خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2021-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى، شىنجاڭ لوپنۇر ناھىيەسى چېگراسى ئىچىدىكى تەكلىماكان قۇملۇقىغا قار ياغدى، بىر-بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەن قۇم بارخانلىرى خۇددى كۈمۈش لىباس كىيگەندەك بولۇپ، بۇلۇت، تۇمانلار ئاسماندا چىرمىشىپ، قۇملۇق، توغراق، كۆللەر گاھ غايىب بولۇپ، گاھ كۆرۈنۈپ، خۇددى چۆچەكلەر دۇنياسىغا ئوخشاپ قالدى. تەكلىماكان قۇملۇقىدا قار يېغىش بىر قەدەر ئاز كۆرۈلىدۇ، شۇڭا نۇرغۇن فوتو سۈرەت ھەۋەسكارلىرىنى جەلپ قىلدى.
2021-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى لوپنۇر ناھىيەسىگە جايلاشقان لوپنۇر كۆلىدە، كۈمۈش لىباس كىيگەن قۇملۇق، توغراق ۋە كۆللەردە بىر پارچە گۈزەل يۆگىمە رەسىم شەكىللەندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ