مۇھىم خەۋەرلەر

چېن كەي قاراماي شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقلىقىغا سايلاندى

2023.06.02 14:41 مەنبە: خەلق تورى

  چېن كەينىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

  چېن كەي، ئەر، خەنزۇ، 1981-يىلى 9-ئايدا تۇغۇلغان، ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، پەلسەپە دوكتورى ئۇنۋانىغا ئىگە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى، قاراماي شەھەرلىك 15-نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شەھەر باشلىقلىقىغا سايلانغان.

  5-ئاينىڭ 31-كۈنى قاراماي شەھەرلىك 15-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ غەلىبىلىك يېپىلدى.

  يىغىنغا ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسى لى فېڭتاڭ رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىننىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىرىدىن شى گاڭ، لى فېڭتاڭ، شۈ شۆۋېي، ۋاڭ بىڭ، چېن كېپىڭ، مەمەت يولۋاس، شۆ خۇڭشۈن، گۇ خۇڭفېي، سۈن فەن قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالدى.

  چېن كەي، پېڭ شىنپىڭ، خې جېن، شيۇڭ يۆۋېي، جاڭ يۈ، ئابلىز توختى، يۈەن شىنياڭ قاتارلىق رەھبەرلەر رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

  بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 249 نەپەر بولۇپ، ئەمەلىي قاتناشقىنى 190، قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

  يىغىندا بېلەت نازارەتچىسى، باش بېلەت نازارەتچىلىرىنىڭ ئىسىملىكى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى. يىغىندا نامسىز ئاۋاز بېرىش ئۇسۇلى قوللىنىلىپ، چېن كەي قاراماي شەھەرلىك 15-نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شەھەر باشلىقلىقىغا سايلاندى.

  چېن كەي ئىپادە بىلدۈرۈپ شەھەرلىك پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى، شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ نازارەت قىلىشى ۋە قوللىشى ئاستىدا، ھۆكۈمەت بەنزىسىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، سادىقلىق بىلەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، شەھەر تەرەققىياتى، خەلقنىڭ بەختى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي ئىش قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە شەھەرلىك پارتكومنىڭ خىزمەت تەلىپىنى تولۇق، توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ ئەمەلىي ھەرىكىتى ۋە خىزمەت نەتىجىسى ئارقىلىق پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولىدىغانلىقى؛ پۇختا قەدەم بىلەن تەرەققىياتنى كۆزلەپ، شەھەرلىك پارتكوم بېكىتكەن «بىر ئاساس، كۆپ مەنبەلىك» كەسىپ تەرەققىيات تەپەككۇرى بويىچە، بىر پىلاننى ئاخىرىغىچە تۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، شەھەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرىدىغانلىقىنى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى؛ ئاساسىي مەقسەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق، ئۇللۇق، تولۇق كاپالەتلىك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ياخشى تۇتۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ياخشى ھەل قىلىپ، شەھەر خەلقىنى تېخىمۇ بەختلىك، تېخىمۇ سۈپەتلىك تۇرمۇشقا ۋە ئىززەت- ھۆرمەتكە ئىگە قىلىدىغانلىقىنى؛ پاك، تەلەپچان بولۇشتا ئۈلگە بولۇپ، دۇرۇس ئىستىل، توغرا كەيپىيات ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى قوغدايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى شى گاڭ مۇنداق دېدى: ھازىر قاراماي ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە، شۇنداقلا كەڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى بولغان ئىگىلىك تىكلەش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ. شەھەردىكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بولغان ئامما پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ روھىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك پارتكوم 8-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلىپ، «تۆت ئاڭ» نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بەلگىلەنگەن نىشان بويىچە يىلمۇيىل ئىشلىشى، ئىشلارنى بىر-بىرلەپ بېجىرىشى كېرەك. شەھەردىكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بولغان ئامما پۈتۈن كۈچى بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، قاراماينىڭ ئاپتونوم رايون بويىچە تۇنجى بولۇپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئالغا سىلجىتىشى ئۈچۈن ئىناق، مۇقىم، ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ قاراماي ئەمەلىيىتىدە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ تېز ئىلگىرىلەش كۇنۇپكىسىنى بېسىشى كېرەك؛ ئاممىغا رىشتە باغلاپ، شۇ جايغا بەخت يارىتىشنى ئۆز ۋەزىپىمىز قىلىپ، ئىستىلنى ياخشىلاپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، قاراماينىڭ ئاپتونوم رايون بويىچە باشلامچىلىق بىلەن زامانىۋىلىشىشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ئامما رازى بولىدىغان دەۋر جاۋاب قەغىزىنى تىرىشىپ يېزىپ، قاراماينى تېخىمۇ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىشمىز كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ