مۇھىم خەۋەرلەر

تېز قاراڭ! ئاپتونوم رايونىمىز 4312 نەپەر مەمۇر، ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا قاتنىشىپ باشقۇرغۇچى خادىم قوبۇل قىلىشنى پىلانلىدى

2024.02.05 13:23 مەنبە: خەلق تورى

  مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مەمۇرلار خىزمىتىگە مەسئۇل تارماقتىن ئىگىلىشىچە، 2024-يىلى ئاپتونوم رايون جەمئىيەتتىن ئاشكارا ئىمتىھان ئېلىپ 4312 نەپەر مەمۇر، مەمۇرلار قانۇنىدىن پايدىلىنىپ خىزمەتچى خادىملارنى باشقۇرغۇچى خادىم قوبۇل قىلىشنى پىلانلىدى. ئىمتىھانغا تىزىملىتىش 2-ئاينىڭ 18-كۈنى باشلىنپ، 2-ئاينىڭ 23-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ؛ 3-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن باشلاپ يېزىقچە ئىمتىھان ئېلىنىدۇ، سالاھىيەت تەكشۈرۈش، يۈز تۇرانە ئىمتىھان، سالامەتلىك تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈش، ئېلان قىلىش، قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئارقا-ئارقىدىن قانات يايدۇرۇلىدۇ. ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىش ئېلانى ۋە خىزمەت ئورنى تەپسىلاتى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى شىنجاڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى تورى (http://www.xjkunlun.cn)، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تورى(http://rst.xinjiang.gov.cn)، شىنجاڭ كادىرلار ئىمتىھان مەركىزى تورى (http://www.xjrsks.com.cn)دا ئېلان قىلدى، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر دىققەت قىلىڭلار ھەمدە تىزىملىتىپ تەكشۈرۈڭلار.

  تۆۋەندىكىلەر ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىشكە توغرا كېلىدۇ: بىرىنچى، كەڭ ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئالاقىدار قوبۇل قىلىش شەرتلىرىنى سېلىشتۇرۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ، ئۆز ئەھۋالىنى توغرا ئىگىلەپ، بالدۇرراق تور بېكىتىگە چىقىپ تىزىمغا ئالدۇرۇش كېرەك. ئىككىنچى، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر تاللاپ تىزىمغا ئالدۇرغان خىزمەت ئورنىنىڭ كونكرېت تەلىپىنى تەپسىلىي ئىگىلىمەكچى بولسا، خىزمەتچى قوبۇل قىلىش خىزمەت ئورنى جەدۋىلىدە ئېلان قىلىنغان خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئورگىنى (ئورۇن) نىڭ سىياسەتتىن مەسلىھەت سوراش تېلېفونىغا بىۋاسىتە تېلېفون قىلسا بولىدۇ.

  ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ مەسئۇللىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى ئىمتىھاندا كونسۇلتاتسىيە كىتابى بېكىتىلمەيدۇ، ھەرقانداق ئاپپاراتقا مەمۇرلۇق ئىمتىھانى كونسۇلتاتسىيە سىنىپى ياكى كۇرسى ئېچىشنى ھاۋالە قىلمايدۇ. ھازىر جەمئىيەتتە ئۇيۇشتۇرۇلۇۋاتقان تۈرلۈك مەمۇرلۇق ئىمتىھانى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسلىرى ۋە سېتىلىدىغان ئىمتىھانغا چېتىلىدىغان نەشر بۇيۇملىرى قاتارلىقلار بۇ قېتىمقى ئىمتىھاننى ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ بىلەن مۇناسىۋەتسىز. كەڭ ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈشىنى سورايمىز، ئىمتىھانغا ئاقىلانە تەييارلىق قىلىش، ئۆز مەنپەئەتىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدىن ئېھتىيات قىلىشى كېرەك. جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشىنى سورايمىز، مەسىلەن، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق ـ مەنپەئىتىگە دەخلى ـ تەرۇز قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر بايقالسا ئالاقىدار تارماقلارغا پاش قىلسا بولىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ