مۇھىم خەۋەرلەر

ئاتۇشلۇقلار پۇتبولنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدۇ؟ 80 ياشلىق بۇ بوۋايغا قارىسىڭىزلا بىلىسىز

2023.11.17 00:03 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 16-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، 2023-يىللىق «ئاتۇش لوڭقىسى» شىنجاڭ پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسىدە پۇتبولنى قىزغىن سۆيىدىغان 80 ياشلىق بوۋاينىڭ ياشىنىپ قالغان، تېنى ئاجىزلىقىغا قارىماي مۇسابىقە مەيدانىدا پەيدا بولغان كۆرۈنۈشى توردا مودا بولدى.

  سىن كۆرۈنۈشىدە، بوۋاي چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان بولۇپ، بىر توپ ياشلار چاقلىق ئورۇندۇق بىلەن كۆتۈرۈپ ئۇنى مۇسابىقە مەيدانىغا ئېلىپ كىردى، ئولىشىۋالغان ئامما بەس-بەستە يول بېرىپ بوۋاينىڭ مەيدانغا كىرىشىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن بوشلۇق ھازىرلاپ بەردى، نەق مەيداندىكى كۆرۈنۈش ئىنتايىن ئىللىق بولدى.

  بۇ سىن تورغا چىقىرىلغاندىن كېيىن تورداشلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى، تورداشلار «مانا بۇ شىنجاڭنىڭ تەنتەربىيە روھى»، «شىنجاڭ پۇتبولچىلىرى غەيرەت قىلىڭلار»، «ئۇنىڭ بالىسى ۋاپادار ئىكەن، بوۋاينىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپتۇ»، «پۇتبول بىر تۈرلۈك تەنھەرىكەت بولۇپلا قالماستىن يەنە بىر خىل روھ» دېيىشتى.

  ئىگىلىنىشىچە، 11-ئاينىڭ 11-كۈنى 2023-يىللىق «ئاتۇش لوڭقىسى» شىنجاڭ پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى قىزىلسۇ ئوبلاستلىق تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپ تەنتەربىيە مەيدانىدا داغدۇغىلىق باشلانغان بولۇپ، بۇ مۇسابىقە 12 كۈن داۋاملىشىدۇ، شىنجاڭدىكى سەككىز ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىكى توققۇز كوماندىدىن كەلگەن 216 تەنھەرىكەتچى گۇرۇپپا مۇسابىقىسى شەكلىدە 20 مەيدان مۇسابىقە ئۆتكۈزىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ