شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 5 ـ قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇنداق تەكىتلىدى

مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك

2023.05.30 09:33 مەنبە: خەلق تورى

  ■ مائارىپ گۈللەنسە دۆلەت گۈللىنىدۇ، مائارىپ كۈچەيسە دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ. مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك يول باشلىغۇچى، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن ـ تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تىرەك، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئۈنۈملۈك يول، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىكى ئۇل قۇرۇلۇش. پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلغان مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە كۈچلۈك تاقابىل تۇرۇپ، جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، مائارىپنىڭ كۈچى ئارقىلىق خەلق بەخت ـ سائادىتىنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاپ، مائارىپنى كۈچەيتىش ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئاساسىنى پۇختىلاپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك

  ■ پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مائارىپنى دۆلەتنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى، پارتىيەنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش مۇھىم، زور تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى دەۋر مائارىپ ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولدى. دۆلىتىمىز دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ مائارىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇش تەرەققىيات ئومۇمىي سەۋىيەسى دۇنيادىكى ئوتتۇرا، يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەتلەر قاتارىغا كىردى. مۆلچەرلىنىشىچە، دۆلىتىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى كۆرسەتكۈچى يەرشارى بويىچە 23 ـ ئورۇندا بولۇپ، 2012 ـ يىلىدىكىدىن 26 ئورۇن ئۆرلىگەن بولۇپ، تەرەققىياتى ئەڭ تېز دۆلەت ھېسابلىنىدىكەن. بۇ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مائارىپ تەرەققىيات يولىنىڭ تامامەن توغرا ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بەردى

  ■ بىز قۇرماقچى بولغان مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى، جەزمەن پارتىيەنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنى تۈپ كاپالەت، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى تۈپ ۋەزىپە، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى تۈپ نىشان، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە مۇلازىمەت قىلىشنى مۇھىم بۇرچ، مائارىپ ئىدىيەسى، سىستېمىسى، تۈزۈمى، مەزمۇنى، ئۇسۇلى، ئىدارە قىلىشنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئاساسىي يول، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تىرەك بولۇش، يېتەكچىلىك قىلىشنى يادرولۇق فۇنكسىيە قىلىپ، ئاخىرىدا خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى يولغا قويۇش كېرەك

  ■ قانداق ئادەم تەربىيەلەش، ئادەمنى قانداق تەربىيەلەش، كىم ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش مائارىپتىكى تۈپ مەسىلە، شۇنداقلا مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتىكى يادرولۇق تېما. بىزنىڭ مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتىكى مەقسىتىمىز دەل ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد يېتىشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا چوڭ ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان، ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالالايدىغان ياراملىق ئىختىساسلىقلارنى ئەۋلادمۇئەۋلاد يېتىشتۈرۈپ، پارتىيە ئىشلىرى ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇلۇشىغا ئىزباسار يېتىشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت. قەتئىي بوشاشماي يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق روھنى تاۋلاپ ئادەم تەربىيەلەپ، تىرىشىپ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارنى مۇستەھكەم غايە ـ ئېتىقاد تۇرغۇزۇپ، مەڭگۈ پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، ئىرادىسىدىن قايتماي دۆلەت ۋە خەلق ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاشقا يېتەكلەش كېرەك. ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا ـ باشلانغۇچ مەكتەپ ئىدىيەۋى ـ سىياسىي تەربىيەسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىدىيەۋى ـ سىياسىي دەرسىنىڭ قاراتمىلىقى ۋە جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك

  ■ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ھەر دەرىجىلىك، ھەر تۈرلۈك مائارىپنىڭ جان تومۇرى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك

  ■ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىشنى مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى قىلىش كېرەك

  ■ مائارىپ چوڭ دۆلىتىدىن مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتىگە ئايلىنىش بىر سىستېما خاراكتېرلىك ھالقىش ۋە سۈپەت ئۆزگىرىشى بولۇپ، جەزمەن ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىش كېرەك

  ■ مائارىپنى سىرتقا ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسى ۋە تاكتىكىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «كىرگۈزۈش» ۋە «چىقىرىش»تىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان مائارىپ بايلىقى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئامىللىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، دۆلىتىمىزنى قۇدرەتلىك تەسىر كۈچكە ئىگە دۇنيادىكى مۇھىم مائارىپ مەركىزىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك

  ■ مائارىپنى كۈچەيتىشتە جەزمەن ئالدى بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنى كۈچەيتىش كېرەك

  ■ مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق ۋەزىپىسى. پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيە كومىتېتى بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، پارتىيە كومىتېتى بىلەن ھۆكۈمەت تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان، تارماقلار ھەرقايسىسى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان مائارىپ رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا باشتىن ـ ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، تەشكىلىي رەھبەرلىك، تەرەققىيات يىرىك پىلانى، بايلىق كاپالىتى، خىراجەت سېلىنمىسى جەھەتتە سالماقنى زورايتىشى كېرەك. مەكتەپ، ئائىلە، جەمئىيەت زىچ ھەمكارلىشىپ، ئوخشاش يۆنىلىشتە كۈچەپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى ئەمەلىيىتىگە پائال ئاتلىنىپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى ئىشلىرىنى ئورتاق ياخشى يولغا قويۇشى كېرەك

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 5 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش توغرىسىدا 5 ـ قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: مائارىپ گۈللەنسە دۆلەت گۈللىنىدۇ، مائارىپ كۈچەيسە دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ. مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك يول باشلىغۇچى، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن ـ تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تىرەك، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئۈنۈملۈك يول، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىكى ئۇل قۇرۇلۇش. پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلغان مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە كۈچلۈك تاقابىل تۇرۇپ، جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، مائارىپنىڭ كۈچى ئارقىلىق خەلق بەخت ـ سائادىتىنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاپ، مائارىپنى كۈچەيتىش ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئاساسىنى پۇختىلاپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  چىڭخۇا داشۆ پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى چيۇ يۇڭ بۇ مەسىلە توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى، خىزمەت تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار چۈشەندۈرۈشنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ ئۆتتى ھەم مۇزاكىرە قىلدى.

  شى جىنپىڭ چۈشەندۈرۈش ۋە مۇزاكىرىنى ئاڭلاپ ئۆتكەندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مائارىپنى دۆلەتنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى، پارتىيەنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش مۇھىم، زور تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى دەۋر مائارىپ ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولدى. دۆلىتىمىز دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ مائارىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇش تەرەققىيات ئومۇمىي سەۋىيەسى دۇنيادىكى ئوتتۇرا، يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەتلەر قاتارىغا كىردى. مۆلچەرلىنىشىچە، دۆلىتىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى كۆرسەتكۈچى يەرشارى بويىچە 23 ـ ئورۇندا بولۇپ، 2012 ـ يىلىدىكىدىن 26 ئورۇن ئۆرلىگەن بولۇپ، تەرەققىياتى ئەڭ تېز دۆلەت ھېسابلىنىدىكەن. بۇ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مائارىپ تەرەققىيات يولىنىڭ تامامەن توغرا ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بەردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بىز قۇرماقچى بولغان مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى، جەزمەن پارتىيەنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنى تۈپ كاپالەت، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى تۈپ ۋەزىپە، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى تۈپ نىشان، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە مۇلازىمەت قىلىشنى مۇھىم بۇرچ، مائارىپ ئىدىيەسى، سىستېمىسى، تۈزۈمى، مەزمۇنى، ئۇسۇلى، ئىدارە قىلىشنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئاساسىي يول، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تىرەك بولۇش، يېتەكچىلىك قىلىشنى يادرولۇق فۇنكسىيە قىلىپ، ئاخىرىدا خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى يولغا قويۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: قانداق ئادەم تەربىيەلەش، ئادەمنى قانداق تەربىيەلەش، كىم ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش مائارىپتىكى تۈپ مەسىلە، شۇنداقلا مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتىكى يادرولۇق تېما. بىزنىڭ مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتىكى مەقسىتىمىز دەل ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد يېتىشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا چوڭ ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان، ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالالايدىغان ياراملىق ئىختىساسلىقلارنى ئەۋلادمۇئەۋلاد يېتىشتۈرۈپ، پارتىيە ئىشلىرى ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇلۇشىغا ئىزباسار يېتىشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت. قەتئىي بوشاشماي يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق روھنى تاۋلاپ ئادەم تەربىيەلەپ، تىرىشىپ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارنى مۇستەھكەم غايە ـ ئېتىقاد تۇرغۇزۇپ، مەڭگۈ پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، ئىرادىسىدىن قايتماي دۆلەت ۋە خەلق ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاشقا يېتەكلەش كېرەك. ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا ـ باشلانغۇچ مەكتەپ ئىدىيەۋى ـ سىياسىي تەربىيەسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىدىيەۋى ـ سىياسىي دەرسىنىڭ قاراتمىلىقى ۋە جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. توردا ئادەم تەربىيەلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئالاقە تورى دەۋرىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى ـ سىياسىي خىزمىتى ۋە ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ھەر دەرىجىلىك، ھەر تۈرلۈك مائارىپنىڭ جان تومۇرى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك. مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنىڭ ئاساسىي نۇقتىسى ئاساسىي مائارىپتا. ئاساسىي مائارىپ قانچە پۇختا ئىشلەنسە، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش قەدىمى شۇنچە پۇختا، زاپاس كۈچى شۇنچە يېتەرلىك بولىدۇ. ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدار، بىخەتەر، ئەلا سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك، تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلىشىغا ۋە شەھەر ـ يېزىلارنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئاساسىي مائارىپتا ھەم ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم ئاساسىنى پۇختىلاش، ھەم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلىم ـ پەننى قەدىرلەش، نامەلۇم ئىشلار ئۈستىدە ئىزدىنىش قىزىقىشىنى قوزغاپ، ئۇلارنىڭ ئىزدىنىش خاراكتېرلىك، ئىجادىي خاراكتېرلىك تەپەككۇر پەزىلىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئىلمىي بولغان ئىختىساسلىقلار قارىشى، ئىختىساسلىقلاردىن بولۇش قارىشى، مائارىپ قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، مائارىپنىڭ مەنپەئەتلىشىش خاھىشىنى تېزدىن ئۆزگەرتىپ، ساغلام مائارىپ مۇھىتى ۋە ئېكولوگىيەسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنىڭ باشلامچىسى ئالىي مائارىپ. جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان داشۆ ۋە ئەۋزەل پەنلەرنى تېز بەرپا قىلىشنى ئەڭ مۇھىم ئىش دەپ بىلىپ، ئاساسىي پەنلەر، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان پەنلەر، گىرەلەشمە پەنلەر قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، دۇنيا پەن ـ تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى سېپى ۋە دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىنى نىشانلاپ، پەن تەتقىقاتتا يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئەسلىي يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ئومۇمىي خەلق ئۆمۈرۋايەت ئۆگىنىدىغان ئۆگىنىشچان جەمئىيەت، ئۆگىنىشچان چوڭ دۆلەت قۇرۇپ، ھەممە ئادەم ئۆگىنەلەيدىغان، ھەممە جايدا ئۆگىنەلەيدىغان، ھەر ۋاقىت ئۆگىنەلەيدىغان بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ مائارىپنى قوبۇل قىلىش دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئادەم كۈچى بايلىقىنى ئېچىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىشنى مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى قىلىش كېرەك. مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى، پەن ـ تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئىچكى بىردەكلىككە ۋە بىر ـ بىرىگە تىرەك بولۇش خاراكتېرىگە ئىگە، بۇ ئۈچىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان ھەسسىلەپ ئېشىش ئېففېكتىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئىلىم ـ پەن مائارىپى، قۇرۇلۇش مائارىپىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىدىغان سەرخىل ئىختىساسلىقلارنى ئۆز ئالدىغا يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ئىختىساسلىقلار تىرىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدىكى ئىختىساسلىقلارنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى ۋە كەمتۈكلۈك ئەھۋاللىرىنى سىستېمىلىق تەھلىل قىلىپ، پەن ـ تېخنىكىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىگە ئاساسەن، دىققەتنى دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئالىي مائارىپ پەنلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشىنى ھەرىكەت ھالىتىدە تەڭشەپ ئەلالاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئىختىساسلىقلار ۋە جىددىي ئېھتىياجلىق، قىس ئىختىساسلىقلارنى نىشانلىق يېتىشتۈرۈپ، مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولۇش كۈچى، تۆھپە قوشۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. كەسپىي مائارىپ، ئالىي مائارىپ، ئۈزلۈكسىز مائارىپنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، كەسپىي مائارىپ بىلەن ئادەتتىكى مائارىپنىڭ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنىڭ، پەن تەتقىقات بىلەن مائارىپنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى ساپالىق تېخنىكا ـ ماھارەت ئىختىساسلىقلىرى، چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرى، ھۈنەر ـ سەنئەت ماھىرلىرىنى ئۈزلۈكسىز يېتىشتۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مائارىپ چوڭ دۆلىتىدىن مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتىگە ئايلىنىش بىر سىستېما خاراكتېرلىك ھالقىش ۋە سۈپەت ئۆزگىرىشى بولۇپ، جەزمەن ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىش كېرەك. سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئادەم تەربىيەلەش شەكلى، مەكتەپ باشقۇرۇش ئەندىزىسى، باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى، كاپالەت مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان بارلىق ئىدىيەۋى قاراش ئاسارىتى ۋە تۈزۈلمە ـ مېخانىزم توسالغۇلىرىنى قەتئىي بۇزۇپ تاشلاپ، مائارىپنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. مائارىپ ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مائارىپ ساھەسىدىكى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى، ھەرقايسى ھالقىلىرىغا سىڭدۈرۈپ، مائارىپنىڭ شەھەر بىلەن يېزىلار ئوتتۇرىسىدىكى، رايونلار ئوتتۇرىسىدىكى، مەكتەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى، كىشىلەر توپى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقىنى كىچىكلىتىپ، تىرىشىپ ھەربىر بالىنى ئادىل ھەم سۈپەتلىك مائارىپتىن بەھرىمەن قىلدۇرۇپ، ئاممىنىڭ «ياخشى مەكتەپتە ئوقۇش» ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى مائارىپنى باھالاش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆپ مەنبەلىك ئاساسىي گەۋدىلەر قاتنىشىدىغان، جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، دۇنياۋى سەۋىيەگە ئىگە بولغان مائارىپ باھالاش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. دەرسلىك قۇرۇلۇشى ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىش ۋە قىممەت يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئۇلنى چىڭىتىپ روھنى تاۋلايدىغان، بىلىمنى ئاشۇرۇپ، ئەقىلنى ئۇرغۇتىدىغان سەرخىل دەرسلىكلەرنى كۆڭۈل قويۇپ تۈزۈش كېرەك. مائارىپنى رەقەملەشتۈرۈش دۆلىتىمىزنىڭ مائارىپ تەرەققىياتىنىڭ يېڭى مۇسابىقە يولىنى ئېچىش ۋە مائارىپ تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئەۋزەللىكىنى يارىتىشتىكى مۇھىم بۆسۈش ئېغىزى. رەقەملىك مائارىپنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىپ، خاسلاشقان ئۆگىنىش، ئۆمۈرۋايەت ئۆگىنىش، ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىش ۋە مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئۈنۈملۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مائارىپنى سىرتقا ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسى ۋە تاكتىكىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «كىرگۈزۈش» ۋە «چىقىرىش»تىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان مائارىپ بايلىقى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئامىللىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، دۆلىتىمىزنى قۇدرەتلىك تەسىر كۈچكە ئىگە دۇنيادىكى مۇھىم مائارىپ مەركىزىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. يەرشارىۋى مائارىپنى ئىدارە قىلىشقا پائال قاتنىشىپ، «جۇڭگوغا كېلىپ ئوقۇش» داڭلىق ماركا قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، جۇڭگو تەجرىبىسىنى تارقىتىپ، جۇڭگو ساداسىنى ياڭرىتىپ، دۆلىتىمىز مائارىپىنىڭ خەلقئارادىكى تەسىر كۈچى ۋە سۆز ھوقۇقىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مائارىپنى كۈچەيتىشتە جەزمەن ئالدى بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنى كۈچەيتىش كېرەك. ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتىكى ئەڭ مۇھىم ئۇل خىزمەت سۈپىتىدە تۇتۇپ، جۇڭگوچە ئوقۇتقۇچىلار مائارىپى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلىق پەزىلىتى ئالىيجاناب، كەسىپتە كامالەتكە يەتكەن، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق، ھاياتىي كۈچكە تولغان يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈش ۋە بەرپا قىلىش كېرەك. ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىدىغان ئىجتىمائىي كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سىياسىي ئورنى، جەمئىيەتتىكى ئورنى، كەسپىي ئورنىنى ئۆستۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلىقنى جەمئىيەتتە ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان كەسىپلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرۇپ، مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنىڭ قىزغىن كەيپىياتتا ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىش، كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىش، ئۇزاق مۇددەت ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىش، ئۆمۈرلۈك ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىشىغا مەدەت بېرىش ۋە جەلپ قىلىش كېرەك. ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنى غايە ـ ئېتىقادىنى مۇستەھكەملەپ، ئەخلاق ـ پەزىلىتىنى تاۋلاپ، پۇختا بىلىم يېتىلدۈرۈپ، مېھرىبان قەلب يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلەپ، «ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەش، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇشتا مەن بار» دېگەن ئىرادە ۋە غايىنى تۇرغۇزۇپ، ئۈچ چى كېلىدىغان دەرس مۇنبىرىنى چىڭ ساقلاپ، قېتىرقىنىپ ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشكە يېتەكلەش كېرەك.

  شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنداق تەكىتلىدى: مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق ۋەزىپىسى. پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيە كومىتېتى بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، پارتىيە كومىتېتى بىلەن ھۆكۈمەت تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان، تارماقلار ھەرقايسىسى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان مائارىپ رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا باشتىن ـ ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، تەشكىلىي رەھبەرلىك، تەرەققىيات يىرىك پىلانى، بايلىق كاپالىتى، خىراجەت سېلىنمىسى جەھەتتە سالماقنى زورايتىشى كېرەك. مەكتەپ، ئائىلە، جەمئىيەت زىچ ھەمكارلىشىپ، ئوخشاش يۆنىلىشتە كۈچەپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى ئەمەلىيىتىگە پائال ئاتلىنىپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى ئىشلىرىنى ئورتاق ياخشى يولغا قويۇشى كېرەك. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى ئىشەنچنى چىڭىتىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى نىشانىنى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشىشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ