزىتىش ئوبيېكتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا جەلپ قىلىدىغان شىنجاڭنىڭ ئاشلىق، پاختا، مېۋە-چېۋە، چارۋىچىلىق كەسىپلىرى توپى قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق قوللاپ، ئاساسلىقى ئاشلىق، پاختا، باغۋەنچىلىك، چارۋىچىلىق كەسىپلىرى توپىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش، دەسلەپكى پىششىقلاش، ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەش، ئامباردا ساقلاش، سوغۇق زەنجىرسىمان ئەشيا ئوبوروتى، ماركا يارىتىش، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى تۇتاشتۇرۇش قاتارلىق ھالقىلاردىكى تەرەققىيات قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، كەسىپلەرنىڭ توپلىنىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، جىپسىلاشقان مەبلەغ تۈرلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ھوقۇق دائىرىسى ناھىيە دەرىجىلىككە چۈشۈرۈلىدۇ، ناھىيە دەرىجىلىكلەر مەبلەغنىڭ بىخەتەر، قېلىپلاشقان، ئۈنۈملۈك ئايلىنىشىدا ئاساسلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ، تۈرلەرنى تەكشۈرۈپ دەلىللەش، تەشكىللەپ يولغا قويۇش، نەتىجە-ئۈنۈمنى باشقۇرۇش، مۈلۈكنى باشقۇرۇش-قوغداش قاتارلىق خىزمەت سالمىقىنى سىجىل كۈچەيتىپ، مەنپەئەتنى چېتىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىنى تولۇق نەپكە ئېرىشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، مەبلەغنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلارنىڭ كەسىپ تۈرلىرىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان نوپۇسنىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ