مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ 13-نۆۋەتلىك ئاسىيا-ياۋروپا باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتناشتى

11-ئاينىڭ 25-كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 13-نۆۋەتلىك ئاسىيا-ياۋروپا باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتناشتى ھەم يېتەكلەش خاراكتېرلىك سۆز قىلدى. يىغىن سىن كۆرۈنۈشى شەكلىدە ئۆتكۈزۈلدى.

2021.11.29 10:14 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 26-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ11-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا 13-نۆۋەتلىك ئاسىيا-ياۋروپا باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتناشتى ھەم يېتەكلەش خاراكتېرلىك سۆز قىلدى (يىغىن سۆزىنىڭ تولۇق تېكىستىنى 2-نۇسخىدىن كۆرۈڭ)، كامبودژا باش ۋەزىرى خۇڭسېن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. 53 ئەزادىن كەلگەن رەھبەرلەر ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى. يىغىن سىن كۆرۈنۈشى شەكلىدە ئۆتكۈزۈلدى.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل ئاسىيا-ياۋروپا يىغىنى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 25 يىللىقى. 25 يىلدىن بۇيان، ئاسىيا-ياۋروپا يىغىنى ئەزالىرىنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشى ئۈزۈكسىز ئېشىپ، ئالاقە، ھەمكارلىقى سىجىل چوڭقۇرلاشتى. رەئىسشى جىنپىڭ مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: ھەرقايسى دۆلەتلەر قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. نۆۋەتتە، خەلقئارا ۋەزىيەتتە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، يېڭى تىپلىق تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرى چوڭقۇر، دۇنيا ئىقتىسادى ئەگرى-توقاي ئەسلىگە كېلىۋاتىدۇ، قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى ئارقا-ئارقىدىن كۆرۈلۈۋاتىدۇ. بۇ قېتىمقى يىغىندا «كۆپ تەرەپچىللىكنى كۈچەيتىش، ئورتاق ئېشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش« باش تېما قىلىنغان بولۇپ، يىغىنىمىز چوڭقۇر رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇش دۇنيا تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى توغرا تاللاش. ھەرقايسى دۆلەتلەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېما، خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى قوغداپ، تېخىمۇ كەڭ دۇنياۋى نەزەر، تېخىمۇ ئۇزاق مۇددەتلىك تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىق، تېخىمۇ ئاڭلىق بولغان خەلقئارا مەسئۇلىيەت بىلەن دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغدىشى كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: يۇقۇم ئەھۋالى خىرىسىغا دۇچ كەلگەندە، ۋاكسىنا ۋە دورا تەتقىق قىلىپ ئېچىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۇنيا ئاممىۋى سەھىيە تۈزەش سىستېمىسىنى ئورتاق مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ يۇقۇمدىن كېيىنكى جانلىنىشىنى تەرەققىياتنى كۆزلەش بىلەن تىپ ئۆزگەرتىشنى ئۆز ئارا ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇش، جۇڭگو دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات، يېشىل تىپلىق ئۆزگەرتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىنتايىن جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك. ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق مەنپەئەتلىنىش روھىدا، يۇغۇرما ھەمتۈرتكىلىك تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، خادىملار ئالاقىسىدىكى «تېز يول» ۋە مال ئوبوروتىدىكى «يېشىل يول» تورىنى تېز بەرپا قىلىپ، يەر شارىۋى كەسىپلەر زەنجىرىدىكى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىم، راۋان بولۇشىنى قوغداش كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشتا چىڭ تۇرۇش ئاسىيا-ياۋروپا خەلقىنىڭ بىر-بىرىنى چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم يولى. مائارىپ، مەدەنىيەت، ساياھەت، تەنتەربىيە، ئاقىللار ئامبىرى، تاراتقۇ قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىپ، ئارتۇقچىلىقلارنى قوبۇل قىلىپ، كەمچىلىكلەرنى تولۇقلاپ، ئورتاق ئىلگىرىلەش كېرەك. جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا فوندىنى داۋاملىق قوللايدۇ، ئاسىيا-ياۋروپا ياشلار رەھبەرلىرى پىكىر ئالماشتۇرۇشلا گېرى ئۆتكۈزۈشنى خالايدۇ ھەمدە ئاسىيا-ياۋروپادىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پائال قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: قىيىنچىلىق ۋە خىرىس ئالدىدا، ئاسىيا-ياۋروپا دۆلەتلىرى ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلەقىلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق مەنپەئەتلىنىش روھىدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان، ئورتاق گۈللىنىدىغان كۈچلۈك قوزغاتقۇچ كۈچ بەرپا قىلسىلا، ئاسىيا-ياۋروپا ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، ئاسىيا-ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ يېڭى كەلگۈسىنى ئورتاق كۈتۈۋالالايدۇ.

  يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ۋەكىللىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاسىيا-ياۋروپا يىغىنى كۆپ تەرەپلىك مۇھىم سۇپا بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاسىيا-ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئاسىيا-ياۋروپا ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش، كۆپ تەرەپچىللىك ۋە خەلقئارا تەرتىپنى قوغداشتا مۇھىمرول ئوينىدى. يېڭى تىپلىق تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇم ئەھۋالى شارائىتىدا ھەرقايسى تەرەپلەر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، كېڭىشىپ بىرلىككە كېلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىش روھى بويىچە ئاسىيا-ياۋروپا ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقئارا ۋە رايون خىرىسىغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، كۆپ تەرەپچىللىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداپ، يەر شارىۋى كەسىپ زەنجىرى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. 4-قېتىملىق كەسىپ ئىنقىلابى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭىلىق يارىتىش، رەقەملىك ئىقتىساد، ئۆزئارا ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، نامراتلارنى ئازايتىش، ئاممىۋى سەھىيە، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق دۇنياۋى خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل، سىغدۇرۇشچان ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايوندىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشىمىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ