مۇھىم خەۋەرلەر

2023-يىلى شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتكە قىلغان ئېكسپورتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى

2024.02.05 14:20 مەنبە: خەلق تورى

  ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2023-يىلى شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان ئىمپورت-ئېكسپورت سوممىسى 283 مىليارد 670 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %50 ئېشىپ، شىنجاڭ تاشقى سودا ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %79.4 ىنى ئىگىلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ئېكسپورت سوممىسى 246 مىليارد 570 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئېكسپورت كۆلىمى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %23.2 ئاشقان.

  شىنجاڭ ياۋروپا-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ يادرولۇق قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، ئەتراپتىكى سەككىز دۆلەت بىلەن چېگرالىنىدۇ، «بەش پورت سەككىز دۆلەتكە تۇتاشقان، بىر يول ياۋروپا-ئاسىيا بىلەن تۇتاشقان» بولۇشتەك ئۆزگىچە رايون ئەۋزەللىكىگە ئىگە. بۇلتۇر جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئالدىنقى ئۈچ چوڭ سودا شېرىكى قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان بىلەن بولغان ئىمپورت-ئېكسپورت سودا سوممىسى ئايرىم-ئايرىم %70.8، %25.8، %93.4 ئاشتى.

  بۇلتۇردىن باشلاپ، شىنجاڭ جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكىنى ئاساس قىلىپ، تاشقى سودىنىڭ مۇقىملىقى ۋە سۈپىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پورتنىڭ راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان بىر قاتار سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە ئىككى تەرەپلىك سودا قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇردى. ھازىر شىنجاڭدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن 7 چېگرا ئۆز-ئارا سودا رايونى بار، قازاقىستانغا يۈزلەنگەن ئۈچ ئۆز-ئارا سودا رايونى، يەنى باقتۇ، قورغاس ۋە ئالاتاۋ قاتارلىقلار قايتىدىن سودا باشلىدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ