مۇھىم خەۋەرلەر

پاتىگۈل ئابلىمىت، خەلق گېزىتى ئىسمىنى ئاتاپ تەقدىرلىدى!

2024.01.16 13:45 مەنبە: خەلق تورى

  يېقىندا نەنچاڭ چاڭبېي خەلقئارا ئايروپورتىدا بىر ئەر ئېھتىياتسىزلىقتىن يىقىلىپ چۈشۈپ بېشىدىن كۆپ مىقداردا قان چىقىپ كەتكەن خەتەرلىك پەيتتە، بىر قىز ئوقۇغۇچىنىڭ ئالدىغا ئېتىلىپ بېرىپ قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىشى خەلق گېزىتىنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ تەقدىرلىشىگە ئېرىشتى.

  ئادەم قۇتقۇزغان قىزچاق شىنجاڭ مەكىتلىك پاتىگۈل ئابلىمىت بولۇپ، ھازىر نەنچاڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى شۆيۈەنى تېببىي شۆيۈەنىنىڭ 2021-يىللىق پەرۋىش مەخسۇس كۇرس 1-سىنىپىدا ئوقۇۋاتىدۇ.

  ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى پاتىگۈل ئابلىمىت ئايرودۇرۇم ئاۋىياتسىيە بىناسىغا قاراپ كېتىۋاتقاندا تۇيۇقسىز يېنىدىكى بىر ئەر يەرگە يىقىلىپ چۈشىدۇ، ئۇ دەرھال بېرىپ تەكشۈرۈپ، ئەرنىڭ باش قىسمىدىن كۆپ مىقداردا قان چىققانلىقىنى بايقايدۇ.

  پاتىگۈل ئابلىمىت قىلچە ئىككىلەنمەستىن دەرھال ئەرنى قۇتقۇزىدۇ ھەم يولدىن ئۆتكەنلەردىن ياردەم سوراپ 120 گە تېلېفون قىلىدۇ، يارىدارنى ئىككىنچى قېتىم زەخىملەندۈرۈشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۇ ئۆز ئورنىدا زەخمە ئورۇننى بېسىپ قان توختىتىپ، يارىدارنى توختىماي توۋلاپ، جىددىي بىر تەرەپ قىلىدۇ.

  قۇتقۇزۇش ماشىنىسى نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن پاتىگۈل ئابلىمىت جىددىي قۇتقۇزۇش خادىملىرىغا ئەرنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالىنى بايان قىلىپ، ياردەم قىلىپ ماشىنىغا چىقىرىشىدۇ. ئۇنىڭ ئادەم قۇتقۇزۇش جەريانىنى يولدىن ئۆتكەن بىر كىشى خاتىرىلىۋالغان.تىزلىنىپ تۇرۇپ قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن ئۈن-تىنسىز ئايرىلغان بۇ ئىشقا قارىتا، پاتىگۈل ئابلىمىت ئۆزىنىڭ پەقەت بىر داۋالاش ۋە پەرۋىش قىلىشتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئىگىلىنىشىچە، پاتىگۈل ئابلىمىت مەكتەپتىكى مەزگىلدە ئەخلاقتىمۇ، ئۆگىنىشتىمۇ ياخشى بولۇپ، سىنىپتا سىنىپ باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىكەن، جياڭشى ئۆلكىلىك خەلق دوختۇرخانىسىدىكى پراكتىكىنى ئەمدىلا ئاخىرلاشتۇرغان ئىكەن.

  ئۇنىڭ كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىشى، نۇرغۇن تورداشلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ