مۇھىم خەۋەرلەر

تولۇن ئاي نېمە ئۈچۈن شۇنچە نۇرلۇق؟ − شىنجاڭدىكى ئاياللار كېسەللىكلىرى دوختۇرى ماھىنۇر نىياز توغرىسىدا ھېكايە

2023.11.17 00:04 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئەگەر جۇڭگونىڭ بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش خىزمىتىنىڭ مۇساپىسىنى بىر پارچە يول خەرىتىسى قىلىپ سىزىپ چىقساق، ئۇنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بېيجىڭدا − جۇڭگو ئاياللار كېسەللىكلىرى-تۇغۇت ئىلمىگە ئاساس سالغۇچى لىن چياۋجى، ئۇ 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا كوچا-مەھەللىلەرنى ئارىلاپ ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، «ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش» ئىدىيەسىنى جۇڭگولۇقلارغا يەتكۈزگەنىدى. ھالبۇكى خەرىتىنىڭ ئەڭ غەربىدىكى كوردىناتى شىنجاڭ خوتەنگە توغرا كېلىدۇ. بۇنى ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان بىر ئاياللار كېسەللىكلىرى دوختۇرى قۇم-بوران كۆپ چىقىدىغان تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىگە بەلگە قىلىپ سالغان.

  ئۇ دەل ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ مۇدىر ۋىراچى، پىروفېسسور، گوۋۇيۈەننىڭ ھۆكۈمەت ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان مۇتەخەسسىس ماھىنۇر نىياز.

  ئۇيغۇر تىلىدا، «ماھىنۇر» «يورۇق ئاي نۇرى» دېگەن مەنىدە.

  18 يىل ئىلگىرى، ئۇ جەنۇبىي شىنجاڭ تۇپرىقىدا ئالدىراش يۈرۈپ، ھەر مىللەت يېزا ئاياللىرى ئۈچۈن بالىياتقۇ بوينى راكىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش ۋە بالدۇر دىياگنوز قويۇش، بالدۇر داۋالاشنى قانات يايدۇرغانىدى. بۈگۈنكى كۈندە 70 ياشقا كىرىپ قالغان بولسىمۇ، ئۇ ھېلىھەم بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش يولىدا توختىماي ماڭماقتا.

  ماھىنۇرنىڭ كىشىلىك ھايات مۇساپىسىنىڭ ھەربىر بېتىنى ئاچقاندا، كىشىلەر چەكسىز مېھىر-مۇھەببەتكە تولغان قەلبنىڭ ساپ، ئايغا ئوخشاش نۇرلۇق ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرەلەيدۇ.

  ( 1 )

  مەيلى قەيەردە بولسۇن، مەيلى قانداق تاللاش بولسۇن، ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا بىر روھ بولۇشى كېرەك.

  − ماھىنۇر نىيازنىڭ فۇدەن داشۆنىڭ 2015-يىللىق تولۇق كۇرس (مەخسۇس كۇرس) ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزۈش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدىن ئۈزۈندە

  2002-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى.

  توكيو كوچىلىرىدا رەڭگارەڭ چىراغلار چاقناپ، شادلىققا تولغان بايرام مۇزىكىلىرى ياڭراپ تۇراتتى، بۇ، ياپونىيە ياشلىرى ياخشى كۆرىدىغان رومانتىك كۈن − پىڭئەن كېچىسى ئىدى.

  دوختۇرخانىنىڭ كېسەللىك ئارخىپخانىسىدا، ماھىنۇر يەنىلا ئالدىراش ئىدى. ياتاقدىشىنىڭ ئېيتىشىچە، دۆلەت ئىچىدىن تەبرىك كارتىسى ئەۋەتىلگەن بولۇپ، ماھىنۇر بۇنىڭ قىزىنىڭ كۆڭلى ئىكەنلىكىنى بىلىدىكەن. دوختۇرخانىدىن چىققاندا، قار لەپىلدەپ چۈشۈۋاتاتتى، يان تەرەپتە بىر ئانا قىزى بىلەن خۇشال پاراڭلىشىۋاتاتتى، ئىختىيارسىز ماھىنۇرنىڭ كۆزلىرى ياشقا تولدى.

  بۇ كۈنى ھەم ماھىنۇرنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىدى.

  بۇنچە جان تىكىپ ئىشلىشىم زادى نېمە ئۈچۈن؟ ئۇ ئۆزىدىن شۇنداق سورايتتى.

  ئەمەلىيەتتە، بۇنىڭ جاۋابى كۆڭلىگە ئايان ئىدى.

  ماھىنۇر كىچىكىدىنلا ئۆگىنىشنى ياخشى كۆرەتتى. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇ سېسترالارنى تەربىيەلەش سىنىپىغا كىردى، سىنىپتا ئۇنىڭ يېشى ئەڭ كىچىك بولسىمۇ، لېكىن ئەڭ تىرىشچان ئىدى.

  ئىشچى-دېھقان-ئەسكەر كۇرسانتلارنى كۆرسىتىشكە بولىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، ماھىنۇر مۇئەللىمىنىڭ قېشىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ: «مېنىڭ ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇغۇچىسىلا بولۇپ قالغۇم يوق، داشۆدە ئوقۇغۇم بار» دېدى.

  ئاپىسى دوختۇر بولغاچقا، ماھىنۇر چۈشىدىمۇ تېببىي شۆيۈەندە ئوقۇشنى ئويلايتتى. ئۇ تىرىشىپ ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىپ، ئارزۇسى بويىچە شاڭخەي تېببىي داشۆسى (فۇدەن داشۆ شاڭخەي تېببىي شۆيۈەنىنىڭ ئاساسى)گە ئوقۇشقا كىردى.

  داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ماھىنۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ ئاياللار كېسەللىكلىرى-تۇغۇت بۆلۈمىگە تەقسىم قىلىندى. كېسەلخانىدا تەكشۈرگەندە، ئۇنىڭ يۈرىكى پارە-پارە بولۇپ كېتەتتى −

  ئىككى ئېغىز كېسەلخانىدىكى 16 كارىۋات دائىم توشۇپ كېتەتتى، ئاغرىقلارنىڭ ھەممىسى بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا بېرىپ قالغانىدى. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ چىرايلىرى سارغىيىپ كەتكەن بولۇپ، كېسەل ئازابىدىن ئورۇقلاپ بىر تېرە بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغانىدى. كېسەللىك ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن توقۇلمىلار يىرىڭلاپ، ئۇنىڭدىن چىققان بۇرۇننى ئېچىشتۇرىدىغان غەيرىي پۇراق كېسەلخانىنى بىر ئالغانىدى.

  «ئۇلار نېمىشقا شۇنچە ئازاب تارتىدۇ!» ماھىنۇر بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشتا بىر يول ئېچىشقا ئىرادە باغلىدى.

  ئۇ بوش ۋاقتى بولسىلا كەسپىي كىتابلارنى قېتىرقىنىپ ئۆگەندى، ئۇ ئۆزىنىڭ كۆپرەك ئۆگىنىشى، كۆپرەك نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلاتتى. ئاپىسى ئالەمدىن ئۆتكەندە، ماھىنۇر ئۆينىڭ چوڭى بولغاچقا، ئىنى-سىڭىللىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا توغرا كەلدى. بەزىدە كىتابنى ئەمدىلا ئېچىشىغا ئىنىسى يۈگۈرۈپ كېلىپ: «ئاچا، ئىشتىنىمنى ياماپ بېرە.» «ئاچا، قورسىقىم ئاچتى!» دەيتتى.

  بىر قېتىم، چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش پۇرسىتى كېلىپ، ئىنگلىز تىلى ئىمتىھانى بەرگەندە ماھىنۇر ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىدى. دوختۇرخانا باشلىقى يول كۆرسىتىپ: «دوختۇرخانا ياپون تىلى ئۆگىنىش كۇرسى ئاچماقچى، سىز بېرىپ قاتنىشىڭ» دېدى.

  دەرس بارغانسېرى قىيىنلاشتى، ئەسلىدە 50 كىشى بار كۇرستا ئەڭ ئاخىرىدا پەقەت ئۇ بىرلا ئادەم قالدى. 1988-يىلى، ئەسلىدىكى سەھىيە مىنىستىرلىقى كونا ئىنقىلابىي رايون، مىللەتلەر رايونى، چېگرا رايوندىكىلەرنى ياپون تىلى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىپ، پۈتۈن شىنجاڭغا ئۈچ سان بەردى. ماھىنۇر ئىككىلىنىپ قالغاندا، بۆلۈم مۇدىرى خۇ يەنيەن ئۇنى تىزىملىتىپ قويدى: «مەن بۆلۈمىمىزدىن <ئالتۇن سۇمرۇغ>نىڭ ئۇچۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

  ئۇ مۇدىرنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ، جۇڭگو تېببىي داشۆسىگە بېرىپ بىر يىللىق جاپالىق تەربىيەلىنىشنى باشلىدى. بەزىدە قولىدا يەنىلا كىتاب تۇتقان، ئاڭلاپ چۈشىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدىغان ماگنىتلىق لېنتا ئاخىرىغىچە قويۇلۇپ بولغان ھالەتتە ئۇيقۇسىدىن ئويغىناتتى.

  پۇرسەت كەلدى. 1992-يىلى، ماھىنۇر ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ، ياپونىيەنىڭ «تىچۇەن تېببىي پەنلەر ئوقۇش مۇكاپات پۇلى» بىلەن ئوقۇيدىغان تەتقىقات خاراكتېرىدە بىلىم ئاشۇرىدىغان ئوقۇغۇچى بولۇپ، ياپونىيە تېببىي داشۆسىگە ئوقۇشقا كىردى. ئۇ ژۇرناللارنى ۋاراقلاپ كۆرۈپ، ئەڭ كۆپ ماقالە ئېلان قىلغان بىر پىروفېسسورنى يېتەكچى ئوقۇتقۇچى قىلىپ تاللىدى.

  ئىككى يىللىق ئۆگىنىش ئاخىرلاشتى، بىر تەرەپتىن يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى سەمىمىيلىك بىلەن ئۇنى ئېلىپ قالماقچى بولدى، يەنە بىر تەرەپتىن، ئېرى تېلېفوندا بالىسىنىڭ ياشلىق مەزگىلىگە قەدەم قويغانلىقىنى، ئاپىسىغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. تەڭلىكتە قالدۇرىدىغان تاللاش ئۇنىڭ ئالدىغا قويۇلدى.

  بالىسى ئۈچۈن ئۇ ۋەتەنگە قايتىپ كەلدى. بۇ، ماھىنۇرنىڭ ھاياتىدا تۇنجى قېتىم، شۇنداقلا بىرلا قېتىم ئائىلىسى ئۈچۈن غايىسىدىن كېچىشى ئىدى.

  داۋاملىق بىلىم ئاشۇرۇش پۇرسىتىدىن ۋاز كېچىپ، ئۇ ھەر كۈنى پۇشايماندا ئۆتتى.

  ئويلىمىغان يەردىن، ئۈچ يىلدىن كېيىن، يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى «تىچۇەن تېببىي پەنلەر ئوقۇش مۇكاپات پۇلى» بىلەن ئوقۇيدىغان ئالاھىدە ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى ئەۋەتتى. بۇ قېتىم ئۇ ئىككىلىنىپ قالمىدى: «مەن دوكتورلۇقتا ئوقۇيمەن!»

  ئۇ ئىنگلىز تىلىنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىشكە باشلىدى. كۇتۇپخانىغا بېرىپ ئىممۇنىتېت ئىلمى، ئىرسىيەت ئىلمىگە ئائىت ئىنگلىزچە ئەسلىي نۇسخىدىكى كىتابلارنى ئارىيەت ئېلىپ، ئەڭ ئاخىرىدىكى سۆزلۈكلەرنى نۇسخىلاپ، يانچۇققا سالغۇدەك چوڭلۇقتا كېسىۋېلىپ، ھەر كۈنى يانچۇقىغا سېلىۋېلىپ، يول ماڭغاندا، تاماق يېگەندە سۆزلۈكلەرنى يادلىدى. ئاخىرىدا، ئۇ ئارزۇسىغا يېتىپ دوكتورلۇققا ئۆتتى.

  مەلۇم بىر ژۇرنال يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسىنى ماقالە يېزىپ بېرىشقا تەكلىپ قىلدى، ماھىنۇر تېمىنى ئالغاندىن كېيىن، «مەن سىناپ باقسام بولامدۇ؟» دېدى، «سىز يازالامسىز؟» «مەن يازالمايمەن، لېكىن ئۆگەنسەم بولىدۇ.» ئۇ كۈندۈزى خىزمەت قىلىپ، كېچىسى ماقالە يازدى، ئارگىنال قەغەزلىرى ئۈستەلگە دۆۋىلىنىپ كەتتى.

  تەجرىبىخانىغا كىرگەندە، ئۇ ھېچنېمىنى بىلەلمەي قالدى، تەجرىبە دورىلىرىنىڭ ئىسمىنى كۆرۈپ چۈشىنەلمىدى، ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلەرنى كۆرۈپمۇ باقمىغانىدى، ئوقۇتقۇچىسى: «بۇ يەردە ھېچكىمنىڭ سىزگە ئۆگىتىش مەجبۇرىيىتى يوق، ئۆزىڭىز ئۆگىنىشىڭىز كېرەك» دېدى. ئۇ بىر تەجرىبە نەتىجىسىنى ساقلاش ئۈچۈن، تەجرىبىخانىدا قونۇپ قالدى.

  15 پارچە ياپون تىلىدىكى ئىلمىي ماقالە، بىر پارچە ئىنگلىز تىلىدىكى ئىلمىي ماقالە، بۇ، ماھىنۇرنىڭ ئالتە يىل دوكتورلۇقتا ئوقۇغان مەزگىلىدىكى نەتىجىسى. يېتەكچى ئوقۇتقۇچى ھەيران قالدى، ھەتتا يەرلىك ئوقۇغۇچىلارمۇ بۇنداق نەتىجىنى قولغا كەلتۈرەلمەيتتى!

  ئوقۇش پۈتكۈزگەندە، ئۇ تەكلىپ بىلەن ياپونىيەدە ئوقۇۋاتقان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلدى. سۆز ئارگىنالىدا، رەھمەت ئېيتىش سۆزلىرىدىن باشقا، يەنە چەت ئەلدە ئوقۇش جەريانىدىكى باشتىن كەچۈرگەن ئىسسىق-سوغۇقلارمۇ بار ئىدى.

  «كەچۈرۈڭ!» ئويلىمىغان يەردىن، سۆز ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى، ئۇنىڭ سۆزىدىن كەچۈرۈم سورىغان مەنە چىقىپ تۇراتتى.

  «بۇ يىللاردا سىزنىڭ ۋەتىنىڭىزدىن، ئائىلىڭىزدىن ئايرىلىپ، ھەربىر كۈنىڭىزنى مۇشۇنداق ئۆتكۈزگەنلىكىڭىزنى ئويلاپ باقماپتىمەن. سىزگە كۆڭۈل بۆلۈشكە سەل قاراپتىمەن، بۇ مېنىڭ خاتالىقىم.» ماھىنۇر تۇرۇپ قالدى، كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش تۆكۈلدى.

  2003-يىلى ماھىنۇر دوكتورلۇقنى پۈتكۈزدى. شۇ يىلى، ئۇ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇپ سايلاندى. قۇرۇلتاي ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بېيجىڭدىن ياپونىيەگە قايتىپ كەلدى، ئوقۇش پۈتكۈزۈش مۇراسىمىدا، ساۋاقداشلىرى: «چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىنىڭمۇ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولالايدىغانلىقىنى ئويلاپ باقماپتىمىز» دېدى. يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى ئۇنى دۆلىتىگە قايتىپ سىياسىي بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، دەپ ئويلاپ، «دوختۇرلۇق كەسپىدىن ۋاز كېچەمسىز؟ سىز بۇنچە مۇنەۋۋەر تۇرسىڭىز، بەك ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولغۇدەك!» دېدى.

  يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى ئۇنىڭغا مەكتەپتە قېلىپ ئوقۇتقۇچى بولۇش تەكلىپى بەرگەندە، ماھىنۇر چىرايلىق رەت قىلدى: «قايتىدىغان ۋاقتىم بولدى، ئۇنداق بولمىسا مەن نېمە ئۈچۈن كېلەتتىم!»

  ( 2 )

  ئاياللار كېسەللىكلىرى دوختۇرى ئاددىي ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلەر.

  − ماھىنۇر نىيازنىڭ 2022-يىللىق ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا مۇكاپاتى بويىچە گەۋدىلىك تۆھپە قوشۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندە قىلغان سۆزىدىن ئۈزۈندە

  2007-يىلى ياز، كېرىيە ناھىيەسى.

  تەخمىنەن 20 ياشتىن ئاشقان بىر ئايال پۇتىغا بىر جۈپ سولياۋ ساپما كەش كىيىۋالغان بولۇپ، قىزىل رەڭلىك كالتە يەڭ مايكا ئىچىدە، ئېگىز تومپىيىپ چىققان قورسىقىدىن ھامىلىدار ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇراتتى.

  «مېنىڭ نېمە دېگەنلىكىمنى ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ؟ بۇ بالىنى تۇغۇش ئىنتايىن خەتەرلىك، جېنىڭىزدىن ئايرىلىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن!» دېدى ماھىنۇر ئايالغا يۇقىرى ئاۋازدا.

  شۇ چاغدا ئاسپىرانتلىقنىڭ 2-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان زۇمرەت ئەنۋەر كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ: «مۇئەللىم ئادەتتە مۇلايىم، سىلىق گەپ قىلاتتى، بۇنداق ئاچچىقلانغانلىقىنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقماپتىمەن» دېدى.

  بۇ ئايالنىڭ ئىسمى ئايگۈل ئىدى. بىر يىل ئىلگىرى، زۇمرەت مۇئەللىمگە ئەگىشىپ بۇ يەرگە كېلىپ بالىياتقۇ بوينى راكى بويىچە بىرمۇبىر تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا، ئايگۈلگە بالىياتقۇ بوينى راكىغا گىرىپتار بولغان دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانىدى. ماھىنۇر: «بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولسا ھامىلىدار بولسا بولمايدۇ، ساقايغاندىن كېيىن ئاندىن بالىلىق بولۇش ئىشىنى ئويلىشىڭ» دەپ قايتا-قايتا تاپىلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بۇنىڭغا پەرۋا قىلمىغانىدى.

  ئەيىبلەشنىڭ كەينىدە ئىچ ئاغرىتىش، ئەپسۇسلىنىش بار ئىدى.

  ئەينى چاغدا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاياللارنىڭ ساغلاملىق ئېڭى بىرقەدەر ئاجىز بولۇپ، بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ نېمىلىكىنى نۇرغۇن كىشى بىلمەيتتى. بايقالغاندا، دائىم ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالاتتى.

  بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاشنىڭ ئاچقۇچى «بالدۇر» بولۇش.

  «بۇ ئىشنى قىلىدىغان ئادەم بولۇشى كېرەك.» 2005-يىلى، ماھىنۇر دوختۇرخانىدىن 100 مىڭ يۈەن ئىلتىماس قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭغا بېرىپ بالىياتقۇ بوينى راكى بويىچە بىرمۇبىر تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى.

  قوزغىتىش مەبلىغىنى ئېلىپ، ئۇ كوللېكتىپ بىلەن تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدىكى كېرىيە ناھىيەسىگە باردى.

  ناھايىتى تېزلا پۇل تۈگەپ، بىرمۇبىر تەكشۈرۈشنى توختىتىشقا مەجبۇر بولدى.

  مەبلەغ تېپىش ئۈچۈن، باشقىلارغا يالۋۇرۇشنى ياخشى كۆرمەيدىغان ماھىنۇر تەرەپ-تەرەپتىن «پۇل سوراش»قا باشلىدى.

  2005-يىلى 8-ئايدا، ئەينى چاغدىكى سەھىيە مىنىستىرلىقى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مىنىستىر گاۋ چياڭ دوختۇرخانىغا كېلىپ كۆزدىن كەچۈرگەندە، ماھىنۇر پۇرسەتنى تۇتۇپ، خوتەن ۋىلايىتىدە بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ قوزغىلىش ئەھۋالى ۋە ئۆزى ئەترەت باشلاپ قانات يايدۇرغان خىزمەتلەرنى دوكلات قىلدى.

  «سىلەرنىڭ ئۆزلۈكىڭلاردىن بىرمۇبىر تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشۇڭلار ئاسان ئەمەس!» ئۇزاق ئۆتمەي، ماھىنۇر كوللېكتىپى يوللىغان مۇمكىنچىلىك دوكلاتى سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تەستىقلىشىغا ئېرىشتى، خوتەن ۋىلايىتى بالىياتقۇ بوينى راكىغا بالدۇر دىياگنوز قويۇش، بالدۇر داۋالاش بويىچە مەركەزنىڭ يۆتكىمە چىقىم تۈرىگە كىرگۈزۈلۈپ، مەملىكەت بويىچە نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان 6-رايونغا ئايلاندى.

  ئارقىدىنلا، دۆلەت سەھىيە تارماقلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن، ئۇ يەنە بىر خەلقئارا ھەمكارلىق تۈرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، 1 مىليون 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ ۋە ئۈسكۈنە ياردىمىگە ئېرىشتى.

  جەنۇبقا يۈزلىنىش، داۋاملىق جەنۇبقا يۈزلىنىش. 2006-يىلى 9-ئايدا، ماھىنۇر كوللېكتىپنى ۋە چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەرنى باشلاپ، ئەڭ ئىلغار ئۈسكۈنىلەرنى ئېلىپ، يەنە كېرىيە ناھىيەسىگە كەلدى.

  ئەزەلدىن بۇنداق كۆپ شەكلى غەلىتە ئۈسكۈنىلەرنى كۆرۈپ باقمىغاچقا، بىرىنچى كۈنىلا، ئاياللار ھودۇقۇپ قالدى.

  «بەدىنىمنىڭ ئىچىگە ئۈسكۈنىنى سالغاندا، ھەم چىڭقىلىپ، ھەم ئاغرىپ كەتتى.» تەكشۈرتۈپ بولغاندىن كېيىن بەزىلەر ئېرىگە يىغلاپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى.

  «كېيىن بالىلىق بولۇشقا تەسىر يەتمەيدىغاندۇ؟» ئېرىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، ئۇلار تېخىمۇ قورقتى.

  ئىككىنچى كۈنى، چۈشلۈك تاماق ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، كەنت ئاھالە كومىتېتى قورۇسىغا بىرمۇ ئادەم كەلمىدى.

  ئېتىز باشلىرىغا باردى، ئۆيلەرگە باردى، ماھىنۇر ئايال كادىرلارنى باشلاپ، توختىماي تەشۋىقات ئېلىپ باردى. ئەڭ ئاخىرىدا ئايال كادىرلار ھاردى، تېرىكتى، «ئىلگىرى تەكشۈرمىگەن چاغدىمۇ، بىر ئوبدان ئىدىغۇ؟ نېمىشقا بۇنچە كۈچەپ كېتىمىز!»

  ئاستا-ئاستا، ئاياللار چۈشەندى: ئەسلىدە ئاياللار بۆلۈمىدە تەكشۈرتكەندە بىئارام بولۇش ۋە ئاغرىش تۇيغۇسى بولۇش نورمال ئىش ئىكەن؛ ئەسلىدە بەزى ئاچا-سىڭىللار بالىياتقۇ بوينى راكىغا گىرىپتار بولغان ئىكەن؛ ئەسلىدە بۇ خىل راكنى بالدۇر بايقىسا، داۋالاپ قۇتقۇزۇۋالغىلى بولىدىكەن ...

  كۈندۈزى ئاياللار ئېتىزدا ئالدىراش بولدى؛ كەچقۇرۇن گۈررىدە ئولىشىپ يېتىپ كەلدى.

  زادىلا توختاپ قالمىدى! ماھىنۇر بېلىنى ئېگىپ، بىر خىل قىياپەتنى ساقلاپ، دائىم بەش-ئالتە سائەت بەرداشلىق بېرەتتى. بەزىدە سىرتتا قۇم-بوران چىقىپ، ئۆي ئىچىدە «توپا ياغقاچقا»، بىرنەچچە قەۋەت ماسكا تاقىۋالسىمۇ، يەنىلا قېقىلىپ نەپەس ئالالماي قالاتتى. چەت، يىراق يېزا-بازارلاردا كەچ سائەت توققۇزدىلا توك توختاپ قالغاچقا، ئۇلار قول چىرىغىنى ياندۇرۇپ داۋاملىق ئىشلەيتتى. ئەڭ كۆپ بولغان چاغلاردا، بەش كۈندە 5000 ئايالنى ئاياللار كېسەللىكلىرى بويىچە تەكشۈردى.

  دەسلەپكى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش تاماملانغاندىن كېيىن يەنە قايتا تەكشۈرتۈشكە توغرا كەلگەچكە، ئاياللار ئاۋارىچىلىقتىن قېچىپ كېلىشنى خالىمىدى. تونۇر بېشىغا بېرىپ چاقىرىپ كەلدى، بازارغا بېرىپ چاقىرىپ كەلدى، ئۆيىدىن نەسىھەت قىلىپ چاقىرىپ كەلدى، بۇنىڭدىكى مەقسەت بىرمۇ ئادەمنى چۈشۈرۈپ قويماسلىق ئىدى.

  تۇنجى قېتىم، شىنجاڭدا بالىياتقۇ بوينى راكى بويىچە كۆلەملەشكەن، قېلىپلاشقان بىرمۇبىر تەكشۈرۈش قانات يايدۇرۇلدى؛ تۇنجى قېتىم، شىنجاڭدا بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى قاتارلىق ئاساسىي ئەھۋاللار ئېنىقلاپ چىقىلدى؛ تۇنجى قېتىم، شىنجاڭدا بالىياتقۇ بوينى راكى سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇلدى.

  بۇ سانلىق مەلۇماتلار دۆلەتنىڭ يېزا ئاياللىرىدىكى «ئىككى خىل راك»(بالىياتقۇ بوينى راكى ۋە سۈت بېزى راكى)نى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش تۈرىنىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىيلىشىشىنى سانلىق مەلۇمات تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى. 2009-يىلى، شىنجاڭدىكى 14 ناھىيە بۇ تۈر بويىچە دۆلەتنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان ناھىيە قاتارىغا كىردى.

  بۇ سانلىق مەلۇماتلار يەنە ماھىنۇرنىڭ بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ كېسەل قوزغىلىش مېخانىزمى جەھەتتىكى تەتقىقاتى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى. ئۇ شىنجاڭ ئاياللىرى HPV (ئادەم ئەمچەك توپچىسى ئۆسمە ۋىرۇسى) بىلەن يۇقۇملانغاندا كۆپ كۆرۈلىدىغان تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش ھەم ئالاھىدە تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشنى تۇنجى قېتىم بايقاپ، بالىياتقۇ بوينى راكى پەيدا بولۇش ۋە تەرەققىي قىلىشنىڭ ھۈجەيرە ئىممۇنىتېتى، بەدەن سۇيۇقلۇقى ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى تۆۋەنلەش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تۇنجى قېتىم ئىسپاتلىدى...

  ياشىنىپ قالغان ماھىنۇر بۈگۈنكى كۈندىمۇ يەنىلا يېزىغا بېرىپ بىرمۇبىر تەكشۈرۈشنى قەتئىي داۋاملاشتۇردى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، ماھىنۇرنىڭ كوللېكتىپى بالىياتقۇ بوينى راكىنى 60 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق بىرمۇبىر تەكشۈردى، 300 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېقىن پۇرسەت خاراكتېرلىك بىرمۇبىر تەكشۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭدا بالىياتقۇ بوينى راكى قوزغىلىش نىسبىتىنىڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلىگەنلىكىگە گۇۋاھ بولغانلىقىمدىن ئۆزۈمنى ئەڭ بەختلىك ھېس قىلىمەن. بۇ يىل، كوللېكتىپىمىز جەنۇبىي شىنجاڭدا بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق 2006-يىلىدىكىدىن %60 ئازايدى.

  ماھىنۇر تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن كۇرسانتلار پۈتۈن شىنجاڭغا تارقالغان بولۇپ، 10 مىڭدىن ئاشىدۇ. لوپ ناھىيەلىك ئانا-بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى مۇيەسسەر ھاشىم كوللېكتىپنى مۇستەقىل يېتەكلەپ بىرمۇبىر تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپلا قالماي، يەنە بالىياتقۇ بوشلۇقى ئەينىكى تېخنىكىسى بويىچە «نوپۇزلۇق دوختۇر»غا ئايلاندى. بۇ يىلدىن بۇيان، ئۇلار ماھىنۇر كوللېكتىپى بىلەن بىرلىكتە پۈتۈن ناھىيەدە جەمئىي 18 مىڭ ئادەم قېتىم بىرمۇبىر تەكشۈرۈشنى تاماملىدى.

  بۇ يىللاردا، شىنجاڭ ئاياللىرىنىڭ ساغلاملىق ئېڭى بارغانسېرى كۈچەيدى، دۆلەتنىڭ سېلىنمىسىمۇ بارغانسېرى ئاشتى. 2013-يىلى شىنجاڭ بالىياتقۇ بوينى راكىغا گىرىپتار بولغان يېزىلاردىكى قىيىنچىلىقى بار ئاياللارنىڭ ھەممىسىنى ئېغىر كېسەللەرنى قۇتقۇزۇش-داۋالاش دائىرىسىگە كىرگۈزدى. ھەر دەرىجىلىك ئاياللار بىرلەشمىلىرى يەنە تۆۋەن كىرىملىك ئاياللار ئۈچۈن «ئىككى خىل راك» مەخسۇس قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش فوندى تەسىس قىلدى.

  «ئىلگىرى ئاياللار بىرمۇبىر تەكشۈرۈشتىن قورقىدىغان بولۇپ، قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن كېسەل بولۇپ قالسا داۋالىتالماسلىقتىن قورقاتتى. ھازىر ياخشى سىياسەتنىڭ تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشى بولغاچقا، ئاياللار ناھايىتى ئاكتىپلاشتى. بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش جەھەتتە بىز تېخىمۇ كۈچىشىمىز كېرەك» دېدى ماھىنۇر.

  ( 3 )

  داۋالاش تېخنىكىسىدا كامالەتكە يەتمەي تۇرۇپ دوختۇر بولغىلى بولمايدۇ.

  − ماھىنۇر نىيازنىڭ چەت ئەلدە ئوقۇش خاتىرىسىدىن ئۈزۈندە

  بۇلتۇر 6-ئايدا، ماھىنۇر دوختۇرخانا ئىشخانىسىنىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلدى، «بىر ئاغرىق سىزنى ئەرز قىپتۇ!»

  ئەسلىدە، بىر ئاغرىق ئۇنى ئىزدەپ كېسىلىنى كۆرسەتمەكچى بولغان، لېكىن نومۇر بالدۇرلا تۈگەپ كەتكەچكە، جىددىي ئەھۋالدا شەھەر باشلىقى قىزىق لىنىيەسىگە تېلېفون قىلىپ «ئەرز قىلغان».

  يەنە بەزى ئاغرىقلار ئوپېراتسىيە ئۈستىلىگە چىققاندا، ھېچنېمە قىلدۇرماي يېتىۋېلىپ، ئۇنىڭ كەلگەنلىكىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەندىن كېيىن ئاندىن ناركوز ئوكۇلى ئۇرغۇزغان.

  «چوقۇم ماھىنۇر بولۇشى كېرەك»، دوختۇرخانىنى دائىم تەڭلىكتە قويىدىغان بۇ سۆزگە ئاغرىقلارنىڭ ئۇنىڭغا بولغان يۈكسەك ئىشەنچى مۇجەسسەملەنگەن.

  ئۇ بۇ خىل ئىشەنچنى يەردە قويمىدى. دوختۇرلۇق بىلەن شۇغۇللانغان 47 يىلدىن بۇيان، ئۇ يامان سۈپەتلىك ئۆسمە ئوپېراتسىيەسى ۋە چىگىش، قىيىن ئوپېراتسىيەدىن 20 مىڭدىن ئارتۇقنى تاماملاپ، 9000دىن ئارتۇق خەتەرلىك، ئېغىر ئاغرىقنى جىددىي قۇتقۇزدى. كوچىدا، ھەتتا سىرتلاردا كېتىۋاتقاندا، بەزى ئاغرىقلار تۇيۇقسىز ئالدىغا كېلىپ: «ماھىنۇر دوختۇر، بۇ سىزمۇ؟ ئىلگىرى ھاياتىمنى قۇتقۇزۇپ قالغانلىقىڭىزغا رەھمەت!» دەيتتى.

  ماھىنۇرنىڭ بىر «ئالتۇن» قايچىسى بار، ئۇ توقۇلمىلارنى كېسىدىغان قايچا بولۇپ، ئۇچى سەل ئەگمەچ، سېپى ئالتۇن رەڭ، ئادەتتىكى قايچىدىن سەل ئۇزۇنراق، داس بوشلۇقىغا كىرگۈزۈشكە ئەپلىك.

  كۆزىنى سەل قىسىپ، قولىدا ھېلىقى مەخسۇس قايچىنى تۇتۇپ، بىر كوچىلاپ، بىر تارتىپ، بىر كېسىۋىدى، تومۇزغا قانىتىدەك نېپىز قان تومۇر غىلاپ پەردىسى ئايرىپ چىقىلىپ، ئورنى ئىنتايىن چوڭقۇر يەردىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولغان توقۇلمىلار تازىلاندى. بۇ، بۆلۈمدىكى ياشلار ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ بېرىدىغان كۆرۈنۈش.

  ئوقۇغۇچىلارمۇ خاسىيەتلىك كۈچكە ئىگە بۇ «ئالتۇن» قايچىنى ئىشلەتمەكچى بولغاندا، ئۇ: تېخنىكىڭىز كامالەتكە يەتكەندە، ئاندىن ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ، دەيتتى.

  بەزىلەر مۇنداق دېدى: ئۇنىڭ بەدىنىدە «مەڭگۈ توختاپ قالمايدىغان موتور» بار، ئۇنداق بولمىسا پېنسىيەگە چىقىش يېشىدىن ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، نېمىشقا يەنە شۇنداق تىرىشىدۇ − ھەر ھەپتىدە ئۈچ كۈن ئامبۇلاتورىيەدە كېسەل كۆرىدۇ، بەزىدە ئۇدا ئالتە سائەت كېسەل كۆرۈپ 80دىن ئارتۇق ئاغرىقنى قوبۇل قىلىپ دىياگنوز قويىدۇ؛ ئەتىگەن سائەت 9دا دەل ۋاقتىدا ئىشقا كېلىپ، ئوپېراتسىيە قىلىدۇ، يىغىنغا قاتنىشىدۇ، كېسەلخانا تەكشۈرىدۇ، ھۆججەتلەرنى كۆرىدۇ، ئەڭ كەچ قالغاندا سەھەر سائەت 3تە ئاندىن ئوپېراتسىيەخانىدىن چىقىدۇ.

  بەزىلەر مۇنداق دېدى: ئۇ «تۆمۈر ئادەم»، ئۇنداق بولمىسا ھەر كۈنى پەقەت ناشتا قىلىپ، چۈشتە، كەچتە قەھۋەگە تايىنىپ يۈرسە، قانداق بەرداشلىق بېرەلەيدۇ؟

  ئۇ مۇنداق دېدى: ئادەتلىنىپ قاپتىمەن، بۇنداق بولغاندا ماڭا ئەپلىك بولىدۇ، ئوپېراتسىيەخانىغا بىر كىرىپلا كەتسەم، بىر كۈن تۇرالايمەن.

  بىر كۈنى يېرىم كېچىدە، بىر ئاغرىق كەلدى، ئۇ بالىياتقۇ تارتۇقى ئورنىدا ھامىلىدار بولۇپ قالغان بولۇپ، بۇ خىل جىددىي كېسەللىك بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇشتىنمۇ خەتەرلىك ئىدى. ياردەم تەلەپ قىلىش ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ماھىنۇر ئۆيىدىن دەرھال يېتىپ كەلدى.

  ئوپېراتسىيە جەريانىدا، ئازراقلا سەۋەنلىك كۆرۈلسە قان كۆپ چىقىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  ئارقا قورساق پەردىسىنى ئېچىش، يانپاش ئىچكى ئارتېرىيەسىنى بوغۇش... ئۇ چەبدەسلىك بىلەن ھەربىر مەشغۇلاتنى بىراقلا تاماملىدى.

  ئوپېراتسىيە ئىككى سائەتتە ئوڭۇشلۇق تاماملىنىپ، قان كۆپ چىقىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى. تەييارلاپ قويۇلغان 2000cc قانمۇ ئىشلىتىلمىدى.

  «ماھىنۇر مۇئەللىمنى <كامالەتكە يەتكەن دوختۇر> دېيىشكە بولىدۇ!» دېدى كۆپچىلىك ھاياجانلانغان ھالدا.

  «ئۇ <كۈچلۈك مۇقىملاشتۇرغۇچ>، ھېچ ئىش قىلماي يېنىمىزدا تۇرۇپ بەرسىمۇ ئىشەنچىمىز ئاشىدۇ.» بىر ئوقۇغۇچى چاقچاق قىلىپ: ماھىنۇر دوختۇرنىڭ سۈرىتىنى بېسىپ چىقىرىپ، ئوپېراتسىيەخانىنىڭ تېمىغا ئېسىپ قويايلى، ئۇ «قاراپ» تۇرسا، تەمتىرىمەيمىز! دېدى.

  ئەڭ ئېگىز پەللىگە چىقىش ئۈچۈن، يۈكسەك غەيرەت-جاسارەت بولۇشى كېرەك.

  2010-يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنى دۆلەت كىلىنىكىلىق نۇقتىلىق مەخسۇس بۆلۈمى قىلىشقا ئىلتىماس سۇندى.

  باھالاش دىسسېرتاتسىيەسىدە، رىقابەتچىلەرنىڭ ھەممىسى دۆلەت ئىچىدە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان كوللېكتىپلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئاكادېمىك، مۇتەخەسسىسلەر ئاز ئەمەس ئىدى، ماھىنۇر تازا ئىشەنچ قىلالمىدى.

  شىنجاڭنىڭ بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن بۇ پۇرسەتكە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئويلاپ، ئۇ بىر ئۇرۇنۇپ بېقىش قارارىغا كەلدى.

  ئۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭدا بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى جانلىق ۋە تەسىرلىك بايان قىلدى.

  ئاخىرىدا، ئۇ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. بۇ نەتىجە غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايوندا ئالاھىدە ئورۇندا تۇردى.

  شۇ دەقىقىدە، ماھىنۇر چەكسىز بەخت ھېس قىلدى.

  ماھىنۇر بەزىدە «يولسىز» ئىدى. خەن لىلى ئەڭ دەسلەپتە تاللىغان تەتقىقات يۆنىلىشى تۇخۇمداننىڭ بالدۇر چېكىنىشىگە ئالاقىدار تەتقىقات بولۇپ، بۇ ئاق ياقىلىق ئاياللاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئىدى، ئۇ تاللىغان بۇ تەتقىقات يۆنىلىشى ئىنتايىن قىزىق نۇقتا ئىدى.

  «بۇ تەتقىقاتنى قىلىدىغانلار ناھايىتى كۆپ، مېنىڭ ئوقۇغۇچۇم بولىمەن دەيدىكەنسىز، سوغۇق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇشقا رازى بولۇپ، بالىياتقۇ بوينى راكى تەتقىقاتىنى چوڭقۇر، پۇختا قىلىشىڭىز كېرەك.» ئاخىرىدا خەن لىلى ماھىنۇر مۇئەللىمنىڭ ئەگەشكۈچىسى بولۇپ، مۇقىم باھالىق، بىخەتەر بولغان بالىياتقۇ بوينى راكىغا قارشى يېڭى دورىنى تەتقىق قىلىپ چىقىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ياشلار پەن-تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

  ماھىنۇر بەزىدە «رەھىمسىز» ئىدى. قول ئاستىدىكىلەر ئۇنى ئىزدەپ دەردىنى تۆكۈپ، خىزمەت ئالدىراشچىلىقىدا ئۆيگە قارىيالمىغاچقا، ئېرى ئاجرىشىمەن دەپ جېدەل قىلغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ كەسكىن قىياپەتتە قاپىقىنى تۈرگىنىچە: «ئايال دوختۇرنى خوتۇنلۇققا تاللىغاندىكىن، بۇ ئۇۋالچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. قايتىپ بېرىپ ئوبدان نەسىھەت قىلىڭ، ئەگەر يەنىلا ئاجرىشىمەن دېسە، بۇنداق ئەردىن ئاجرىشىپ كېتىڭ!» دېدى.

  ماھىنۇر بەزىدە «جاھىل» ئىدى. لۇ جىڭ شىخەنزە داشۆدە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇيتتى، ئوتتۇرا مەزگىللىك باھالاشتا، ماھىنۇر ھەر كۈنى ئىككى سائەت نۆۋەتچى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ، ئۈرۈمچىدىن شىخەنزىگە بېرىپ، ئامراق شاگىرتىغا ئۆزى يېتەكچىلىك قىلدى. لۇ جىڭ ئۇنىڭغا كېلىپ يۈرمەسلىكنى ئېيتقاندا، ئۇ ئاچچىقلىنىپ: «باشقىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى بار، مەن بارمىسام، سىز ئاپىسى يوق بالىغا ئوخشاپ قالىسىز، بولمايدۇ!» دېدى.

  ئاچقۇچلۇق پەيتتە، ئۇ ھەمىشە ئاستىرتىن ئۈن-تىنسىز قوللىدى، كاتتا مۇكاپاتلارغا باھالاشقا قاتناشقاندا، ھەمىشە ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىسمىنى ئەڭ ئالدىغا قويدى. نۆۋەتتە، ئۇ 56 ماگىستىر، دوكتورنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى.

  2020-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى «بالىياتقۇ بوينى راكىنى تۈگىتىشنى تېزلىتىش يەرشارىۋى ئىستراتېگىيەسى»نى ئېلان قىلدى، بۇ، جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان 194 دۆلەتنىڭ تۇنجى قېتىم بىر خىل راك كېسىلىنى تۈگىتىشكە ئورتاق ۋەدە بېرىشى ئىدى.

  «بۇ نىشان ئىشقا ئاشقاندا، مەن چوقۇم ئىشسىز قالغانلىقىمدىن خۇشال بولىمەن» دېدى ماھىنۇر.

  ( 4 )

  مۇھەببەت ئۇلۇغ روھنى تېخىمۇ ئۇلۇغلۇققا ئىگە قىلىدۇ.

  − ماھىنۇر نىيازنىڭ 6-قېتىملىق جۇڭگو دوختۇرلار بايرىمىدىكى قەسەم بېرىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدىن ئۈزۈندە

  «تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلەر ياخشى ئىكەن، خاتىرجەم بولۇڭ، خۇشال-خۇرام يۈرۈڭ، بىرنەچچە كۈندىن كېيىن ئوغلىڭىز كېلىپ سىزنى دوختۇرخانىدىن ئېلىپ چىقىپ كېتىدۇ...» ئېڭىشىپ تۇرۇپ، مەڭزىنى ياشانغان ئاپپاينىڭ يۈزىگە يېنىك ياقتى، يوتقىنىنى ئوڭشاپ قويدى، سېستراغا بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ۋاقتىدا ئۆلچەشنى تاپىلىدى...

  كېسەلخانىدىكى تەكشۈرۈشتىن چىقىپ، ماھىنۇر سېسترالار باشلىقى كەرىمە ياقۇپنى قولى بىلەن ئىشارەت قىلىپ چاقىردى.

  «ۋاقىت چىقىرىپ 31-كارىۋاتتىكى تويخان ئاپپايغا قېلىنراق ئاياغ ئېلىپ بېرىڭ، ئۆيىگە پۇتى ئىسسىق قايتسۇن» دېگىنىچە پۇلنى كەرىمەنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى.

  ئون نەچچە يىل ئۆتتى، ھەر قېتىم بۇ كۆرۈنۈشنى ئويلىغاندا، كەرىمەنىڭ قەلبى يەنىلا ئىللىقلىققا تولىدۇ.

  «بەزىدە داۋالاپ ساقايتىدۇ، پات-پات ياردەم بېرىدۇ، دائىم تەسەللى بېرىدۇ»، دوختۇر بەلكىم مۇشۇنداق بولۇشى كېرەك.

  2010-يىلى قىش كۈنلىرىنىڭ بىرى ئىدى، بىر جۈپ ياشانغان ئەر-خوتۇن نومۇر ئالمايلا ئىشىكنى ئىتتىرىپ كىردى. ئۇلار كېرىيە ناھىيەسىدىن كەلگەن، خوتۇنىغا بىرمۇبىر تەكشۈرۈش جەريانىدا بالىياتقۇ بوينى راكى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانىدى.

  بوۋاي غالىلداپ تىترىگەن ھالدا سومكىسىدىن بىر باغلام كونا پارچە پۇللارنى چىقىرىپ، ماھىنۇردىن خوتۇنىنى قۇتقۇزۇۋېلىشنى ئۆتۈندى.

  ماھىنۇرنىڭ دىماقلىرى ئېچىشقاندەك بولدى، ئۇ ئاغرىقنى قوبۇل قىلىشنى دەرھال ئورۇنلاشتۇردى.

  يېزىلاردىكى ئاغرىقلار كېسەل كۆرسەتسە، كېسەلخانىدا يېتىپ داۋالانسا، ئاساسلىقى يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا تايىناتتى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، موماينىڭ ئىسمى خاتا تىزىملىنىپ قالغاچقا، يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئىشلەتكىلى بولمايدىغانلىقى مەلۇم بولدى.

  «ئاغرىقلارنىڭ بىر قېتىم كېلىشى ئاسان ئەمەس، ياردەم قىلالامسىز!» ماھىنۇر شۇ چاغدىكى ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتىگە بېرىپ، يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتا ئىشخانىسىنىڭ ئىشىكىنى چەكتى.

  «بەك تەسىرلەندۇق، بىر چوڭ مۇتەخەسسىس ئەزەلدىن تونۇشمايدىغان ئاغرىق ئۈچۈن بۇنچە ئاۋارە بوپتۇ.» خىزمەتچى خادىم دەرھال ماقۇل بولدى.

  بىر كۈندىن كېيىن، رەسمىيەت بېجىرىلىپ بولدى، موماينىڭ ئوپېراتسىيەسى ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولدى.

  «ئامال قىلىپ باقايلى، ئۇلارنى قايتۇرۇۋەتسەك بولمايدۇ-دە.» كېسەلخانىدا كارىۋات قىس بولغاچقا، ئۇ دائىم سېسترالار باشلىقىغا كارىۋات «قوشۇش»نى ئېيتاتتى، لېكىن ئەزەلدىن بىرەر قېتىممۇ ئۇرۇق-تۇغقان، دوستلىرى ئۈچۈن قىلىپ باقمىدى. ئۇنى «قائىدىگە خىلاپلىق» قىلدۇرغىنى ھەمىشە ئاشۇ قىيىن ئەھۋالدا قالغان ئاغرىقلار ئىدى.

  كۆز ئالدىدىكىسى ئاغرىق، قەلبىگە پۈككىنى ئادەم ئىدى.

  «سىنچايغا نان چىلاپ يېسىڭىز قانداق بولىدۇ!» شۇنىڭ بىلەن، سۈت، تۇخۇم ئاغرىقلارنىڭ كارىۋات بېشىدا ھازىر بولدى؛

  «ئۆيگە قايتىدىغان يول خىراجىتىڭىز يېتىشمەيدىغاندۇ؟» شۇنىڭ بىلەن، ئاپتوموبىل بېلىتى ئاغرىقلارنىڭ يۈك-تاقلىرى ئارىسىغا سېلىپ قويۇلدى؛

  «گەرچە ئاغرىپ قالغان بولسىڭىزمۇ، بايرامنى ياخشى ئۆتكۈزۈشىڭىز كېرەك.» شۇنىڭ بىلەن، قىزىل بولاق ئاغرىقنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇلدى.

  ...

  بۇ چوڭقۇر مۇھەببەت ئاغرىقلارنى خۇددى كۈمۈش رەڭلىك ئاي نۇرى دېڭىزىدا تۇرغاندەك ھېس قىلدۇرۇپ، جىسمى ۋە قەلبىنى داۋالاپ ساقايتاتتى.

  ئوخشاشلا «داۋالاپ ساقايتىلغان»لاردىن يەنە بىللە ئىشلەۋاتقان ئاق خالاتلىق پەرىشتىلەرمۇ بار ئىدى.

  سېسترالار باشلىقى شۈ پېيفېڭ ئەينى چاغدا ئەمدىلا خىزمەتكە قاتناشقان بولۇپ، بىر ئاغرىققا جىددىي قان سېلىش كېرەك ئىدى، ماھىنۇر شۈ پېيفېڭنى تېزدىن قان ئامبىرىغا بېرىپ قان ئېلىپ كېلىشكە ئالدىراتتى.

  ئۇدا بىرنەچچە جەدۋەل تولدۇرۇپ، قان ئامبىرىدىكى خادىملارنىڭ قان سەپلىشىنى كۈتتى... تۇنجى قېتىم قان ئېلىش تەرتىپىنى ماڭغاچقا، ئۇ بەك جىددىيلىشىپ كەتتى! ئۇدا بىرنەچچە قېتىم سۈيلىگەندىن كېيىن، قارشى تەرەپنىڭ يۈزى قارىداپ، ئۇنىڭغا بىرنەچچە ئېغىز كايىدى.

  كۆز ياشلىرىنى زورىغا بېسىۋېلىپ، يول بويى يۈگۈرۈپ قاننى ئوپېراتسىيە سۇپىسىغا ئېلىپ كەلدى. ئوپېراتسىيەدىن چۈشكەندىن كېيىن، ماھىنۇر ئۇنىڭ بېشىنى يېنىك سىلاپ تۇرۇپ: «ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىدىڭىزمۇ؟ لېكىن ئويلاپ بېقىڭ، ئاغرىق سىزنىڭ تىرىشچانلىقىڭىز بىلەن قۇتقۇزۇۋېلىندى، بۇ نېمىدېگەن ياخشى ئىش-ھە.» شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ ئاغرىقلارنى كۆڭلىگە پۈكسىلا، ھەرقانداق ئۇۋالچىلىققا چىدىغىلى بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلدى.

  كوللېكتىپ كەنتكە بېرىپ بىرمۇبىر تەكشۈرمەكچى بولغاندا، كۆپچىلىكنىڭ سالامەتلىكىدىن چاتاق چىقىشىدىن ئەنسىرەپ، ماھىنۇر ھەمىشە دائىم ئىشلىتىدىغان دورىلارنى تەييارلاپ ئېلىۋالاتتى.

  ماھىنۇر ئىجتىمائىي ئالاقىنى ياقتۇرۇپ كەتمەيتتى، ئەمما بايراملاردا دائىم چوڭ بىر قازان پولۇ ئېتىپ، گۆش سېلىپ، خىزمەتداشلىرىنى ئۆيىگە كېلىپ ئوپچە تاماق يېيىشكە تەكلىپ قىلاتتى.

  ئۇنىڭ بۆلۈمىدە ماھىنۇر ئەركىن ئىسىملىك بىر ياش دوختۇر بار ئىدى. ئىسمى ماھىنۇر مۇئەللىمنىڭ ئىسمىغا ئوخشاش بولغاچقا، نۇرغۇن ئاغرىق ئىسمىغا قاراپلا ئۇنىڭ ئالدىغا كېسەل كۆرسەتكىلى كېلەتتى.

  «مېنىڭمۇ مۇئەللىمگە ئوخشاش چاقناپ تۇرىدىغان نۇرلۇق ئادەم بولغۇم بار» دېدى ئۇ.

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ