مۇھىم خەۋەرلەر

«96556» قىزىق لىنىيەسى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئايرودۇرۇملارنى قاپلىدى

2023.05.31 14:38 مەنبە: خەلق تورى

  شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى شىنجاڭدىكى ئايرودۇرۇملارنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، «تيەنيۈەن» ئانا ماركىسىنى ئاساس قىلغان ئانا - بالا مۇلازىمەت ماركىسى باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، «بىر يادرولۇق تېما، ئۈچ چوڭ مەخسۇس مۇلازىمەت ۋە بەش چوڭ مۇلازىمەت بالا ماركا»دىن ئىبارەت مۇلازىمەت ماركىسى سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى. «96556» ئايرودۇرۇم مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى دەل مۇشۇ ماركا سىستېمىسىدىكى چولپان مۇلازىمەت مەھسۇلاتىدۇر. 2021- يىل 3- ئاينىڭ 15ـ كۈنى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان، مۇلازىمەت دائىرىسى شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھىغا قاراشلىق 24 ئايرودۇرۇمنى قاپلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ شىنجاڭدىكى ئايرودۇرۇملارنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتىنى نازارەت قىلىش ۋە ئەرز ـ شىكايەتلەرنى بىرتۇتاش قوبۇل قىلىش تېلېفونى ھېسابلىنىدۇ.

  يولۇچىلارنىڭ توردا ساقلاش ۋاقتىنى ئازايتىش ئۈچۈن،«96556» ئايرودۇرۇم ئابۇنىچىلار مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاۋازلىق سۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمىتى ۋە توردىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئابۇنىچىلار ئىقتىدارىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى، يولۇچىلار 96556-0991 گە تېلېفون قىلىپ «شياۋچى» ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاۋازلىق ئابۇنىچىلار مۇلازىمىتىدىن بىۋاسىتە سوئال سورىسا بولىدۇ، ئاۋازلىق ئەسكەرتمىگە ئاساسەن مۇناسىپ مۇلازىمەتنى تاللىسىمۇ بولىدۇ،«ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايرودۇرۇمى» ھۆكۈمەت تەرەپ ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسىنى قۇشۇۋېلىپ،«ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئابۇنىچىلار مۇلازىمىتى» بۆلىكى ئارقىلىق، «مەخسۇس باشقۇرغۇچى» مۇلازىمىتىنى ئاچسىمۇ بولىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىر بىللە، «96556» قىزىق لىنىيەسىنىڭ «ئەرز بولسا چوقۇم بېجىرىش»، «24 ×7سائەت» پۈتۈن كۈن مۇلازىمەت تەلەپلىرىنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ، يولۇچىلارنىڭ ئەرز- شىكايەتلىرىنىڭ ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، «96556» شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى ئەرز- شىكايەت قوبۇل قىلىش تېلېفونىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، 12326 مەملىكەتلىك پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى مۇلازىمەت سۈپىتىنى نازارەت قىلىش سۇپىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ 12345 ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى خەلققە قولايلىق قىزىق لىنىيەسى، ئايرودۇرۇمدا تۇرۇشلۇق ھەرقايسى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى بىلەن يولۇچىلارنىڭ مۇلازىمەت تەلەپلىرىنى توپلاش، ھەمتۈرتكە مېخانىزمى ئورنىتىپ، يولۇچىلارنىڭ غەم ـ ئەندىشىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەل قىلىپ، يولۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، يولۇچىلارنىڭ سەپىرىگە كاپالەتلىك قىلىپ، يولۇچىلارنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى ۋە سەپەرگە چىقىش تەسىراتلىرىنى ياخشىلىدى، يولۇچىلارغا تېخىمۇ ياخشى بولغان «سەپەر راۋان بولۇش، غەم-ئەندىشە بولماسلىق»تەك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ