مۇھىم خەۋەرلەر

روزىگۈل ھەدە رەھمەت سىزگە!

2023.06.12 14:40 مەنبە: خەلق تورى

  يېقىندا باي ناھىيەسىنىڭ چوڭكۆۋرۈك يېزىسى كونا مەھەللە كەنتىدىكى روزىگۈل قۇربان مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرىسىنى تەقدىم قىلىپ، قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىر بىمارنى يېڭى ھاياتلىققا ئېرىشتۈردى.

  بۇ يىل 40 ياشقا كىرگەن روزىگۈل قۇربان 2020-يىلى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك قىزىل كىرېست جەمئىيىتى تەشۋىق قىلىش، سەپەرۋەر قىلىش پائالىيىتى قانات يايدۇرغاندا، جۇڭخۇا يىلىك ئامبىرىغا قوشۇلۇپ، شەرەپلىك ھالدا پىدائىي بولدى. بۇ يىل 5- ئايدا، باي ناھىيەلىك قىزىل كىرېست جەمئىيىتىدىكى خادىملار ئۇنىڭغا ئۇنىڭ بىر بىمار بىلەن تىپىنىڭ ماس كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  روزىگۈل قۇربان شىنجاڭ تېببىي داشۆسىدە ئوقۇۋاتقان قىزى بىلەن يىلىكىنى تەقدىم قىلسا، سالامەتلىكىدە مەسىلە كۆرۈلىدىغان ياكى كۆرۈلمەيدىغانلىقى ھەققىدە مەسلىھەتلەشتى، قىزى مەسىلە كۆرۈلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاپىسىنىڭ قارارىنى قوللىدى. يۇقىرى پەرقلىقتە تىپنى ماشلاشتۇرۇش ۋە ئومۇميۈزلۈك سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئارقىلىق روزىگۈل قۇربان قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرە تەقدىم قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلدى.

  ئۇزاق ئۆتمەي روزىگۈل قۇربان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىغا باردى، قان ئېلىش پىلانى ناھايىتى تېزلا بېكىتىلدى، دوختۇرلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ ئوكۇلى ئۇرۇلۇپ، 6-ئاينىڭ 5-كۈنى 179 مىللىلېتىر قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرە سۇسپېنزىيەلىك سۇيۇقلۇقى مۇۋەپپەقىيەتلىك يىغىۋېلىندى.

  روزىگۈل قۇربان ئىنئامىنى قوبۇل قىلغۇچىنىڭ يازغان خېتىنى ئوقۇغاندىن كېيىن ناھايىتى تەسىرلەنگەنلىكىنى، گەرچە ئۇنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلمىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭمۇ بىر ئانا ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ قىلغىنىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

  قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرە تەقدىم قىلىش توغرىسىداتەقدىم قىلىنىدىغان قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرە ئەتراپتىكى قاندىن ئېلىنىدۇ، ئۇسۇلى ھەقسىز قان تەقدىم قىلىش ماشىنىسىدا قان پىلاستىنكىسى ئېلىشقا ئوخشايدۇ. قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرە تەقدىم قىلىش ھەقسىز قان تەقدىم قىلىشقا ئوخشاش بىخەتەر، ئىلمىي، سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزمەيدۇ. ئەگەر سىزنىڭ يېشىڭىز 18 ياشتىن 45 ياشقىچە بولۇپ، تېنىڭىز ساغلام، ھەقسىز قان تەقدىم قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلسىڭىز، دائىملىق تۇرۇشلۇق جايدا ھەقسىز قان تەقدىم قىلىشقا قاتنىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، «قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرىنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تەقدىم قىلغۇچى ماقۇلنامىسى»نى تولدۇرۇپ، تەخمىنەن 8 مىللىلىتىر قان تەقدىم قىلسىڭىزلا، جۇڭخۇا يىلىك ئامبىرىغا قوشۇلالايسىز.

  قان ياسىغۇچى غول ھۈجەيرىنى كۆچۈرۈش ئاق قان كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشتىكى ئاساسلىق داۋالاش ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىجتىمائىي مەدەنىيەت دەرىجىسىنىڭ ئىلگىرىلىشىگە ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ ئىدىيەۋى قارىشىدا زور ئۆزگىرىشلەر بولدى، قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرە تەقدىم قىلىشقا قارىتا تېخىمۇ ئىلمىي، چوڭقۇر تونۇشقا ئىگە بولدى، قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرە تەقدىم قىلغۇچىلار تېخىمۇ كۆپەيدى.

  مېھىر-شەپقەت يەتكۈزگەن روزىگۈل ھەدىمىزنى ئالقىشلايمىز!

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ