خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 16-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۈرۈمچى ۋوگزالىغا كېچىدە يېتىپ كەلگەن يولۇچىلارنىڭ ۋاقتىدا شەھەر رايونىغا بېرىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، يېقىندا ئۈرۈمچى شەھىرى كېچىلىك ئاپتوبۇس لىنىيەسى ئاچتى، ئاپتوبۇسلار شەھەر رايونىدىكى ئاساسلىق بېكەتلەرگە قاتنىدى. كېچىلىك ئاپتوبۇسنى ئاممىۋى قاتناش كارخانىلىرى مەسئۇل بولۇپ ئىشقا سېلىپ، قەرەلسىز جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇپ ئاپتوبۇس ماڭدۇرۇش ئەندىزىسىنى قوللىنىدىغان بولۇپ، ۋوگزالدىن چىقىدىغان يولۇچىلارنىڭ سانى بىر قەدەر كۆپ بولغاندا تىجارەتنى باشلايدۇ.
11-ئاينىڭ 6-كۈنى كېچىدە تۇنجى قېتىم ئاپتوبۇس قاتناپ، ئۈرۈمچى ۋوگزالىدىن تيانشان رايونى، سايباغ رايونى، بۇلاقتاغ رايونى ۋە يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭى شەھەر رايونى)غا قاراپ يولغا چىقتى، چوڭ تىپتىكى سودا چەمبىرىكى ۋە ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدىن ئۆتۈدىغان 12 ئاممىۋى ئاپتوبۇس ئورۇنلاشتۇرۇلدى. شۇ كۈنى سائەت 24 نىڭ ئالدى-كەينىدە، پويىز كېچىكىپ كەلگەنلىكتىن كەچ قالغان مىڭدىن ئارتۇق يولۇچى ئارقا-ئارقىدىن ۋوگزالدىن چىقتى، ۋوگزال سۇپىسى رادىيوسىدا كېچىلىك ئاپتوبۇسنىڭ يولغا قويۇلغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇر ۋاقتىدا ئاڭلىتىلدى، نەق مەيداندا پىدائىيلار ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، يولۇچىلارنى پويىزغا چىقىش نۇقتىسىغا يېتەكلىدى. ئەتىسى سەھەر سائەت 1 دە ۋوگزالدىكى يولۇچىلارنىڭ ھەممىسى تارقاقلاشتۇرۇلۇپ بولۇندى ھەمدە ھەرقايسى بېكەتلەرگە بىخەتەر يەتكۈزۈلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ